سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

ئۈرۈمچى تۆمۈريول ئىدارىسى ئالاھىدە يولۇچىلارنى ئالاھىدە مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەيدۇ

مۇھەررىر: ۋۇ ۋېنشيا
مەنبەسى: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-01-11

    چاغانلىق يولۇچى توشۇش مەزگىلىدە، ئۈرۈمچى تۆمۈريول ئىدارىسى ئالاھىدە نۇقتىلىق يولۇچىلارنى ئالدىن كېلىشىدىغان ئالاھىدە مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەيدىغان بولۇپ، ياردەمچى ئۈسكۈنە بىلەن ھەرىكەت قىلىدىغان بىمارلار، ياشانغان ۋە مېيىپ يولۇچىلار ئالدىن كېلىشكەندىن كېيىن ۋوگزالغا كىرىش، چىقىش، پويىزغا چىقىش، چۈشۈشتە ياردەمگە ئېرىشەلەيدىكەن ھەمدە يۈتكەن نەرسىلەرنى تېپىش مۇلازىمىتى قاتارلىق مۇلازىمەتتىن بەھىرلىنەلەيدىكەن. يولۇچىلار 12306 تور بېتى، يانفون APP دېتالى، تۆمۈريول 12306 ئۈندىدار سالونى قاتارلىق ۋاستىلەر بىلەن ئالاھىدە مۇلازىمەتنى ئالدىن كېلىشسە بولىدىكەن.

    مۇخبىرنىڭ 9-يانۋار ئۈرۈمچى تۆمۈريول ئابونتلار مۇلازىمەت مەركىزىدىن ئىگىلىشىچە، 2017-يىللىق چاغانلىق يولۇچى توشۇش مەزگىلىدە ئۈرۈمچى تۆمۈريول ئىدارىسى 12306 ئابونتلار مۇلازىمەت مەركىزىنى ئاساس قىلىپ، يولۇچىلارغا تېخىمۇ قۇلايلىق شارائىت ياراتقان.(تامام)

[ۋۇ ۋېنشيا]
010020070830000000000000011100001359738311