سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

ئەڭ ئەمەلىي تەدبىرلەر ئارقىلىق خەلق ئاممىسىغا نەپ يەتكۈزۈش كېرەك

مۇھەررىر: مەريەمگۈل
مەنبەسى: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-01-11

    ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى نەيىم ياسىن 1 – ئاينىڭ 9 – كۈنى چۈشتىن كېيىن قەشقەر ۋىلايىتى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتنىشىپ، ۋەكىللەر بىلەن تەرەققىيات، مۇقىملىق، خەلق تۇرمۇشى خىزمىتى توغرىسىدا ئورتاق پىكىرلەشتى.

    نەيىم ياسىن مۇنداق تەكىتلىدى: 2017 – يىلى ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ رەھبەرلىكىدە قەتئىي تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدىگەن ھالدا قانات يايدۇرۇشىمىز، ئەڭ زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىمىز، گەپنى ئاز، ئىشنى كۆپ قىلىپ، دېگەن ئىشىمىزنى قىلىپ، قىلغان ئىشىمىزدىن نەتىجە قازىنىپ ۋە ياخشى قىلىپ، ئەڭ ئەمەلىي تەدبىرلەر ئارقىلىق كەڭ ئاممىغا نەپ يەتكۈزۈشىمىز كېرەك.

    نەيىم ياسىن مۇنداق كۆرسەتتى: ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتتا خىزمەتلەر راستچىل، ئەمەلىي يەكۈنلىنىپتۇ، مۇھىم نۇقتا گەۋدىلىنىپتۇ، ۋەزىيەت توغرا، دەل جايىدا تەھلىل قىلىنىپتۇ، ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن بوپتۇ، 2017 – يىلىدىكى خىزمەتلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇشتا نىشان ئايدىڭ، تەدبىرلەر كونكرېت بوپتۇ، مەزمۇنى چوڭقۇر، نىشان توغرا بېكىتىلگەن ياخشى دوكلات بوپتۇ.

    نەيىم ياسىن مۇنداق دېدى: ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى 2016 – يىلى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىشتىكى ئومۇمىي تەدبىرىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، مەركەزنىڭ 2 – قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى، ج ك پ ئاپتونوم رايونلۇق 9 – قۇرۇلتىيىنىڭ تۈرلۈك تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكتىن ئىبارەت باش نىشاننى زىچ چۆرىدەپ، ‹‹13 – بەش يىل››دا ئىشنى ياخشى باشلىدى. بۇ ھەقتە تۆۋەندىكى ئۈچ تەرەپنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە ئەرزىيدۇ: مۇقىملىقنى قوغداش رولىنى تولۇق جارى قىلدۇردى، مۇقىملىقنى قوغداشتىكى تۈرلۈك تەدبىرلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، چېگرا رايونلارنى باشقۇرۇش – تىزگىنلەشنى كۈچەيتىش، شەھەر – بازارلارنى تورلاشتۇرۇپ باشقۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش، تور بوشلۇقىنى ساپلاشتۇرۇش، ئىجتىمائىي جەھەتتە ئالدىنى ئېلىش ۋە تىزگىنلەشنى كۈچەيتىش قاتارلىق جەھەتلەردە مۇھىم ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈردى، ئىجتىمائىي ئومۇمىيەت ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولدى، ئەبەدىي ئەمىنلىكنىڭ ئاساسى پۇختىلاندى؛ ئىقتىسادىي تەرەققىيات ۋەزىيىتى مۇقىم بولۇپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ يېڭى نورمال ھالىتىگە پائال ماسلاشتى، ئىقتىسادىي ھەرىكەتتە ‹‹ئاستىلاش داۋامىدا مۇقىم بولۇش، مۇقىم بولۇش داۋامىدا ياخشىلىنىش›› ۋەزىيىتى كۆرۈلدى، ئۈچ چوڭ كەسىپ ئوخشىمىغان دەرىجىدە ئاشتى، بولۇپمۇ 3 – كەسىپنىڭ ئېشىش كۆلىمى ئەڭ چوڭ بولۇپ، ئىقتىسادىي قۇرۇلمىنى تەڭشەش ئەلالاشتۇرۇلدى؛ خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش خىزمىتىنىڭ نەتىجىسى زور بولدى، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇلدى، خەلقنىڭ تۇرمۇش سۈپىتى ئۈزلۈكسىز ياخشىلاندى، شەھەر – بازار ئاھالىلىرى، دېھقانلارنىڭ ئىلكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىم بىردەك ئېشىپ، 600 مىڭ نامرات ئازايدى.

    نەيىم ياسىن مۇنداق تەكىتلىدى: 2017 – يىلى ئۆز قۇرۇلۇشىمىزنى تېخىمۇ كۈچەيتىپ، خىزمەت ئىستىلىمىزنى ياخشىلاپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ رەھبەرلىكىدە قەتئىي تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنى قاتتىق باشقۇرۇشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، پولاتتەك ئىنتىزام ۋە ياخشى ئىستىل ئارقىلىق ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى تولۇق ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە، ئىجتىمائىي ئومۇمىيەتنىڭ ئىناق، مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلىشىمىز؛ جەنۇبىي شىنجاڭ خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، مۇقىملىق ۋە تەرەققىياتنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈشتە باشتىن – ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، بىرىكمە مۇشتنى ياخشى ئېتىپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىش، خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تىزگىنلەش خىزمىتىنى تېخىمۇ ئىلگىرى سۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، دىنلار ئىناقلىقىنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى ئەڭ ئاخىر خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش ۋە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشقا ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش؛ ئەمەلىي ئۈنۈمنى كۆزلەپ، 2017 – يىللىق خىزمەتلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تېخىمۇ چىڭ تۇتۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق، تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھات، ئەمەلىي گەۋدىلەرنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش قۇرۇلۇشى قاتارلىق تۈرلۈك تەدبىرلەرنى ئىسلاھات، تەرەققىياتتا كەم – كوتسىز ئەمەلىيلەشتۈرۈشىمىز كېرەك.(تامام)

[مەريەمگۈل]
010020070830000000000000011100001359730481