سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

دەۋر ۋە خەلقنىڭ ھاۋالىسىنى زىممىسىگە يۈكلىگەن ۋەكىللەر قۇرۇلتاي مەيدانىغا جەم بولدى

مۇھەررىر: مەريەمگۈل
مەنبەسى: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-01-11

    ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مەركىزىي خىزمەتلىرىنى زىچ چۆرىدىگەن ھالدا خەلقنىڭ ساداسىنى يەتكۈزۈش، كۈچنى مۇجەسسەملەش، چارە – تەدبىر كۆرسىتىش، ئومۇمىيەتكە مۇلازىمەت قىلىش مەسئۇلىيىتىىنى زىممىسىگە ئالغان خەلق ۋەكىللىرى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 12 – نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 5 – يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن 1 – ئاينىڭ 7 – كۈنى ئۈرۈمچىگە يىغىلدى.

    خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى نىجاد ئابدۇرېھىم كارخانىچىلار ۋەكىلى بولۇش سۈپىتى بىلەن كارخانىچىلارنىڭ ساداسىنى يەتكۈزۈپ، مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىش ئۈچۈن تىرىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ چوڭقۇرلىشىشى ۋە سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، دۆلىتىمىزدە تەرەققىي قىلغان ئەللەرنىڭ ئىلغار تېخنىكىلىرى ۋە كارخانا باشقۇرۇش ئەندىزىلىرىنى كىرگۈزۈپ، ئۆز ئالدىغا بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىغا ئېرىشكەن مۇنەۋۋەر كارخانىلار بارلىققا كېلىۋاتىدۇ. يېقىنقى 20 يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئوتتۇرا، كىچىك مىللىي پۇقراۋىي كارخانىلارمۇ يوقلۇقتىن بارلىققا كېلىش، دەسلەپكى ئېلىپ – سېتىش دەۋرىدىن سانائەتلىشىش دەۋرىگە قەدەم قويۇش باسقۇچلىرىنى باشتىن كەچۈرۈپ، كۆرۈنەرلىك يۈكسىلىشلەرنى قولغا كەلتۈردى. لېكىن، ئېلىمىزدىكى مۇنەۋۋەر كارخانىلار ئاللىقاچان سانائەتلىشىش دەۋرىدىن ئىنتېرنېت دەۋرى، چوڭ سېفىر دەۋرى، ئۇنىڭدىنمۇ ھالقىپ پۇل مۇئامىلە، كاپىتال دەۋرىگە قەدەم قويۇپ بولدى. مانا مۇشۇنداق سۈرئەت جەھەتتە دەۋرگە يېتىشەلمەسلىك مەسىلىسى ئوتتۇرا، كىچىك مىللىي پۇقراۋىي كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتىنى چۈشەپ قويۇۋاتىدۇ. مەن ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئوتتۇرا، كىچىك مىللىي پۇقراۋىي كارخانىلارنىڭ دۆلەتنىڭ مالىيە، باج، پۇل مۇئامىلە سىياسىتى جەھەتتىكى قوللىشى ۋە ياردىمىدە، ئىگىلىك تىكلەش ۋە ئىگىلىك باشقۇرۇش سۇپىسىنى مۇۋاپىقلاشتۇرۇپ، يېڭىلىق يارىتىش تىپىدىكى كارخانىلارنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشتىكى سىياسەتلىرىدىن پايدىلىنىپ، توغرا كارخانا باشقۇرۇش قانۇنىيەتلىرىنى ئىگىلەپ، تەرەققىيات سۈرئىتىنى تېزلىتىپ، كۆلەمنى كېڭەيتىپ، دۆلەت ئىلكىدىكى مەبلەغ سېلىش ئورۇنلىرىنىڭ پېيىنى جەلپ قىلىش، مەبلەغ سېلىش فوندىنىڭ مەبلىغىنى جەلپ قىلىش ئارقىلىق، مەبلەغ قۇرۇلمىسىنى سەرخىللاشتۇرۇش توغرىسىدا تەكلىپ ئېلىپ كەلدىم. ھۆكۈمەتنىڭ مىللىي پۇقراۋىي كارخانىلارغا ھۆكۈمەت تۈر فوندىدىن پايدىلىنىش پۇرسىتىنى كېڭەيتىپ، مىللىي پۇقراۋىي كارخانىلارنىڭ يۈكسىلىشىگە تۈرتكە بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

    ۋەكىل، ئۈرۈمچى ‹‹خانتەڭرى›› مەسچىتىنىڭ ئىمامى نۇرمۇھەممەد ھاپىز مۇنداق دېدى: قۇرۇلتايدا ‹‹ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات››نى ئاڭلاپ، ئىشلەنگەن خىزمەتلەر، قولغا كەلگەن نەتىجىلەردىن خەۋەر تاپىمىز. قۇرۇلتاي ۋەكىلى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ نۆۋەتتىكى تەرەققىياتى، ھۆكۈمەتنىڭ خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش ئۈچۈن كۆرسىتىۋاتقان تىرىشچانلىقلىرىنى ئاممىغا ۋاقتىدا يەتكۈزۈپ تۇرىمەن، ئۇلارمۇ ھۆكۈمەتكە بولغان مىننەتدارلىقىنى بىلدۈرىدۇ، بۇ، جەمئىيەتنىڭ مۇقىم تەرەققىي قىلىشىغا پايدىلىق. قۇرۇلتايدا يىللىق خىزمەت پىلانى ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، ۋەكىللەردىن پىكىر – تەكلىپ ئالىدۇ، ۋەكىللەر خەلقنىڭ ئارزۇ – ئارمانلىرىنى پارتىيە – ھۆكۈمەتكە تەكلىپ شەكلىدە يەتكۈزىدۇ، ھۆكۈمەت ھەل قىلىشقا تېگىشلىك تەكلىپ – پىكىرلەرنى ۋاقتىدا ھەل قىلىپ، خەلقنى ئارزۇ – ئارمانىغا يەتكۈزىدۇ. خەلقنىڭ ئارمانىنى ھۆكۈمەتكە، ھۆكۈمەتنىڭ ئارزۇسىنى خەلققە يەتكۈزۈشتەك بۇنداق ياخشى خىزمەتنى قىلىۋاتقىنىمدىن بەك رازى.

    ۋەكىل، قاراماي قېدىرىپ تەكشۈرۈش تەتقىقات يۇرتىدىن رەيھانگۈل مەخمۇت مۇنداق دېدى: بەش يىل خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى بولۇش جەريانىدا قاراماي خەلقىنىڭ ئارزۇ – ئارمانلىرىنى ھۆكۈمەتكە يەتكۈزۈپ، ۋەكىللىك بۇرچۇمنى ئادا قىلىپ كېلىۋاتىمەن. ھەر قېتىم ئېلىپ كەلگەن تەكلىپلىرىم ئەمەلىيلەشكەندە، ئىنتايىن خۇش بولۇپ كېتىمەن، چۈنكى يۇرتداشلىرىمنىڭ ئارزۇسىنىڭ روياپقا چىقىشى قاراماي خەلقىنىڭ بەخت كۆرسەتكۈچىنىڭ ئۆرلەيدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. (تامام)

[مەريەمگۈل]
010020070830000000000000011100001359730561