سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 12–نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 5–يىغىنىنىڭ ھەيئەت رىياسىتى 2–قېتىم يىغىن ئۆتكۈزدى

مۇھەررىر: مەريەمگۈل
مەنبەسى: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-01-11

    شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 12 – نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 5 – يىغىنىنىڭ ھەيئەت رىياسىتى 1 – ئاينىڭ 10 – كۈنى چۈشتىن كېيىن 2 – قېتىم يىغىن ئۆتكۈزدى.

    يىغىن ھەيئەت رىياسىتىنىڭ دائىمىي رەئىسى نەيىم ياسىن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

    يىغىندا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 12 – نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 5 – يىغىنىنىڭ سايلاش، ئاۋازغا قويۇش چارىسى (لايىھە) توغرىسىدىكى دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى، ئاۋازغا قويۇش چارىسى (لايىھە) ئاۋازغا قويۇپ ماقۇللاندى، شۇنداقلا ئومۇمىي يىغىندا ئاۋازغا قويۇش تەكلىپى بېرىلدى.

    يىغىن ھەيئەت رىياسىتىنىڭ دائىمىي رەئىسلىرىدىن چېن چۈەنگو، ۋاڭ يۇڭمىڭ، ما مىڭچېڭ، ھۆرىگۈل جاپپار، دۇڭ شىنگۇاڭ، جاڭ بو، نىجات سۇلتان، مانەن زەينەل، ئىنام نەسىردىن، ئەسقەر تۇرسۇن يىغىنغا قاتناشتى.(تامام)

[مەريەمگۈل]
010020070830000000000000011100001359730391