سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

ئۈرۈمچى: ئىمپورت قىلىنغان قىسىمەن گىرىم بۇيۇملىرىنىڭ باھاسى چۈشتى

مۇھەررىر: ۋۇ ۋېنشيا
مەنبەسى: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-01-11

   گۈزەللىكنى سۆيگۈچى خانىم-قىزلارغا خۇش خەۋەر كەلدى. يېڭى يىل كىرىشى بىلەن، ئىمپورت گىرىم بۇيۇملىرىنىڭ ئىستېمال بېجى تۆۋەنلىتىلگەنلىكتىن، مەركىزى شەھەر ئۈرۈمچىدىكى ھەرقايسى چوڭ سودا سارايلىرىدىكى قىسمەن مەھسۇلاتلارنىڭ باھاسى تەڭشەلدى. 9-يانۋار، مۇخبىرنىڭ ھەرقايسى چوڭ سودا سارايلىرىنىڭ گىرىم بۇيۇملىرى مەخسۇس رايونلىرىدىن ئىگىلىشىچە، EsteeLauder ۋەDiorقاتارلىق داڭلىق ماركىدىكى گىرىم بۇيۇملىرىنىڭ باھاسى %3~%11 گىچە تۆۋەنلىگەن. بۇ قېتىملىق باھا چۈشۈش ئاساسلىقى رەڭلىك گىرىم بۇيۇملارغا قارىتىلغان ئىكەن. ئىگىلىنىشچە، بۇلتۇر 1-ئۆكتەبىر، مالىيە مىنىستىرلىقى، دۆلەتلىك باج باش ئىدارىسى گىرىم بۇيۇملىرى ئىستېمال بېجىنى تەڭشەش سىياسىتى ئېلىپ بارغان. ئالاقىدار ئورۇنلارنىڭ ئۇقتۇرۇش قىلىشىچە، بۇلتۇر 1-ئۆكتەبىردىن باشلاپ، ئېلىمىز ئادەتتىكى ھۆسن گۈزەللەشتۈرۈش، ھۆسىن تۈزەش تۈرىدىكى گىرىم بۇيۇملارغا قارىتا ئىستېمال بېجىنى بىكار قىلغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، «گىرىم بۇيۇملىرى» بېجى تۈرىنىڭ نامى «ئالىي دەرىجىلىك گىرىم بۇيۇملىرى» بېجى تۈرىگە ئۆزگەرتىلگەن، بۇنىڭدا باج ئېلىنىدىغان دائىرە ئالىي دەرىجىلىك ھۆسن گۈزەللەشتۈرۈش، ھۆسىن تۈزەش تۈرىدىكى گىرىم بۇيۇملار، ئالىي دەرىجىلىك تېرە ئاسراش تۈرىدىكى گىرىم بۇيۇملار ۋە يۈرۈشلۈك گىرىم بۇيۇملارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.(تامام)

[ۋۇ ۋېنشيا]
010020070830000000000000011100001359738301