سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

قابا ناھىيەسىدە ئاز ئۇچرايدىغان كۈل رەڭ تاغ بۆدۈنىسى بايقالدى

مۇھەررىر: ۋۇ ۋېنشيا
مەنبەسى: تەڭرىتاغ ئۇيچۇرچە تورى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-01-11

    يېقىندا، بىر توپ كۈل رەڭ تاغ بۆدۈنىسى شىنجاڭ قابا ناھىيەسى چىغانچى كەنتىدىكى قارلىق دالىدا ئوزۇقلۇق ئىزدىمەكتە.

    چىغانچى كەنتى قابا ناھىيەسى سارتام يېزىسىدىكى بىر مەمۇرىي كەنت. بۇ كەنت يېقىنقى يىللاردىن بۇيان يۇقىرىنىڭ بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە ئېكولوگىيەلىك مۇھىت قۇرۇلۇشى ۋە ئېكولوگىيەلىك قوغداشنى ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشتىكى بىر تۈرلۈك چوڭ ئىش قاتارىغا قويۇپ، مۇھىت ئاسراشنى كۈچەيتتى. كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئۆزلىكىدىن مۇھىت ئاسراش ۋە ياۋايى ھايۋانلارنى قوغداشتەك ياخشى ئادىتى بار بولغاچ، بۇ جايغا كېلىپ ياشايدىغان ياۋايى قۇشلارنىڭ تۈرى ۋە سانى ئېشىپ، ھەتتا بىر قىسىم ئاز ئۇچرايدىغان قۇشلارمۇ بۇ يەرگە كېلىپ ماكانلاشتى.

    كۈل رەڭ تاغ بۆدۈنىسى تېنىنىڭ ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 30 سانتىمېتىر كېلىدىغان بولۇپ، بىر خىل ئوتتۇرھال تەن تىپىدىكى كۈل رەڭ قوڭۇر بۆدۈنە ئائىلىسىگە تەۋە. كۈل رەڭ تاغ بۆدۈنىسى مەملىكىتىمىزدە پەقەت شىنجاڭنىڭ غەربىي شىمالدىكى تارباغاتاي ۋە جۇڭغار ئويمانلىقىغا تارقالغان بولۇپ، ئاز ئۇچرايدىغان قۇش تۈرىگە تەۋە.

[ۋۇ ۋېنشيا]
010020070830000000000000011100001359737061