سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى : ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ چاغانلىق پاراۋانلىقى نورمال تارقىتىلىدۇ

مۇھەررىر: ۋۇ ۋېنشيا
مەنبەسى: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-01-11


    چاغان يېتىپ كېلىش ئالدىدا تۇرماقتا. مۇخبىرنىڭ 9-يانۋار، ئاپتونوم رايونلۇق باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىدىن ئىگىلىشىچە، بايراملىق ھال سوراش بۇيۇملىرى، قىيىنچىلىقى بار ئىشچى-خىزمەتچىلەر ۋە ئائىلىلەر ئېرىشىشكە تېگىشلىك ياردەم ۋە ئىشچىلار ئۇيۇشما ئەزالىرىنىڭ پاراۋانلىقى ئىلگىرىكى يىللارغا ئوخشاش، ئۆلچەم بويىچە نورمال تارقىتىلىدىكەن.

    2015-يىلى، ئاپتونوم رايونلۇق باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى تەشكىلاتلىرىنىڭ ھېيت ـ بايراملاردا پاراۋانلىق ۋە ھال سوراش بۇيۇملىرىنى تارقىتىشىغا يېتەكچىلىك قىلىش پىكرىنى ئوتتۇرىغا چىقاردى. «پىكىر»دە، «ھەر يىللىق ھېيت-بايرام» چاغان، چوكانتال بايرىمى، تاۋۇز چاغىنى، دۆلەت بايرىمى، قۇربان ھېيت قاتارلىق دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايون بېكىتكەن قانۇنلۇق ھېيت-بايراملارنى كۆرسىتىدۇ؛ «بايراملىق ھال سوراش بۇيۇملىرى» بولسا جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئەنئەنە-قائىدىسىگە مۇۋاپىق كېلىدىغان بۇيۇملار ۋە ئىشچى-خىزمەتچى، ئاممىغا كېرەكلىك تۇرمۇش بۇيۇملارنى كۆرسىتىدۇ، مەسىلەن: ئاي توقاچ، زوڭزا، تۇغۇلغان كۈن تورتى ياكى گۈرۈچ، ئۇن، ماي قاتارلىقلار.

    شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى بارلىق ئىشچىلار ئۇيۇشما ئەزالىرىنىڭ بىر يىل ئىچىدىكى بارلىق بايراملاردا تارقىتىلغان ھال سوراش پاراۋانلىقى 1200 يۈەندىن ئېشىپ كەتمەسلىك كېرەك، دەپ بەلگىلەنگەن. بۇ پۈتۈن مەملىكەت ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىدىن يۇقىرى.(تامام)

[ۋۇ ۋېنشيا]
010020070830000000000000011100001359737081