سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

جاڭ جىڭزې مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى پارتكومىنىڭ شۇجىسى بولدى

مۇھەررىر: ئابىدە
مەنبەسى: خەلق تورى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-01-11

    دۆلەت مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى ھۆكۈمەت تور بېكىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ج ك پ دۆلەت مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ 2016- يىلى 11- ئاينىڭ 29- كۈنىدىكى مۇھاكىمە قىلىشى ۋە ج ك پ بېيجىڭ شەھەرلىك پارتكومنىڭ ماقۇللىشى بىلەن، يولداش جاڭ جىڭزې مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى پارتكومىنىڭ شۇجىلىق ۋەزىپىسىنى قوشۇمچە ئۆتەيدىكەن؛ يولداش ئې يېتەي ئۇنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش ياش چەكلىمىسى توشۇپ قالغانلىق تۈپەيلىدىن، ئەمدى مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى پارتكومىنىڭ شۇجىسى، پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ۋە پارتكومنىڭ ئەزاسى قاتارلىق ۋەزىپىلىرىنى ئۆتىمەيدىكەن.

    ماتېرىيالدا كۆرسىتىلىشىچە، جاڭ جىڭزې ئىلگىرى شىمالىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى پارتكومىنىڭ شۇجىسى ۋە دۆلەت مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى بەنگۇڭتىڭىنىڭ مۇدىرى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن، ئۇ يېقىندا دۆلەت مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ مەخسۇس ھەيئەت ئەزاسى بولدى (مۇئاۋىن مىنىستىر دەرىجىلىك).‏(تامام)‏

[ئابىدە]
010020070830000000000000011100001359736211