سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانى ئېڭىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، تۈرلۈك تەدبىر– ئورۇنلاشتۇرمىلارنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك

مۇھەررىر: مەريەمگۈل
مەنبەسى: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-01-11

     ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى نۇرلان ئەبىلمەجىن 1 – ئاينىڭ 9 – كۈنى چۈشتىن كېيىن ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا مۇنداق دەپ تەكىتلىدى: ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانى ئېڭىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، تۈرلۈك تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىلارنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك.

    نۇرلان ئەبىلمەجىن ۋەكىللەرنىڭ سۆزىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن مۇنداق دېدى: ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتتا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزلىرى، بولۇپمۇ مەركەزنىڭ 2 – قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزى ۋە شىنجاڭنى كۆزدىن كەچۈرگەندە قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانى چىڭ تۇتۇلۇپ، ج ك پ ئاپتونوم رايونلۇق 9 – قۇرۇلتىىيىنىڭ روھى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنى، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇقىملىقنى قوغداش خىزمىتى يىغىنى قاتارلىق يىغىنلارنىڭ روھى نامايان قىلىنىپتۇ. دوكلات كىشىنى ئىلھاملاندۇرىدىغان، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەشكە ئۈندەيدىغان ياخشى دوكلات بوپتۇ. دوكلاتتا سۆزلەنگەن نەتىجە ئوبيېكتىپ ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن، مەسىلىلەرنى ئىنكاس قىلىشتا زىددىيەتتىن قاچمىغان، تەكىتلەنگەن نىشاننى ھەقىقىي يولغا قويۇشقا بولىدۇ، كونكرېت ئورۇنلاشتۇرمىلار شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىگە ئۇيغۇن بولۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇشتىكى سىياسىي ئاڭلىقلىقى، ئەمەلىيەتچىل بولۇش، پۇرسەتنى تۇتۇش، ئەمەلىي ئىشلەش روھى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ خەلق تۇرمۇشىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇش، خەلق تۇرمۇشىنى مۇھىم بىلىشتەك خەلقنى ئاساس قىلىش ھېسسىياتى ئەكس ئەتتۈرۈلۈپتۇ. بۇنىڭدىن كېيىن، بىز ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىمىزنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، باش نىشان بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، باش نىشان ئېڭىنى مۇستەھكەملەپ، باش نىشانغا ئۇيۇشۇپ، باش نىشانغا بېقىنىپ، باش نىشاننى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بارلىق خىزمەتلىرىمىزدە باش نىشان ئۈچۈن خىزمەت قىلىپ، خىزمەتلەرنى باش نىشاننى چۆرىدىگەن ھالدا قانات يايدۇرۇپ، پىلانلاپ، ئىلگىرى سۈرۈپ، باش نىشاننى ئەمەلىيلەشتۈرۈشىمىز كېرەك.

    نۇرلان ئەبىلمەجىن مۇنداق دېدى: ئىلى ئوبلاستى شۇجى چېن چۈەنگو ئىلى ئوبلاستىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا قىلغان سۆزىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى چۆرىدەپ، تۈرلۈك مۇقىملىقنى ساقلاش تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىجتىمائىي ۋەزىيەتنىڭ ئىناق ۋە مۇقىملىقىنى قەتئىي قوغداپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت ئاممىنى خاتىرجەم قىلىشى، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ھالقىلىق مەسىلە ۋە نۇقتىلىق ساھەلەرنى چىڭ تۇتۇپ، ئىقتىسادنىڭ مۇقىم، ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، دىنلار ئىناقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ياخشى تەرەققىيات مۇھىتى يارىتىشى كېرەك. بۇ يىل ‹‹ئىستىل قۇرۇلۇشى يىلى››، ئىلى ئوبلاستىدىكى ھەر مىللەت كادىرلار باشتىن – ئاخىر تىرىشىپ نەتىجە يارىتىش روھىي ھالىتىنى ساقلاپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە بۇرچ تۇيغۇسىنى كۈچەيتىپ، جاسارەتلىك ۋە ياراملىق بولۇپ، پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىپ، ئىسلاھات تەپەككۇرى، يېڭىلىق يارىتىش ئىدىيەسى، ئەمەلىي تەدبىرلىرى ئارقىلىق ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇھىم تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىدا ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇشى ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك.(تامام)

[مەريەمگۈل]
010020070830000000000000011100001359730501