سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، خىزمەت ئىستىلىنى ياخشىلاپ، تۈرلۈك تەدبىر–ئورۇنلاشتۇرمىلارنى تولۇق ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك

مۇھەررىر: مەريەمگۈل
مەنبەسى: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-01-11

    ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى لى پېڭشىن 1 – ئاينىڭ 9 – كۈنى ئاقسۇ ۋىلايىتى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا مۇنداق كۆرسەتتى: پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، خىزمەت ئىستىلىنى ئەمەلىي ياخشىلاپ، تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىلارنى تولۇق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، نەتىجە ھاسىل قىلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

    لى پېڭشىن ۋەكىللەرنىڭ سۆزىنى ئەستايىدىل ئاڭلىغاندىن كېيىن مۇنداق دېدى: ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتتا نەتىجىلەر ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدىگەن ھالدا يەكۈنلەنگەن، ۋەزىيەت ئىلمىي، توغرا تەھلىل قىلىنغان، خىزمەتلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇش پىكىر يولى ئېنىق بولغان بولۇپ، كىشىلەر قەلبىنى مۇجەسسەملەيدىغان، روھىنى ئۇرغۇتىدىغان، كىشىنى ئالغا ئىلگىرىلەشكە ھەيدەكچىلىك قىلىدىغان دوكلات بوپتۇ. 2016 – يىلى ھۆكۈمەت خىزمىتىدە ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ يېڭى نورمال ھالىتىگە ئاكتىپ ماسلىشىپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، مۇقىم ئېشىش، شەكىلنى ئۆزگەرتىش، ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش، كەمچىلىكلەرنى تولۇقلاش، خېيىم – خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىن ئىبارەت تۈرلۈك سىياسەت – تەدبىرلەرنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىقتىساد ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتتا يېڭى ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈپ، ‹‹13 – بەش يىللىق›› پىلاننى ياخشى باشلاشنى ئەمەلگە ئاشۇردۇق. نەتىجىلەر ئاسان قولغا كەلمىدى، تەجرىبىلەر ئىنتايىن قىممەتلىك بولۇپ، داۋاملىق ساقلىشىمىزغا، ئۈزلۈكسىز جارى قىلدۇرۇشىمىزغا توغرا كېلىدۇ. دوكلاتتا ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ 2017 – يىللىق ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات ۋەزىيىتى چوڭقۇر تەھلىل قىلىنىپ، باش نىشاننى چۆرىدەپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تىكلەپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىقتىساد ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئاساسىي نىشانى، نۇقتىلىق خىزمەت ۋە كونكرېت تەدبىرلەر ئايدىڭلاشتۇرۇپ بېرىلدى. بۇ، مەركەزنىڭ روھى، شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىگە ئۇيغۇن بولۇپ، ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ ئارزۇسىغا ئىنكاس قايتۇردى.

    لى پېڭشىن مۇنداق تەكىتلىدى: بۇ يىللىق خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەشتە، ئاچقۇچلۇقى ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى مەركەزنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تەلىپى ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ‹‹تۆت ئاڭ››نى، بولۇپمۇ يادرو ئېڭى، بىردەكلىك ئېڭىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، خىزمەت ئىستىلىنى ھەقىقىي ياخشىلاپ، سىياسىيغا ئەڭ ئەھمىيەت بېرىپ، ئەستايىدىل بولۇشقا ئەڭ ئەھمىيەت بېرىپ، مۇقىملىقنى قەتئىي تەۋرەنمەي قوغداپ، جاسارەتلىك، ياراملىق بولۇپ، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈپ، چاقماقتەك چاققان بولۇپ ئىجرا قىلىشنى چىڭ تۇتۇپ، تۈرلۈك تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىلارنى تولۇق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، نەتىجە ھاسىل قىلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. (تامام)

[مەريەمگۈل]
010020070830000000000000011100001359730431