سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

نۇرلان ئەبىلمەجىن چەت ئەللەردىكى مۇھاجىر قېرىنداشلار ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشتى

مۇھەررىر: مەريەمگۈل
مەنبەسى: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-01-11

    ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى نۇرلان ئەبىلمەجىن 1 – ئاينىڭ 9 – كۈنى سىياسىي كېڭەش شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11 – نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 5 – يىغىنىغا سىرتتىن قاتناشقان چەت ئەللەردىكى مۇھاجىر قېرىنداشلار ۋەكىللىرى بىلەن سەمىمىي كۆرۈشتى.

    نۇرلان ئەبىلمەجىن يىغىنغا قاتنىشىش ئۈچۈن مەخسۇس كەلگەن چەت ئەللەردىكى مۇھاجىر قېرىنداشلار ۋەكىللىرىنى قارشى ئالىدىغانلىقى ۋە ئۇلارغا تەشەككۈر ئېيتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى، چەت ئەللەردىكى مۇھاجىر قېرىنداشلارنىڭ كۆپ يىللاردىن بۇيان شىنجاڭنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا قوشقان تۆھپىلىرىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى. ئۇ مۇنداق كۆرسەتتى: مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدىن كېيىن، ئاپتونوم رايونىمىز تەرەققىيات ئەڭ تېز بولغان تارىخىي مەزگىلنى كۈتۈۋالدى. ھازىر ئاپتونوم رايون بويىچە يۇقىرىدىن – تۆۋەنگىچە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، ئىجتىمائىي ئومۇمىيەتنىڭ مۇقىملىقىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن قوغداپ، ئىقتىسادنىڭ سىجىل، ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلماقتا ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلىماقتا، ئاپتونوم رايونىمىزدا ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەر بولدى. چەت ئەللەردىكى مۇھاجىر قېرىنداشلار جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئەمگەكچان، ئەقىل – پاراسەتلىك ئېسىل پەزىلىتى بىلەن، ياقا يۇرتلاردا جاپالىق كۈرەش قىلىپ، بەلگىلىك ئاساس تىكلىدى. كۆپچىلىك ياقا يۇرتلاردا بولسىمۇ، لېكىن ۋەتىنى ۋە يۇرتىغا رىشتە باغلىدى، بۇنىڭدىن كېيىن كۆپچىلىكنىڭ شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىغا داۋاملىق كۆڭۈل بۆلۈپ، شىنجاڭنى ياخشى تەشۋىق قىلىپ ۋە تونۇشتۇرۇپ، يۇرتىنىڭ قۇرۇلۇشىنى پائال قوللىشىنى ۋە يۇرتىنىڭ قۇرۇلۇشىغا قاتنىشىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

    نۇرلان ئەبىلمەجىن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايون چەت ئەللەردىكى مۇھاجىر قېرىنداشلارنىڭ تۇرمۇشىغا ناھايىتى ئەھمىيەت بەردى، چەت ئەللەردىكى جۇڭگولۇقلار، جۇڭگو مۇھاجىرلىرى ۋەكىللىرىنى شىنجاڭغا كېلىپ ئېكسكۇرسىيە قىلىش ۋە كۆزدىن كەچۈرۈشكە كۆپ قېتىم تەكلىپ قىلدى. بۇ قېتىمقى يىغىنغا چەت ئەللەردىكى مۇھاجىر قېرىنداشلارنىڭ سىرتتىن قاتنىشىشقا تەكلىپ قىلىنىشى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ چەت ئەللەردىكى مۇھاجىر قېرىنداشلارغا كۆڭۈل بۆلۈشى ۋە ئىشەنچىسىنى تولۇق نامايان قىلدى، يىغىنغا سىرتتىن قاتناشقان چەت ئەللىك مۇھاجىر قېرىنداشلارنىڭ سىياسىي كېڭەش يىغىنىنىڭ ئالاقىدار پائالىيەتلىرىگە ئاكتىپ قاتنىشىپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئەھۋالىنى چوڭقۇر ئىگىلەپ، ئۆزىدىكى تەسىر كۈچى ۋە چاقىرىق كۈچىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئەتراپىدىكى جۇڭگولۇقلار، جۇڭگو مۇھاجىرلىرىغا بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ روھىنى تەشۋىق قىلىپ، شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن داۋاملىق ئاكتىپ تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش، پەن – تېخنىكا، مائارىپ، سىرتقا ئېچىۋېتىش قاتارلىق جەھەتلەردە ئاكتىپ رول ئوينىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

    كۆرۈشۈشكە قاتناشقان چەت ئەللەردىكى مۇھاجىر قېرىنداشلار ۋەكىللىرى بەس – بەستە سۆز قىلىپ، ئاپتونوم رايوننىڭ سىياسىي كېڭەش يىغىنىغا سىرتتىن قاتنىشىش تەسىراتىنى ئەركىن – ئازادە سۆزلىدى ھەم شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقىنى قوغداش، ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، چەت ئەللەردىكى جۇڭگولۇقلار ئىجتىمائىي تەشكىلاتلىرىنىڭ ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىش قاتارلىق جەھەتلەردىكى پىكىر – تەكلىپلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

    قازاقىستان ‹‹جيېبياۋ›› جۇڭگولۇق مۇھاجىرلار، جۇڭگولۇقلار بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئۆمەرئېلى ئادىلبېك مۇنداق دېدى: مەن دائىم ۋەتەنگە قايتىپ، ۋەتەننىڭ ۋە يۇرتۇمنىڭ بارغانسېرى قۇدرەت تېپىۋاتقانلىقى، گۈللىنىۋاتقانلىقىنى كۆرگىنىمدە ئىنتايىن ئىپتىخارلىنىمەن. بۇنىڭدىن كېيىن، جۇڭگو بىلەن قازاقىستاننىڭ دوستلۇق ئالاقىسى ئۈچۈن كۆپرەك تۆھپە قوشۇپ، يۇرتىمىزنىڭ تەرەققىياتىغا كۈچ چىقىرىمەن.

    قىرغىزىستان ئوتتۇرا ئاسىيا جۇڭگولۇق مۇھاجىرلار – جۇڭگولۇقلار دوستلۇق جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى خۇ يۈمېي مۇنداق دېدى: يۇرتىمىز ئۇزاق مەزگىل چەت ئەللەردە ياشىغان جۇڭگولۇقلار، جۇڭگو مۇھاجىرلىرىغا ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلدى ۋە ئەھمىيەت بەردى، بۇ، كىشىنى ناھايىتى تەسىرلەندۈرىدۇ. يىغىننى ئەستايىدىل ياخشى ئېچىپ، قايتىپ بارغاندىن كېيىن يىغىننىڭ روھىنى يەتكۈزۈپ، تېخىمۇ كۆپ جۇڭگولۇقلار ۋە جۇڭگو مۇھاجىرلىرىغا يۇرتىمىزدىكى غايەت زور ئۆزگىرىشلەرنى بىلدۈرىمەن، شۇنىڭ بىلەن بىللە، جۇڭگولۇقلار، جۇڭگو مۇھاجىرلىرىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، كۈچنى مۇجەسسەملەپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى، ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ئۈچۈن تۆھپە قوشىمەن.

    ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى رىزۋان ئەبەي كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.(تامام)

[مەريەمگۈل]
010020070830000000000000011100001359730381