سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

باش نىشاننى چۆرىدىگەن ھالدا مەسئۇلىيەت ئادا قىلىنىپ، ھوقۇق يۈرگۈزۈلدى، قانۇن ئىدارە قىلىش قۇرۇلۇشى ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، ئىتتىپاقلىق كۈچەيتىلدى

مۇھەررىر: مەريەمگۈل
مەنبەسى: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-01-11

     ‹‹ئاپتونوم رايوننىڭ <تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش قانۇنى>نى يولغا قويۇش چارىسى››، ‹‹ئاپتونوم رايوننىڭ تېلېفون ۋە ئالاقە تور ئابۇنىچىلارنىڭ ھەقىقىي سالاھىيەت ئۇچۇرىنى تىزىملاپ باشقۇرۇش نىزامى›› ئارقا – ئارقىدىن يولغا قويۇلدى، ‹‹تەڭرىتاغ مۇھىت ئاسراش سەپىرى››نىڭ قانات يايدۇرۇلغىنىغا 20 يىل بولدى، ‹‹قانۇن ئىدارە قىلىدىغان شىنجاڭ تەڭرىتاغ سەپىرى›› پائالىيىتىدە تەڭرىتاغنىڭ جەنۇب ۋە شىمالى كېزىپ چىقىلدى...

    ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ئۆتكەن بىر يىلدا دىققىتىنى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇندا يۈكلەنگەن مەسئۇلىيىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئادا قىلىپ، دادىللىق بىلەن زىممىسىگە ئېلىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىش قىلىپ، تۈرلۈك خىزمەتلەردە يېڭى نەتىجە ۋە يېڭى ئۈنۈم ھاسىل قىلدى.

    نىزام چىقىرىش كۈچەيتىلىپ، قانۇن ئىدارە قىلىدىغان شىنجاڭ قۇرۇلۇشى ئىلگىرى سۈرۈلدى

    ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 2016 – يىلى نىزام چىقىرىشنىڭ يېتەكچىلىك رولى، قاراتمىلىقى ۋە قوللىنىشچانلىقىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، نىزام چىقىرىش سۈپىتىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، باش نىشاننى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى قانۇنچىلىق تىرىكىگە ئىگە قىلدى.

    ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ‹‹شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، ئىتتىپاق – مۇقىم قىلىش، ئۇزاققىچە گۈللەندۈرۈش››تىن ئىبارەت شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش ئومۇمىي تەدبىرىنىڭ تەلىپى بويىچە ئاپتونوم رايوننىڭ تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش قانۇنىنى يولغا قويۇش چارىسىنى تەييارلاپ تۈزۈش خىزمىتىنى ئالدىنئالا باشلىدى. بۇ يىل ‹‹ئاپتونوم رايوننىڭ <تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش قانۇنى>نى يولغا قويۇش چارىسى››، ‹‹ئاپتونوم رايوننىڭ تېلېفون ۋە ئالاقە تور ئابۇنىچىلارنىڭ ھەقىقىي سالاھىيەت ئۇچۇرىنى تىزىملاپ باشقۇرۇش نىزامى›› ئېلان قىلىنىپ يولغا قويۇلدى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى يەنە ‹‹ئاپتونوم رايوننىڭ توردا ساختا ئۇچۇرلارنى تارقىتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى جازالاش نىزامى››نى ئاۋازغا قويۇپ ماقۇللىدى، ئاپتونوم رايوننىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ، مۇقىملىقنى قوغداش خىزمىتىنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش سەۋىيەسى يېڭى باسقۇچقا قەدەم قويدى.

    ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايون قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن ‹‹قەشقەر ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونىنى باشقۇرۇش نىزامى›› ۋە ‹‹ئارال ئىقتىساد تېخنىكا تەرەققىيات رايونى نىزامى››نى تۈزۈپ چىقىپ، نىزام چىقىرىش ئارقىلىق ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونىنىڭ قۇرۇلۇشى ۋە تەرەققىياتىغا يېتەكچىلىك قىلدى؛ ‹‹ئاپتونوم رايوننىڭ جەنۇبىي شىنجاڭ رايونلىرىدا تولۇق ئوتتۇرا باسقۇچىدىكى مائارىپنى ئومۇملاشتۇرۇش نىزامى››دا، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستنىڭ مائارىپ تەرەققىياتىغا سىياسەت جەھەتتىن مايىل بولۇش ۋە ئۇنى مەبلەغ جەھەتتىن قوللاش ئايدىڭلاشتۇرۇلدى؛ تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن ‹‹ئاپتونوم رايوننىڭ <كۆمۈر قانۇنى>نى يولغا قويۇش چارىسى››، ‹‹ئاپتونوم رايوننىڭ چارۋا مال ۋە ئۆي قۇشلىرىنى سويۇشنى باشقۇرۇش نىزامى›› قاتارلىقلار ئاپتونوم رايوننىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى قانۇن بويىچە كاپالەتكە ئىگە قىلدى؛ يېڭىدىن تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن ‹‹شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مۇھىت ئاسراش نىزامى›› 2017 – يىل 1 – ئاينىڭ 1 – كۈنىدىن ئېتىبارەن يولغا قويۇلدى، بۇ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ۋە مۇھىت ئاسراش ئىشلىرىنىڭ ئومۇميۈزلۈك، ماس، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىنى قانۇن بويىچە ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم ھەم چوڭقۇر ئەھمىيەتكە ئىگە.

    ئىككى يىل داۋاملاشقان ‹‹قانۇن ئىدارە قىلىدىغان شىنجاڭ تەڭرىتاغ سەپىرى›› پائالىيىتى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاياغلاشتى. بۇ پائالىيەت ئىككى يىلدىن بۇيان ئاپتونوم رايوندىكى 15 ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەردە ئۆتكۈزۈلۈپ، پارتىيەگە، ۋەتەنگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇش، ۋەتەن ئارزۇسىنى بىرلىكتە روياپقا چىقىرىش، قانۇننى ئۆگىنىش ۋە قانۇننى ئىشلىتىش، مىللىي بۆلگۈنچىلىككە ۋە دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىگە قارشى تۇرۇش بويىچە لېكسىيە پائالىيىتى قانات يايدۇرۇلۇپ، بىر تۈركۈم يەرلىك تەشۋىقاتچىلار تەربىيەلەندى، ئاپتونوم رايون بويىچە بۇنى رادىيو، توردا قوبۇل قىلغۇچىلار 10 مىليون ئادەم(قېتىم)دىن ئېشىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ قانۇن ئىدارە قىلىش ئېڭى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئىدىيەسى كۈچەيتىلىپ، ياخشى ئىجتىمائىي ئۈنۈم يارىتىلدى.

    قانۇن بويىچە نازارەت قىلىشنىڭ ئەمەلىي ئۈنۈمى ئاشتى

    ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى قانۇن بويىچە نازارەت قىلىش خىزمىتىنى مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، مەخسۇس تۈرلەر بويىچە خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلاش ۋە قاراپ چىقىش، قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈش ۋە مەخسۇس تېما بويىچە سۈرۈشتۈرۈش قاتارلىق ئۇسۇللارنى ئۇنىۋېرسال تەتبىقلاپ، يۇقىرى – تۆۋەندىكىلەر ھەمتۈرتكە بولۇپ، نازارەت قىلىش سالمىقىنى يەنىمۇ ئاشۇردى. ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى بىر يىلدىن بۇيان ‹‹ھۆكۈمەت بىلەن ئىككى مەھكىمە››نىڭ مەخسۇس خىزمەت دوكلاتى، شۇنداقلا پىلان، خامچوت، ئىقتىسادىي تەپتىش قاتارلىق دوكلاتلىرىنى ئاڭلاپ ئۆتۈپ ۋە قاراپ چىقىپ، بىر نەچچە قانۇن – بەلگىلىمىنىڭ يولغا قويۇلۇش ئەھۋالىنى تەكشۈردى ھەم ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىش ئارقىلىق تەكشۈرۈپ چىقىلغان مەسىلىلەرنى تۈزىتىش ئەھۋالىنى تۇنجى قېتىم ھەيدەكچىلىك قىلىپ تەكشۈردى.

    ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى بۇ يىل ئىقتىسادنىڭ چېكىنىش بېسىمى ئېغىر بولۇشتەك ۋەزىيەتكە قارىتا، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇقىم ئاشۇرۇشقا دائىر تۈرلۈك تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ئىقتىسادنىڭ ياخشىلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى نازارەت قىلىش خىزمىتىنىڭ مۇھىم ۋەزىپىسى قىلىپ، ئاپتونوم رايوندىكى ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتى ۋە ئالدىنقى يېرىم يىللىق ئىقتىسادنىڭ ئايلىنىش ئەھۋالى دوكلاتىنى ئاڭلاپ ئۆتۈپ ۋە قاراپ چىقىپ، 13 – بەش يىللىق يىرىك پىلان پىروگراممىسى ۋە خامچوت تۈزۈشنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈپ، ئوتتۇرا، كىچىك، مىكرو كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتى ۋە مالىيە مەخسۇس مەبلىغىنى ئىشلىتىش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، 28 نۇقتىلىق تۈرنى تەكشۈرۈپ، ھۆكۈمەت ۋە ئۇنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىنى ئاپتونوم رايوننىڭ مالىيە، باج، پۇل مۇئامىلە قاتارلىق تۈرلۈك سىياسەتلىرىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ھەيدەكچىلىك قىلدى.

    خەلق تۇرمۇشى ساھەسىدىكى قىزىق نۇقتا ۋە قىيىن نۇقتا مەسىلىلىرىنى چۆرىدەپ، نازارەت قىلىشنى قانات يايدۇردى. ئاپتونوم رايوننىڭ داۋالاش – ساقلىقنى ساقلاش تۈزۈلمە ئىسلاھاتى ئەھۋالى توغرىسىدىكى مەخسۇس خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلاپ ئۆتتى ھەم مەخسۇس تېما بويىچە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، ‹‹روھىي ساغلاملىق قانۇنى››نىڭ يولغا قويۇلۇش ئەھۋالىنى تەكشۈردى؛ ‹‹يېمەكلىك بىخەتەرلىك قانۇنى›› ۋە ‹‹ئاپتونوم رايوننىڭ مۇسۇلمانچە يېمەكلىكلەرنى باشقۇرۇش نىزامى››نىڭ يولغا قويۇلۇش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈشكە تەشكىللىدى؛ قانۇننى ئادىل يۈرگۈزۈش ۋە ئەدلىيە ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى چۆرىدەپ، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ قانۇن يۈرگۈزۈشنى ئاشكارىلاش خىزمەت ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتى، شۇنداقلا ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ تەھقىقلەشنى نازارەت قىلىش خىزمەت ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتىنى ئاڭلىدى.

    2016 – يىلى ‹‹تەڭرىتاغ مۇھىت ئاسراش سەپىرى›› پائالىيىتى قانات يايدۇرۇلغىنىغا 20 يىل بولدى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ‹‹يېشىل تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، مۇھىت ئاسراش قانۇنىنى يولغا قويۇشنى كۈچەپ ئىلگىرى سۈرۈش››نى باش تېما قىلىپ، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش – قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىنىڭ شى(شەھەر)لىرىنى تۇنجى قېتىم تەكشۈرۈش دائىرىسىگە كىرگۈزدى.

    ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئاپتونوم رايوننىڭ ‹‹6 – بەش يىل››لىق قانۇننى ئومۇملاشتۇرۇش قارارىنى ئىجرا قىلىش ئەھۋالى ۋە ‹‹7 – بەش يىل››لىق قانۇننى ئومۇملاشتۇرۇش يىرىك پىلانى توغرىسىدىكى دوكلاتىنى ئاڭلاپ ئۆتۈپ ۋە قاراپ چىقىپ، ‹‹ئاپتونوم رايون بويىچە پۇقرالار ئارىسىدا 7 – بەش يىللىق قانۇن ئىدارە قىلىش تەشۋىقات – تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇش توغرىسىدىكى قارار››نى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئاپتونوم رايوننىڭ ‹‹7 – بەش يىل››لىق قانۇننى ئومۇملاشتۇرۇش يىرىك پىلانىنىڭ ئۈنۈملۈك يولغا قويۇلۇشىنى تېزلىتىپ، پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ قانۇن ئىدارە قىلىش ئېڭىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، قانۇن ئىدارە قىلىش تەپەككۇرى ۋە قانۇن بويىچە ئىش بېجىرىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، قانۇن ئىدارە قىلىشنى قەدىرلەيدىغان قويۇق كەيپىياتنى شەكىللەندۈردى.

    ۋەكىللەرنىڭ ئىقتىدارى ئۆستۈرۈلدى، رولى جارى قىلدۇرۇلدى

    2016 – يىلى ناھىيەلىك ۋە يېزىلىق خەلق قۇرۇلتايلىرىنىڭ نۆۋەت ئالماشتۇرۇش سايلىمى ئۆتكۈزۈلىدىغان يىل. ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە ناھىيە دەرىجىلىكتىن تۆۋەن خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنى بىۋاسىتە سايلاشنى يولغا قويۇش تەپسىلىي پىرىنسىپىغا ۋاقتىدا تۈزىتىش كىرگۈزۈپ، ‹‹ناھىيەلىك ۋە يېزىلىق خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ نۆۋەت ئالماشتۇرۇش سايلىمى قانۇنى ھۆججەتلەر توپلىمى››نى يېزىپ چىقتى ۋە تەرجىمە قىلدى. ئاپتونوم رايون بويىچە يېڭى بىر نۆۋەتلىك ناھىيەلىك ۋە يېزىلىق خەلق قۇرۇلتايلىرىنىڭ نۆۋەت ئالماشتۇرۇش خىزمىتى ئوڭۇشلۇق تاماملىنىپ، ناھىيەلىك ۋە يېزىلىق خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىدىن 50 مىڭدىن كۆپرەكى بىۋاسىتە سايلاپ چىقىلدى، ۋەكىللەرنىڭ ساپا قۇرۇلمىسى سەرخىللاشتۇرۇلدى.

    ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ قانۇن بويىچە مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، دائىمىي كومىتېت تەركىبىدىكى ئەزالارنىڭ ۋەكىللەر بىلەن ئالاقىلىشىش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، ۋىلايەت، ئوبلاست، ناھىيەلەرگە چوڭقۇر چۆكۈپ، ۋەكىللەرنى تەربىيەلەپ، ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرى ۋەكىللىرىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشى بويىچە تۈركۈملەرگە ئايرىپ كۇرس ئاچتى ياكى ئېچىشقا يېتەكچىلىك قىلدى. ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرى ۋەكىللىرى مەسئۇلىيىتىنى ئەستايىدىل ئادا قىلىپ، ئىقتىسادىي تەرەققىيات، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، ئامما بىلەن قويۇق ئالاقە باغلاش قاتارلىق جەھەتلەردە نەمۇنىلىك ۋە باشلامچىلىق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇردى.

    ئاپتونوم رايونلۇق 12 – نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 4 – يىغىنى مەزگىلىدە ۋەكىللەر ئوتتۇرىغا قويغان ھەم قۇرۇلتاي ھەيئەت رىياسىتىدە بېكىتىلگەن ئون تەكلىپ لايىھەسى، 789 پارچە تەكلىپ، تەنقىد ۋە پىكىرنىڭ ھەممىسى پۈتۈنلەي بېجىرىلىپ تاماملاندى، ۋەكىللەرنىڭ رازى بولۇش نىسبىتى يەنىمۇ ئۆستى.

    ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى بىر يىلدىن بۇيان ج ك پ 18 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 6 – ئومۇمىي يىغىنى ۋە ج ك پ ئاپتونوم رايونلۇق 9 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، مەسىلىنىڭ يۆنىلىشىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، قاتتىق بولۇش تەلىپىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىستىل قۇرۇلۇشىدا ئۈزلۈكسىز يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. خىزمەتتىكى تايانچلارنى 4 – تۈركۈمدىكى ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› پائالىيىتىگە تاللاپ قاتناشتۇرۇپ، ئورگان كادىرلىرىنىڭ ئاممىۋى خىزمەت ئىقتىدارى ۋە ئاساسىي قاتلامدىكى خىزمەت تەجرىبىسىنى ئۆستۈردى. ئورگان پارتىيە قۇرۇلۇشى، پاكلىق قۇرۇلۇشى ۋە كادىرلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى چىڭ تۇتۇپ، ئورگاننىڭ ئومۇمىي خىزمەت سەۋىيەسى ۋە خەلق ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتتى.

    ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى بىر يىلدىن بۇيان نىزام چىقىرىش، نازارەت قىلىش ۋە ۋەكىللەرنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمى ۋە خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنىڭ دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەپ، مۇكەممەللىشىپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ خىزمەتلىرىدە يېڭى ۋەزىيەت ياراتتى.(تامام)

[مەريەمگۈل]
010020070830000000000000011100001359730571