سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

‹‹ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات››تىن ئۈزۈندىلەر

مۇھەررىر: مەريەمگۈل
مەنبەسى: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-01-11

     2016 – يىلدىكى يارقىن نۇقتىلارغا قايتا نەزەر

    بىز ئۆتكەن بىر يىلدا ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيى ۋە پارتىيە 18 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 3 –، 4 –، 5 –، 6 – ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇردۇق، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ۋە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى چوڭقۇر ئەمەلىيلەشتۈردۇق، مەركەزنىڭ 2 – قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق 9 – قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىنىڭ تۈرلۈك تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇردۇق، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ يېڭى نورمال ھالىتىگە پائال ماسلاشتۇق، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇردۇق، تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈردۇق، ئىجتىمائىي مۇقىملىق، ئىقتىسادىي تەرەققىيات، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش قۇرۇلۇشى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە دىن ئىناقلىقى جەھەتتىكى خىزمەتلەرنى بىر تۇتاش ئىلگىرى سۈرۈپ، ‹‹13 – بەش يىل››دىكى خىزمەتلەرنى ياخشى باشلىۋالدۇق.

    ئىقتىسادنىڭ يۈرۈشۈشى ئومۇمىي جەھەتتىن تەكشى بولدى. مۆلچەرىمىزچە، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 955 مىليارد يۈەنگە يېتىپ، %7.6 ئاشىدۇ؛ ئىجتىمائىي ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ پارچە سېتىلىش ئومۇمىي سوممىسى 281 مىليارد 800 مىليون يۈەنگە يېتىپ، %8.2 ئاشىدۇ. ئىقتىسادنىڭ يۈرۈشۈشى مۇۋاپىق دائىرىدە بولۇپ، سالماقلىق ئاساسىدا مۇقىم بولۇۋاتقان، مۇقىملىق ئاساسىدا ياخشىلىنىۋاتقان ئومۇمىي ۋەزىيەت بارلىققا كەلدى.

    ئىقتىسادىي قۇرۇلمىنى ياخشى تەڭشىدۇق. 1 – كەسىپنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنى % 5.5 ئاشۇردۇق، يېزا ئىگىلىكى ۋە يېزا ئىقتىسادىنى سىجىل، مۇقىم تەرەققىي قىلدۇردۇق. ئاشلىقنى 15 مىليون 350 مىڭ توننىغا يەتكۈزۈپ، ھوسۇلنى ئۇدا توققۇز يىل ئاشۇردۇق. كېۋەز تېرىقچىلىقىنى ئەۋزەل ئىشلەپچىقىرىش رايونلىرىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، مەھسۇلاتنى 4 مىليون 200 مىڭ توننىدىن ئاشۇرۇپ،%2.6 كۆپەيتتۇق. 2 – كەسىپنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنى %5.6 ئاشۇردۇق. 3 – كەسىپنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنى %9.9 كۆپەيتتۇق، بۇنىڭ ئىقتىسادنى ئاشۇرۇشقا قوشقان تۆھپىسىنىڭ نىسبىتى %58.9 بولدى. ساياھەتچىلىكنىڭ تەرەققىياتى كۈچلۈك بولدى.

    خەلق تۇرمۇشىنى داۋاملىق ياخشىلىدۇق. مالىيەدە ئېغىر قىيىنچىلىق كۆرۈلگەن ئەھۋالدىمۇ، خەلق تۇرمۇشى چىقىمى ئادەتتىكى جامائەت خامچوت چىقىمىنىڭ %74.7 ىنى ئىگىلىدى. شەھەر – بازار ئاھالىسىنىڭ ئىلكىدىكى كىرىمنى 28 مىڭ 240 يۈەنگە يەتكۈزۈپ، %7.5 ئاشۇردۇق؛ يېزا ئاھالىسىنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان كىرىمىنى 10 مىڭ 180 يۈەنگە يەتكۈزۈپ، %8 ئاشۇردۇق. 600 مىڭدىن ئارتۇق كىشىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇردۇق.

    ئىجتىمائىي ئىشلارنى ئۈزلۈكسىز راۋاجلاندۇردۇق. يېزا بالىلىرىنى ئۈچ يىللىق يەسلى مائارىپى بويىچە ئاساسەن تولۇق تەربىيەلىدۇق. شەھەر – يېزا ئاھالىسىنىڭ سالامەتلىكىنى ھەقسىز تەكشۈرۈشنى ئاساسىي جەھەتتىن تولۇق ئىشقا ئاشۇردۇق. 400 مىڭ ئائىلىگە رادىيو – تېلېۋىزىيە يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك تاماملىدۇق. 13 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزدۇق.

    ئېكولوگىيەنى قوغداشنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتتۇق. مۇھىت ئاسراش نىزام سىستېمىسىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈردۇق، پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ مۇھىت ئاسراش ئېڭىنى يەنىمۇ ئۆستۈردۇق. 17 ناھىيە (شەھەر)نى دۆلەتنىڭ نۇقتىلىق ئېكولوگىيەلىك فۇنكسىيە رايونى دائىرىسىگە يېڭىدىن كىرگۈزدۇق. ئېنېرگىيە تېجەش، بۇلغىما ئازايتىشتا كۆزلىگەن نىشانغا ئومۇميۈزلۈك يەتتۇق.

    بىز بىر يىلدىن بۇيان، ئاساسلىقى، تۆۋەندىكى خىزمەتلەرنى چىڭ تۇتتۇق:

    1) جەمئىيەتنىڭ ئومۇمىي مۇقىملىقىنى پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن قوغدىدۇق

    زوراۋانلىققا، تېررورلۇققا قاتتىق زەربە بېرىش مەخسۇس ھەرىكىتىنى كەڭ قانات يايدۇردۇق، جەمئىيەت باشقۇرۇش سەۋىيەسىنى يەنە بىر بالداق ئۆستۈردۇق. ھەر مىللەت ئاممىنىڭ بىخەتەرلىك تۇيغۇسى يەنىمۇ ئاشتى. ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› خىزمىتىنى كەڭ قانات يايدۇردۇق، ھەر مىللەت ئامما پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنى چىن يۈرىكىدىن تېخىمۇ ھىمايە قىلىدىغان ۋە قوللايدىغان بولدى.

    2) ئىقتىسادنىڭ سىجىل، ساغلام تەرەققىي قىلىشىغا پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن تۈرتكە بولدۇق

    ئىشلەپچىقىرىش ئوشۇقچىلىقىنى پائال كېمەيتىپ، قالاق ئىشلەپچىقىرىش ئۇسۇللىرىنى قەتئىي شاللىدۇق؛ سېتىلمىغان ئۆيلەرنىڭ سېتىلىشىنى ئۈنۈملۈك ئىلگىرى سۈردۇق؛ پۇل مۇئامىلىسى خەتىرىنى تۈگىتىش خىزمىتىنى ھەقىقىي ياخشى ئىشلىدۇق؛ مەمۇرىي، كەسپىي ئورۇنلار ئالىدىغان ۋە ھۆكۈمەت فوندى ئۈچۈن ئېلىنىدىغان ھەق تۈرلىرىدىن 27 نى بىكار قىلدۇق، كېمەيتتۇق ياكى ئېلىشنى كېچىكتۈردۇق، كارخانا ئىشچى – خىزمەتچىلىرى تاپشۇرىدىغان ئىجتىمائىي سۇغۇرتىنىڭ ھەق نىسبىتىنى تۆۋەنلەتتۇق، توك ھەققى ۋە تۆمۈريول تىرانسپورت باھاسىنى يەنىمۇ چۈشۈرۈپ، كارخانىلارنىڭ يۈكىنى ئۈنۈملۈك يېنىكلەتتۇق. توقۇمىچىلىق ۋە كىيىم – كېچەك كەسپىنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇش، تېز ئۈنۈم بېرىدىغان قۇرۇلۇشلارنى يولغا قويۇش قاتارلىق تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، ھەر مىللەت ئاممىدىن 300 مىڭغا يېقىن كىشىنىڭ ئۆز جايىدا ۋە يېقىن ئەتراپتا ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولدۇق. شەھەر – بازاردا 455 مىڭ كىشىنى يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشتۇردۇق، يېزىلاردىكى ئېشىنچا ئەمگەكچىدىن 2 مىليون 750 مىڭدىن ئارتۇق كىشىنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇردۇق.

    نۇقتىلىق قۇرۇلۇشلارنى پائال ئىلگىرى سۈردۇق، تۇراقلىق مۈلۈككە تەخمىنەن 998 مىليارد 400 مىليون يۈەن مەبلەغ سالدۇق (دېھقان ئائىلىسىنى ئۆزى ئىچىگە ئالمايدۇ). بېيتۇن – ئالتاي تۆمۈريولى، غۇلجا – كۇچا 750 كىلوۋولتلىق توك يەتكۈزۈش، بېسىم ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى قاتارلىق 62 قۇرۇلۇشنى پۈتتۈرۈپ ئىشقا كىرىشتۈردۇق؛ كورلا – گۇلمۇد تۆمۈريولى، مىڭشۈي – قومۇل يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولى، ئۈرۈمچى رېلىسلىق قاتنىشىنىڭ بىرىنچى لىنىيەسى، يەكەن ئايرودۇرۇمى، ئاراتاش سۇچىلىق تۈگۈنى قاتارلىق زور بىر تۈركۈم قۇرۇلۇشلارنى داۋاملاشتۇردۇق؛ ئۈرۈمچى – كۈيتۈن يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولىنى ئۆزگەرتىش – كېڭەيتىش، تۇرپان ئايرودۇرۇمىنىڭ كاپالەتلەندۈرۈش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش، شەرقىي جۇڭغار – شەرقىي جۇڭگو±1100 كىلوۋولتلىق تۇراقلىق توك يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى ۋە يېزا ئېلېكتىر تورىنىڭ يېڭى نۆۋەتلىك دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش قۇرۇلۇشى، سارتوقاي سۇچىلىق تۈگۈنى قاتارلىق 72 نۇقتىلىق قۇرۇلۇشنى باشلىدۇق.

    مالىيەنىڭ مەبلەغ غەملەش شەكلىدە پائال يېڭىلىق ياراتتۇق، كاپىتال سېلىنمىسى، ئۆسۈم ياردىمى،PPP ئەندىزىسى قاتارلىق ئىجتىمائىي كاپىتالنى ئۇل ئەسلىھەلەر قۇرۇلۇشلىرىغا جەلپ قىلىپ،PPP غا جەمئىي 236 مىليارد 300 مىليون يۈەن مەبلەغ سالدۇق. ھۆكۈمەتنىڭ زايوم سوممىسىنى نورمىغا يەتكۈزۈپ، جەمئىي 106 مىليارد 520 مىليون يۈەن قىممىتىدە تۈرلۈك زايوم تارقاتتۇق؛ مۆلچەرىمىزچە، بۇ يىل ئادەتتىكى جامائەت خامچوت كىرىمى 129 مىليارد 900 مىليون يۈەن ئورۇندىلىپ، %2.4 تۆۋەنلەيدۇ؛ ئادەتتىكى جامائەت خامچوت چىقىمى 414 مىليارد 140 مىليون يۈەن ئورۇندىلىپ، %8.9 ئاشىدۇ.

    3) ئىسلاھات – ئېچىۋېتىشنى زور كۈچ بىلەن چوڭقۇرلاشتۇردۇق

    ئورگان ۋە كەسپىي ئورۇنلارنىڭ ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى تۈزۈمىنىڭ ئىسلاھاتىنى ئومۇميۈزلۈك باشلىدۇق. يېزىلارنىڭ يېڭىچە ھەمكارلىشىپ داۋالىنىش تۈزۈمى بىلەن شەھەر – بازار ئاھالىسىنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى تۈزۈمىنى بىرلەشتۈرۈپ، ناھىيە دەرىجىلىك ھۆكۈمەت دوختۇرخانىلىرىنىڭ ئۇنىۋېرسال ئىسلاھاتىنى سىجىل ئىلگىرى سۈردۇق. سودا تۈزۈمى ئىسلاھاتى ۋە شىنجاڭدىكى مەركەز كارخانىلىرىنى يەرلىكتە رويخەتكە ئېلىشنى پائال ئىلگىرى سۈردۇق. ئېلېكتىر ئېنېرگىيە تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتى ۋە ئېنېرگىيە ئۇنىۋېرسال ئىسلاھاتى سىنىقىنى باشلىدۇق. پاختىنىڭ نىشانلىق باھاسىنى ئىسلاھ قىلىش سىنىقىنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈردۇق. يېزا ئىگىلىكىنىڭ ‹‹ئۈچ خىل تولۇقلىما سىياسىتى›› ئىسلاھاتىنى چوڭقۇر ئەمەلىيلەشتۈردۇق. 32 ناھىيەدە يېزا يەرلىرىنىڭ ھۆددىگەرلىك ھوقۇقىنى بېكىتىش، تىزىملاش، كىنىشكا تارقىتىش سىنىقىنى يولغا قويدۇق. قومۇل ۋىلايىتىنى قومۇل شەھىرىگە ئۆزگەرتتۇق.

    دۆلەتنىڭ ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› ئىستراتېگىيەسى زور تارىخىي پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىنىڭ يادرولۇق رايون قۇرۇلۇشىنى تېزلەتتۇق. ئۈرۈمچى خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورت رايونى قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك باشلاپ، كونتېينېر مەركىزىي پونكىتىنى ئىشقا كىرىشتۈردۇق. چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا ئىشلىرى سىنىقىنى رەسمىي باشلىدۇق، ئۈرۈمچى تاموژنىسىدا بىرلەشمە تىرانسپورتنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مەركىزىنى ئىشقا كىرىشتۈردۇق. ئوتتۇرا ياۋروپا ۋە ئوتتۇرا ئاسىياغا قاتنايدىغان نۆۋەتچى پويىزلارنىڭ ئۈرۈمچى مەركىزى ئۆتىڭىنى دەسلەپكى قەدەمدە شەكىللەندۈردۇق. چېگرا ھالقىغان يېڭى ساياھەت لىنىيەلىرىنى ئاچتۇق. 5 – نۆۋەتلىك جۇڭگو ئاسىيا – ياۋروپا كۆرگەزمىسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزدۇق. چېگرا ھالقىغان خەلق پۇلى كەسىپلىرىنى پائال سىناق قىلدۇق.

    4) خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاشقا كۆپ كۈچ سەرپ قىلدۇق

    نامراتلارنى يۆلەپ روناق تاپقۇزۇش خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈردۇق. ئارخىپى تۇرغۇزۇلغان نامرات ئائىلىلەرنىڭ ئەھۋالىنى قايتا ئىگىلەپ، يۆلەش ئوبيېكتىلىرىنى تېخىمۇ جايىدا تاللاشقا ۋە ئارخىپ ئۇچۇرلىرىنىڭ تېخىمۇ چىن ۋە تەپسىلىي بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلدۇق. يېزىلارنىڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى تۈزۈمى بىلەن نامراتلارنى يۆلەپ روناق تاپقۇزۇش سىياسىتىنى ئۈنۈملۈك جىپسىلاشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئەمگەك ئىقتىدارىنى يوقاتقان ياكى قىسمەن يوقاتقان نامرات ئاھالىنىڭ ھەممىسىنى يېزىلارنىڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى دائىرىسىگە كىرگۈزۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشقا قۇربىتى يەتمەيدىغانلارنى سىياسەت بويىچە تولۇق كاپالەتلەندۈردۇق. چېگرا رايونلارنىڭ بىرىنچى سېپىدە ياشايدىغان ئاھالىگە بېرىلىدىغان ياردەم پۇلى ۋە چېگرا قوغداش ياردەم پۇلىنىڭ ئۆلچىمىنى ئۆستۈرۈپ، چېگرانى قوغداۋاتقان نامرات ئائىلىلەردىن شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغانلىرىنى يېزىلارنىڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى دائىرىسىگە كىرگۈزدۇق. 1 مىليارد 560 مىليون يۈەن مەبلەغ غەملەپ، نامراتلارنى يۆلەش بويىچە 7665 ئائىلىدىكى 26 مىڭ كىشىنى كۆچۈرۈش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويدۇق. ئىككى ناھىيەنىڭ نامراتلىق قالپىقىنى چۆرۈپ تاشلاش خىزمىتىنى تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىش ئاساسىدا، يەنە بەش ناھىيەنىڭ نامراتلىق قالىپىقىنى چۆرۈپ تاشلاپ، 810 نامرات كەنتنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇپ، ‹‹13 – بەش يىل››دىكى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى ياخشى باشلىدۇق.

    13 مىليارد 890 مىليون يۈەن ياردەم مەبلىغى ئورۇنلاشتۇرۇپ، خەلقنى ماكانلاشتۇرۇپ بېيىتىش قۇرۇلۇشى بويىچە 300 مىڭ يۈرۈش ئۆي سالدۇق، 191 مىڭ يۈرۈش كاپالەتلىك ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشىدا ئىش باشلىدۇق(مەبلەغ غەملىدۇق)؛ 6 مىليارد 500 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، 11 مىڭ كىلومېتىر يېزا تاشيولىنى ياسىدۇق؛ يېزىلارنىڭ ئىچىدىغان سۇ بىخەتەرلىكىنى مۇستەھكەملەش – دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ۋە ئەخلەتلەرنى بىر تەرەپ قىلىش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، يېزىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ۋە تۇرمۇش شارائىتىنى يەنىمۇ ياخشىلىدۇق. شەھەر – يېزىلارنىڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالەت پۇلىنى ئۆستۈرۈش قۇرۇلۇشى، قۇربى يەتمەيدىغانلارنىڭ داۋالىنىشىنى تولۇق كاپالەتلەندۈرۈش قۇرۇلۇشى ۋە ئومۇمىي خەلقنى ئىجتىمائىي سۇغۇرتىغا قاتناشتۇرۇش پىلانىنى يولغا قويدۇق، شەھەر – بازارلاردىكى ئىشچى – خىزمەتچىلەرنىڭ ئېغىر كېسەل سۇغۇرتىسى ۋە كۈتۈلمىگەن جىسمانىي زەخمە سۇغۇرتىسى تۈزۈمىنى ئورناتتۇق. داۋالاش ياردىمى تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، داۋالاش ياردەم راسخوتىنى ‹‹بىر كۆزنەك››تىلا دەرھال راسچوت قىلىش مۇلازىمىتىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويدۇق. قىيىنچىلىقى بار مېيىپلەرگە تۇرمۇش ياردەم پۇلى بېرىش ۋە ئېغىر مېيىپلەرگە كۈتۈنۈش ياردەم پۇلى بېرىش تۈزۈمىنى ئورناتتۇق. ئومۇمىي خەلقنىڭ سالامەتلىكىنى تەكشۈرۈش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزدا ئومۇمىي خەلقنىڭ سالامەتلىكىنى ھەقسىز تەكشۈرۈشنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇردۇق. جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتا ئومۇمىي خەلقنىڭ سالامەتلىكىنى ھەقسىز تەكشۈرۈش نىسبىتى %100 كە يەتتى.

    ئىجتىمائىي ئىشلارنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇردۇق. يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش سىناق رايونى قۇرۇلۇشىنى باشلاپ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى بىلەن بولغان پەن – تېخنىكا شېرىكلىك پىلانىنى يولغا قويدۇق. پەن تەتقىقات ئاپپاراتلىرى ۋە خادىملىرىنى يېڭىلىق يارىتىشقا ۋە پەن تەتقىقات نەتىجىلىرىنى ئەمەلىي ئىشلەپچىقىرىش كۈچىگە ئايلاندۇرۇشقا ئىلھاملاندۇرىدىغان سىياسەت، تەدبىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويدۇق. پەننى ئومۇملاشتۇرۇش خىزمىتىنىڭ سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، پەن – تېخنىكىنى يېزىلارغا يەتكۈزۈش پائالىيىتىنى داۋاملاشتۇردۇق. جامائەت مەدەنىيەت مۇلازىمىتىنى ئۆلچەملەشتۈرۈش، تەڭپۇڭلاشتۇرۇشنى پائال ئىلگىرى سۈردۇق، نادىر مەدەنىيەت ئىجادىيەتلىرى ۋە سەھنە ئەسەرلىرىنى قوللاش، يېتەكلەشنى كۈچەيتتۇق. نۇقتىلىق مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ۋە غەيرى ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش سالمىقىنى ئاشۇردۇق. ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئەنئەنىۋى تەنتەربىيە ئىشلىرىنى راۋاجلاندۇرۇش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ جامائەت تەنتەربىيە ئەسلىھەلىرى قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولدۇق. مائارىپنى كاپالەتلەندۈرۈش قۇرۇلۇشى، يەسلى مائارىپى قۇرۇلۇشى ۋە كەسپىي مائارىپقا يار – يۆلەك بولۇش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويدۇق. شارائىتى ناچار مەكتەپلەرنى ئۆزگەرتىش ۋە ياتاقلىق مەكتەپلەر قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتتۇق، شەھەر – يېزىلاردا مەجبۇرىيەت مائارىپىنىڭ تەكشى تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈردۇق. ئورگان كادىرلىرىنى مائارىپقا ياردەم بېرىشكە تاللاپ ئەۋەتىش، يېزىلاردا يەسلى مائارىپىنى جىددىي يولغا قويۇش قاتارلىق ئالاھىدە تەدبىرلەر ئارقىلىق، جەنۇبىي شىنجاڭ يېزىلىرىدا يەسلى يېشىدىكى بارلىق بالىلارنى مەكتەپكە كىرىشتىن ئۈچ يىل بۇرۇن قوش تىل بويىچە تەربىيەلەشنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇپ، جەنۇبىي شىنجاڭدا 15 يىللىق ھەقسىز مائارىپنى ھەممىدىن بۇرۇن يولغا قويۇشنى ئاساسىي جەھەتتىن ئومۇملاشتۇردۇق. بۇنىڭ بىلەن، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ 15 يىللىق ھەقسىز مائارىپ نىشانىغا يېتىشى ئۈچۈن مۇھىم ئاساس سالدۇق.

    بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ۋەزىيىتىنى سىجىل ياخشىلاپ كەلدۇق.

    5) مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە دىن ئىناقلىقىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈردۇق

    مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بويىچە تەشۋىق – تەربىيە ۋە ئۈلگە يارىتىش پائالىيىتىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈردۇق. ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش›› پائالىيىتىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويدۇق.

    بىز مەملىكەتلىك دىن خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈردۇق، پارتىيەنىڭ دىن خىزمىتىگە دائىر تۈپ فاڭجېنىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ‹‹قانۇنلۇقلىرىنى قوغداش، قانۇنسىزلىرىنى توسۇش، ئەسەبىيلىكنى چەكلەش، سىڭدۈرمىچىلىككە قارشى تۇرۇش، جىنايەتكە زەربە بېرىش›› ئاساسىي پىرىنسىپىدا چىڭ تۇردۇق. مەسچىت ۋە دىنىي پائالىيەت بويىچە تەربىيەلەش، باشقۇرۇش مۇلازىمىتىدە يېڭىلىق ياراتتۇق ۋە ئۇنى كۈچەيتتۇق، ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلارنى تەربىيەلەش، يېتىشتۈرۈش ۋە ئۇلارغا غەمخورلۇق قىلىش سالمىقىنى ئاشۇردۇق. قانۇنسىز دىنىي پائالىيەتلەرنى قانۇن بويىچە تۈزەپ، ‹‹ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش››نى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، دىننى سوتسىيالىزم جەمئىيىتىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇشقا يېتەكلىدۇق.

    6) پاكىز، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇشقا زور كۈچ سەرپ قىلدۇق

    ئاساسىي فۇنكسىيەلىك رايون ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇپ، سۇ مەنبەسىنى ساقلاش رايونى، تەبىئىيلىكى قوغدىلىدىغان رايون، ئېكولوگىيەسى ياخشى رايون، دۇنياۋى تەبىئىي مىراس رايونى، داڭلىق سەيلىگاھلار ۋە ئاھالىسى زىچ رايونلارنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتتۇق. كۆچەت تىكىپ ئورمان ئەھيا قىلىش، ئورمان يېتىشتۈرۈش ۋە قۇملاشقان يەرلەرنى دائىرىلەپ قوغداش خىزمىتىنى زور كۈچ بىلەن قانات يايدۇردۇق. تەبىئىي ئورمانلارنى قوغداش، ئېتىزغا ئايلاندۇرۇلغان ئورمانلارنى ۋە ئوتلاقلارنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، پاراۋانلىق ئورمانلىرىنى، ياۋايى ھايۋانلارنى ۋە ياۋا ئۆسۈملۈكلەرنى قوغداش قۇرۇلۇشلىرىنى داۋاملىق يولغا قويدۇق. تارىم ۋادىسىدىكى توغراقلىقنىڭ ئېكولوگىيەسىنى قوغداش ھەرىكىتىنى باشلىدۇق.

    مۇھىت ئاسراش قانۇنىنىڭ ئىجراسىنى قاتتىق نازارەت قىلىپ ۋە باشقۇرۇپ، بۇلغىمىلارنى قانۇنغا خىلاپ ھالدا قويۇپ بەرگەن كارخانىلارنى ۋە مۇھىت ئاسراشقا دائىر قانۇن – نىزاملارغا خىلاپ قۇرۇلۇشلارنى ئېنىقلاپ تەرتىپكە سالدۇق. بۇلغىما قويۇپ بەرگەن نۇقتىلىق كارخانىلارنىڭ مۇھىت ئاسراش سەمىمىيىتىنى باھالاش ۋە ئۇچۇرلىرىنى ئاشكارىلاش خىزمىتىنى كۈچەيتتۇق. ‹‹ئاتموسفېراغا دائىر ئون تۈرلۈك تەدبىر›› ۋە ‹‹سۇغا دائىر ئون تۈرلۈك تەدبىر››نى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئۈرۈمچى – سانجى – شىخەنزە رايونلىرىنىڭ مۇھىتىنى بىرلىكتە تۈزەش، ئومۇميۈزلۈك تەرتىپكە سېلىش خىزمىتىنى پائال ئىلگىرى سۈردۇق. سۇ بايلىقلىرىنى نازارەت قىلىش – تىزگىنلەش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ شىنجاڭدىكى ئىككىنچى قارارلىق قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، يەر ئاستى سۈيىنى زىيادە كۆپ ئېلىشنى ئومۇميۈزلۈك تۈزەپ، سۇ ئېلىش ئىجازىتى

   1 2 3 下一页  

[مەريەمگۈل]
010020070830000000000000011100001359731591