سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

نىيە ناھىيەسىدىن لوپ ناھىيەسىگىچە 256 كىلومېتىرلىق يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول ياسىلىدۇ

مۇھەررىر: ۋۇ ۋېنشيا
مەنبەسى: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-01-11

    مۇخبىرنىڭ يېقىندا ئىگىلىشىچە، خوتەننىڭ نىيە ناھىيەسىدىن لوپ ناھىيەسىگىچە يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول ياسىلىدىغان بولۇپ، نۆۋەتتە چارلاش- لايىھەلەش، خېرىدار چاقىرىش باسقۇچىدا تۇرۇۋېتىپتۇ.

    بۇ لىنىيەنى 256.176 كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتا، تۆت ئاپتوموبىل بىرلا ۋاقىتتا قاتنىيالايدىغان قىلىپ ياساش پىلانلانغان.

    ئىگىلىنىشىچە، نىيە-لوپ يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول تۈرى ئاپتونوم رايوننىڭ ئاساسىي قۇرۇلۇش پىلانىغا كىرگۈزۈلگەن، بۇ تۈر خوتەن ۋىلايىتىنىڭ شەرقىدا بولۇپ، شەرقتە بايىنغۇلىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى بىلەن قوشنا، غەربتە قەشقەر ۋىلايىتى بىلەن، شىمالدا ئاقسۇ ۋىلايىتى بىلەن تۇتىشىدۇ.

    بۇ تۈرنىڭ چارلاش-لايىھەلەش، خېرىدار چاقىرىش باسقۇچى ئىككى بۆلەككە بۆلىنىدىغان بولۇپ، 2017-يىلى 25-فېۋرالدىن بۇرۇن دەسلەپكى چارلاش- لايىھەلەش باسقۇچى تاماملىنىدىكەن، لېكىن كونكرېت قۇرۇلۇش باشلاش ۋاقتى تېخى ئېنىق ئەمەس ئىكەن.(تامام)

[ۋۇ ۋېنشيا]
010020070830000000000000011100001359738271