سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

شى جىنپىڭ شىۋېيتسارىيەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇپ، دۇنيا ئىقتىساد مۇنبىرىنىڭ 2017–يىللىق يىغىنىغا قاتنىشىدۇ ھەم شۋېتسارىيەدىكى خەلقئارالىق تەشكىلاتلارنى زىيارەت قىلىدۇ

مۇھەررىر: مەريەمگۈل
مەنبەسى: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-01-11

     شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 1 – ئاينىڭ 10 – كۈنى تېلېگراممىسى. دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى لۇ كاڭ 1 – ئاينىڭ 10 – كۈنى مۇنداق جاكارلىدى: لويىتىخارد رەئىسلىكىدىكى شىۋېيتسارىيە فېدېراتسىيە كومىتېتىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 1 – ئاينىڭ 15 – كۈنىدىن 18 – كۈنىگىچە شىۋېيتسارىيەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىدۇ.

    دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بۇ مەزگىلدە دۇنيا ئىقتىساد مۇنبىرىنىڭ قۇرغۇچىسى، قوشۇمچە ئىجرائىيە رەئىسى سىۋابنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن 1 – ئاينىڭ 17 – كۈنى شىۋېيتسارىيەنىڭ داۋۇس دېگەن يېرىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان دۇنيا ئىقتىساد مۇنبىرىنىڭ 2017 – يىللىق يىغىنىغا قاتنىشىدۇ. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ب د ت باش كاتىپى گۇتېررېس، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ باش ئىش بېجىرگۈچىسى چېنفېڭفۇجېن، خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ رەئىسى باكنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن 1 – ئاينىڭ 18 – كۈنى ب د ت نىڭ جەنۋەدىكى باش ئىشتابى، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى، خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنى زىيارەت قىلىدۇ.(تامام)

[مەريەمگۈل]
010020070830000000000000011100001359730351