سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

بوئاۋ ئاسىيا مۇنبىرى 2017-يىللىق يىغىنى مارتتا ئېچىلىدۇ

مۇھەررىر: مەريەمگۈل
مەنبەسى: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-01-11

      بوئاۋ ئاسىيا مۇنبىرىنىڭ باش كاتىپى جۇ ۋېنجۇڭ 9 ـ ئىيۇل بېيجىڭدا مۇنۇلارنى جاكارلىدى: بوئاۋ ئاسىيا مۇنبىرىنىڭ 2017-يىللىق يىغىنى 23-مارتتىن 26-مارتقىچە خەينەن بوئاۋدا ئېچىلىدۇ، باش تېمىسى «دۇنياۋىلىشىش ۋە ئەركىن سودىنىڭ كەلگۈسىگە بىۋاسىتە يۈزلىنىشى».

     بۇ يىللىق يىغىندا دۇنياۋىلىشىش، ئېشىش، ئىسلاھات، يېڭى ئىقتىسادىي تۆت چوڭ بۆلەك توغرىسىدا سۆھبەت، مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلىدۇ، 42 تارماق مۇنبەر، 12 مەيدان يېپىق سۆھبەت ئېلىپ بېرىلىدۇ، بۇلار ماكرو ئىگىلىك، رايون ھەمكارلىقى، كەسىپ تىپىنى ئۆزگەرتىش، تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش، سىياسىي بىخەتەرلىك، ئىجتىمائىي خەلق تۇرمۇشى ساھەلىرىگە چېتىلىدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، يىللىق يىغىندا يەنە «بىر بەلباغ ، بىر يول» قۇرۇلۇشى، ئىقتىسادتىن تەڭ بەھرىمەن بولۇش، ھۈنەرۋەن روھى قاتارلىق نۆۋەتتىكى قىزىق نۇقتىلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.(تامام)

[مەريەمگۈل]
010020070830000000000000011100001359730531