سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

2016-يىلى ئېلىمىزنىڭ ساياھەتچىلىكتىن قىلىنغان ئومۇمىي كىرىمى 3 تىرىللىيون 900 مىليارد يۈەنگە يەتتى

مۇھەررىر: ئابىدە
مەنبەسى: خەلق تورى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-01-11

    دۆلەت ساياھەتچىلىك ئىدارىسىنىڭ 9-يانۋار ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، 2016- يىلى، مەملىكەت ئىچىدىكى ۋە چەت ئەلدىن كەلگەن ساياھەتچىلەرنىڭ سانى مۇقىم ئاشقان بولۇپ، چەت ئەلگە چىقىپ ساياھەت قىلىش مۇۋاپىق دەرىجىدە تەرەققىي قىلغان. ساياھەتچىلىك ئىقتىسادى ئۈزلۈكسىز ھالدا ماكرولۇق ئىقتىساد ئېشىش سۈرئىتىنىڭ ئالدىدا مېڭىپ، مۇقىم ئېشىش، قۇرۇلمىنى تەڭشەش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈشتىكى مۇھىم كۈچكە ئايلانغان. پۈتۈن يىلدا مەملىكەت ئىچىدىكى ساياھەتچى 4 مىليارد 440 مىليون ئادەم قېتىمغا يېتىپ، بۇلتۇرقى شۇ مەزگىلدىكىدىن %11 ئاشقان؛ ساياھەتچىلىكتىن قىلىنغان ئومۇمىي كىرىم 3 تىرىللىيون 900 مىليارد يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى شۇ مەزگىلدىكىدىن %14 ئاشقان.‏(تامام)‏

[ئابىدە]
010020070830000000000000011100001359736291