سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 12 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 5 - يىغىنى ئېچىلدى

مۇھەررىر: ۋۇ ۋېنشيا
مەنبەسى: شىنجاڭ گېزىتى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-01-10

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 12 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 5 - يىغىنى ئېچىلدى

چېن چۈەنگو، نۇرلان ئەبىلمەجىن، سۈن جىنلۇڭ، جۇ خەيلۇن، لى پېڭشىن رەئىس سەھنىسىدىن ئورۇن ئالدى

   شۆھرەت زاكىر ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات بەردى،  نەيىم ياسىن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 12 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 5 - يىغىنى 1 - ئاينىڭ 9 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن شىنجاڭ «خەلق» سارىيىدا ئېچىلدى.    ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن 470 نەچچە ۋەكىل 23 مىليوندىن ئارتۇق ھەر مىللەت خەلقنىڭ مۇھىم تاپشۇرۇقىنى زىممىسىگە ئېلىپ، تولۇپ تاشقان ئىشەنچ بىلەن يىغىنغا قاتناشتى، ئۇلار ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلاردا بېرىلگەن مۇقەددەس بۇرچىنى ئادا قىلىدۇ. زال ئىچىدە چىراغلار نۇر چېچىپ تۇرغان، رەئىس سەھنىسى پەردىسىنىڭ ئوتتۇرىغا دۆلەت گېربى ئېسىلغان بولۇپ، يىغىن مەيدانىنىڭ كەيپىياتى ئىنتايىن قىزغىن ئىدى.

    يىغىن ھەيئەت رىياسىتىنىڭ دائىمىي رەئىسى، ئىجرائىيە رەئىسى چېن چۈەنگو، نەيىم ياسىن، ۋاڭ يۇڭمىڭ، ما مىڭچېڭ، ھۆرىگۈل جاپپار، دۇڭ شىنگۇاڭ، جاڭ بو، نىجات سۇلتان، مانەن زەينەل، ئىنام نەسىردىن، ئەسقەر تۇرسۇن رەئىس سەھنىسىنىڭ ئالدىنقى قاتارىدىن ئورۇن ئالدى. يىغىنغا نەيىم ياسىن رىياسەتچىلىك قىلدى.

    ئىسمائىل تىلىۋالدى، شۆھرەت زاكىر، نۇرلان ئەبىلمەجىن، ئەسقەت كەرىمباي، سۈن جىنلۇڭ، جۇ خەيلۇن، لى پېڭشىن، پېڭ يۇڭ، لى ۋېي، شاۋكەت ئىمىن، شۈ خەيرۇڭ، ئەركىن تۇنىياز، ما شۆجۈن، پېڭ جيارۈي، تيەن ۋېن، سارقىت ئاقان، ليۇ شىنچى ۋە يىغىن ھەيئەت رىياسىتىنىڭ ئەزالىرى رەئىس سەھنىسىدىن ئورۇن ئالدى.

    ئىلگىرى ئاپتونوم رايونىمىزدا خىزمەت قىلغان پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرىدىن جاڭ چۈنشيەن، ۋاڭ لېچۈەن، ئەركىن ئىمىرباقى، جاڭ چىڭلى، تۆمۈر داۋامەت، ئىسمائىل ئەھمەد، ئابلەت ئابدۇرېشىت يىغىننىڭ غەلىبىلىك ئېچىلغانلىقىنى تەبرىكلىدى.

    شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 12 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 5 - يىغىنىغا قاتنىشىشقا تېگىشلىك ۋەكىل 543 بولۇپ، بۈگۈنكى يىغىنغا 472 ۋەكىل قاتناشتى، بۇ قانۇندا بەلگىلەنگەن سانغا ئۇيغۇن.

    چۈشتىن بۇرۇن ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت 8:30دا نەيىم ياسىن مۇنداق جاكارلىدى: شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 12 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 5 - يىغىنى باشلاندى! ھەممىمىز ئورنىمىزدىن تۇرۇپ دۆلەت شېئىرىنى ئورۇنلايلى!

    يىغىننىڭ كۈنتەرتىپىگە ئاساسەن، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىگە ۋاكالىتەن يىغىنغا ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات بەردى. دوكلات ئۈچ قىسىمغا ئايرىلغان بولۇپ، بىرىنچى قىسمى، 2016 - يىلى ئىشلەنگەن خىزمەتلەرنىڭ ئەسلىمىسى، ئىككىنچى قىسمى، 2017 - يىلى ئىشلىنىدىغان خىزمەتلەرنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسى، ئۈچىنچى قىسمى، ھۆكۈمەتنىڭ ئۆز قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشتىن ئىبارەت.

    شۆھرەت زاكىر مۇنداق دېدى: يېڭىلا ئۆتۈپ كەتكەن بىر يىل «13 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلان باشلانغان يىل، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ئومۇميۈزلۈك ھۇجۇم قىلىدىغان، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبىنى قولغا كەلتۈرىدىغان باسقۇچ باشلانغان يىل، شۇنداقلا مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇشتىكى مۇھىم بىر يىل. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيى ۋە ج ك پ 18 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 -، 4 -، 5 -، 6 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇردۇق، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ۋە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى چوڭقۇر ئەمەلىيلەشتۈردۇق، مەركەزنىڭ 2 - قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى ۋە ج ك پ ئاپتونوم رايونلۇق 9 - قۇرۇلتىيىنىڭ تۈرلۈك تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇردۇق، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكتىن ئىبارەت باش نىشاننى زىچ چۆرىدەپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ يېڭى نورمال ھالىتىگە پائال ماسلاشتۇق، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇردۇق، تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈردۇق، ئىجتىمائىي مۇقىملىق، ئىقتىسادىي تەرەققىيات، خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە دىنلار ئىناقلىقى جەھەتلەردىكى خىزمەتلەرنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈردۇق، ئىقتىسادنىڭ يۈرۈشۈشى ئومۇمىي جەھەتتىن تەكشى بولدى، ئىقتىسادىي قۇرۇلمىنى ياخشى تەڭشەپ، خەلق تۇرمۇشىنى داۋاملىق ياخشىلاپ، ئىجتىمائىي ئىشلارنى ئۈزلۈكسىز راۋاجلاندۇرۇپ، ئېكولوگىيەنى قوغداشنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، «13 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلان مەزگىلىدىكى خىزمەتلەرنى ياخشى باشلىۋالدۇق. مۆلچەرىمىزچە، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 955 مىليارد يۈەنگە يېتىپ، %7.6 ئاشىدۇ. خەلق تۇرمۇشى چىقىمى ئادەتتىكى جامائەت خامچوتى چىقىمىنىڭ %74.7ىنى ئىگىلىدى؛ شەھەر - بازار ئاھالىسىنىڭ ئىلكىدىكى كىرىمىنى 28 مىڭ 240 يۈەنگە يەتكۈزۈپ، %7.5 ئاشۇردۇق؛ يېزا ئاھالىسىنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان كىرىمىنى 10 مىڭ 180 يۈەنگە يەتكۈزۈپ، %8 ئاشۇردۇق، 600 مىڭدىن ئارتۇق كىشىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇردۇق؛ شەھەر - بازارلاردا 455 مىڭ كىشىنى يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشتۇردۇق، يېزىلاردىكى 2 مىليون 750 مىڭ ئېشىنچا ئەمگەكچىنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇردۇق؛ PPP تۈرلىرى بويىچە 236 مىليارد 300 مىليون يۈەن مەبلەغنى ئەمەلىيلەشتۈردۇق؛ جەنۇبىي شىنجاڭدا 15 يىللىق ھەقسىز مائارىپ ئالدىن ئاساسەن ئىشقا ئاشۇرۇلدى، ئاپتونوم رايونىمىز شەھەر، يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ھەقسىز سالامەتلىك تەكشۈرتۈشنى ئومۇميۈزلۈك قاپلاش ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇلدى؛ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان 19 ئۆلكە، شەھەر ياردەم بېرىش تۈرىدىن 1919نى يولغا قويدى، ياردەم مەبلىغى 14 مىليارد 370 مىليون يۈەن ئەمەلىيلىشىپ، 3 مىليارد 350 مىليون يۈەن ئاشتى.

    شۆھرەت زاكىر جەمئىيەتنىڭ ئومۇمىي مۇقىملىقىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قوغداش، ئىقتىسادنىڭ سىجىل، ساغلام تەرەققىياتىغا زور كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇش، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى زور كۈچ بىلەن چوڭقۇرلاشتۇرۇش، خەلق تۇرمۇشىنى زور كۈچ بىلەن كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە دىنلار ئىناقلىقىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈش، پاكىز، گۈزەل شىنجاڭنى زور كۈچ بىلەن بەرپا قىلىش، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى زور كۈچ بىلەن تېزلىتىش، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشنىڭ ئالاھىدە رولىنى زور كۈچ بىلەن جارى قىلدۇرۇش، بىڭتۈەننىڭ تۈرلۈك ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى زور كۈچ بىلەن قوللاش قاتارلىق ئۆتكەن بىر يىلدا ئىشلەنگەن ئاساسلىق خىزمەتلەرنى توققۇز جەھەتتىن ئەسلەپ ئۆتتى. شۆھرەت زاكىر مۇنداق كۆرسەتتى: بىز بۇلتۇرقى نەتىجىلەرنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈش بىلەن بىللە، ئالغا ئىلگىرىلەش يولىمىزدا يەنە نۇرغۇن قىيىنچىلىق ۋە خىرىسلارنىڭ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتتا ۋە ھۆكۈمەت خىزمىتىدە يەنە نۇرغۇن گەۋدىلىك مەسىلىلەرنىڭ بارلىقىنى ئېنىق كۆرۈپ يېتىشىمىز، دادىل زىممىمىزگە ئېلىپ، قىيىنچىلىققا يۈزلىنىپ، پائال ئىلگىرىلەپ، يېڭىلىق يارىتىش تەپەككۇرى ۋە چوقۇم غەلىبە قىلىش ئىرادىمىز بىلەن بۇ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا كۈچىشىمىز كېرەك.

    شۆھرەت زاكىر مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بۇ يىل پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيى ئېچىلىدىغان، يېڭى تەرەققىيات قارىشىنى ئىزچىللاشتۇرىدىغان، تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرىدىغان يىل، شۇنداقلا «13 - بەش يىل»لىق پىلاننى يولغا قويىدىغان، ج ك پ ئاپتونوم رايونلۇق 9 - قۇرۇلتىيىنىڭ روھى ئىزچىللاشتۇرۇلىدىغان ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈلىدىغان، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرىدىغان، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرىدىغان مۇھىم بىر يىل. بۇ يىللىق خىزمەتلەرنىڭ ئومۇمىي تەلىپى تۆۋەندىكىچە: پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيى ۋە ج ك پ 18 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 3 -، 4 -، 5 -، 6 - ئومۇمىي يىغىنى ۋە مەركەزنىڭ ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزى، بولۇپمۇ مەركەزنىڭ 2 - قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزى ۋە شىنجاڭدا خىزمەتلەرنى كۆزدىن كەچۈرگەندە قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ج ك پ ئاپتونوم رايونلۇق 9 - قۇرۇلتىيىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسى ۋە تەلىپىگە ئاساسەن، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، «بەش بىر گەۋدە» ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بىر تۇتاش يولغا قويۇش، «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ماس قەدەمدە ئىلگىرى سۈرۈش، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇش، ئىجادىي، ماس، يېشىل، ئوچۇق ۋە ھەمبەھرىلىك تەرەققىيات ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ يېڭى نورمال ھالىتىگە ماسلىشىش، ئۇنى ئىگىلەش ۋە يېتەكلەش، سۈپەت ۋە ئۈنۈمنى ئۆستۈرۈشنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇش؛ ماكرو سىياسەتنىڭ مۇقىم، مىكرو سىياسەتنىڭ جانلىق، كەسىپ سىياسىتىنىڭ دەل، ئىسلاھات سىياسىتىنىڭ ئەمەلىي، جەمئىيەتكە دائىر سىياسەتلەر مۇكەممەل بولۇشتەك سىياسەت تەپەككۇرىدا چىڭ تۇرۇش؛ تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئاساسىي لىنىيە قىلىشتا چىڭ تۇرۇش؛ ئومۇمىي ئېھتىياجنى مۇۋاپىق ئاشۇرۇش، مۆلچەرلەنگەن نىشانغا يېتەكلەشنى كۈچەيتىش، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش؛ دۆلەتنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» ئىستراتېگىيەسىگە پائال قاتنىشىش؛ مۇقىملىقنى ساقلاش، ئىقتىسادنى مۇقىم ئاشۇرۇش، ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش، قۇرۇلمىنى تەڭشەش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، يېتەرسىزلىكلەرنى تۈگىتىش، خەۋپ - خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا دائىر تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلەش؛ ئىقتىسادنىڭ مۇقىم، ساغلام تەرەققىياتى ۋە جەمئىيەتنىڭ ئىناق ۋە مۇقىم بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئەلا نەتىجىلەر بىلەن پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى كۈتۈۋېلىش.

    شۆھرەت زاكىر مۇنداق دېدى: شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات كۆزلىمە نىشانى− ئاپتونوم رايوننىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنى %7تىن كۆپرەك ئاشۇرۇش، ئىجتىمائىي تۇراقلىق مۈلۈك سېلىنمىسىنى %50تىن كۆپرەك ئاشۇرۇش، ئىجتىمائىي ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ پارچە سېتىلىش ئومۇمىي سوممىسىنى %10 ئاشۇرۇش، ئىمپورت - ئېكسپورت ئومۇمىي سوممىسىنى %3 ئاشۇرۇش، ئادەتتىكى جامائەت خامچوت كىرىمىنى %5 ئۆپچۆرىسىدە ئاشۇرۇش، شەھەر - بازارلاردىكى تىزىملانغان ئىشسىزلىق نىسبىتىنى %4.5 ئىچىدە تىزگىنلەش، ئاھالە ئىستېمال باھاسىنىڭ ئۆسۈش نىسبىتىنى %3.5 ئىچىدە تىزگىنلەش، شەھەر، يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئىلكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىمىنى ئايرىم - ئايرىم ھالدا %7.5 ۋە %8 ئاشۇرۇش.

    شۆھرەت زاكىر دوكلاتتا مۇنۇلارنى ئوتتۇرىغا قويدى: 2017 - يىللىق خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەشتە «بىر باش نىشان»نى مۇستەھكەم تۇرغۇزىمىز، «بىر باش رىتىم»دا چىڭ تۇرىمىز، «بىر ئاساسىي لىنىيە»نى ئىگىلەيمىز، «بىر تۇتقا»دىن ياخشى پايدىلىنىمىز. 12 جەھەتتىكى خىزمەتنى نۇقتىلىق چىڭ تۇتىمىز: بىرىنچى، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن قوغدايمىز؛ ئىككىنچى، تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى پائال ئىلگىرى سۈرىمىز؛ ئۈچىنچى، ئەمەلىي ئىقتىسادنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرىمىز؛ تۆتىنچى، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى سالمىقىنى زورايتىمىز؛ بەشىنچى، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايون قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىمىز؛ ئالتىنچى، خەلققە نەپ يەتكۈزۈش نۇقتىلىق قۇرۇلۇشىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن چىڭ تۇتىمىز؛ يەتتىنچى، نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەشنى ئىلگىرى سۈرىمىز؛ سەككىزىنچى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە دىنلار ئىناقلىقىنى ئىلگىرى سۈرىمىز؛ توققۇزىنچى، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىمىز؛ ئونىنچى، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىنى ئالاھىدە چىڭ تۇتىمىز؛ ئون بىرىنچى، جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىشنى كۈچەيتىمىز ۋە ئۇنىڭدا يېڭىلىق يارىتىمىز؛ ئون ئىككىنچى، بىڭتۈەننىڭ ئالاھىدە رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرىمىز.

    شۆھرەت زاكىر ھۆكۈمەتنىڭ ئۆز قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش توغرىسىدا مۇنداق تەكىتلىدى: پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە قەتئىي چىڭ تۇرۇپ، خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىشتىن ئىبارەت باش مەقسەتنى ئەمەلدە كۆرسىتىمىز؛ قانۇن بويىچە مەمۇرىيەت يۈرگۈزۈشتە چىڭ تۇرۇپ، قانۇن ئىدارە قىلىدىغان ھۆكۈمەت قۇرۇپ چىقىشقا كۈچەيمىز؛ ئىسلاھات، يېڭىلىق يارىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، ھۆكۈمەت فۇنكسىيەسىنى ئۆزگەرتىشنى تېزلىتىمىز؛ راستچىل، ئەمەلىيەتچىل بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ھۆكۈمەتنىڭ خىزمەت ئۈنۈمىنى ئۆستۈرىمىز؛ قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، پاك ھۆكۈمەت قۇرۇش خىزمىتىنى چىڭ تۇتۇپ، مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، خەلق رازى بولىدىغان ھۆكۈمەت قىلىپ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن تىرىشىمىز. شۆھرەت زاكىر يەنە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشكە دائىر خىزمەتلەرنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈرۈش، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق قىسىم قۇرۇلۇشىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قوللاش قاتارلىق جەھەتلەردە توختالدى.

    يىغىن كۈنتەرتىپىگە ئاساسەن، ئاپتونوم رايوننىڭ 2016 - يىللىق خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانىنىڭ ئىجراسى ھەم ئاپتونوم رايوننىڭ 2017 - يىللىق خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانىنىڭ لايىھەسى توغرىسىدىكى دوكلاتى، ئاپتونوم رايوننىڭ 2016 - يىللىق خامچوتىنىڭ ئىجراسى ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ 2017 - يىللىق خامچوت لايىھەسى توغرىسىدىكى دوكلاتى بېسىپ تارقىتىلىپ، قاراپ چىقىپ تەستىقلاشقا سۇنۇلدى.

    غانىبات سابۇكەي، خۇا شىفېي، تىلىۋالدى ئابدۇرىشىت، مەمتىمىن ياسىن، چۆجۈپ، چيەن جى، مۇتەللىپ قاسىم، جەرۇللا ھېسامىدىن، ماغاۋ سېيىتقامزە، بەي جىجيې، ليۇ يەنلياڭ، رىزۋان ئەبەي، لى شياڭلىن، جۈرئەت ئىمىن، ليۇ جىيۇڭ، ليۇ جيەنشىن، ۋەن خەيچۈەن، چېڭ جېنشەن، بادەي، گۈلشاد ئابدۇقادىر، يۈ شيۇدۇڭ، ئابدۇلېتىپ ئابدۇرېھىم، ماۋكىن سېيىتقامزە، ۋاڭ ۋىي، سەمەت مەمەت، سۇڭ جيەنيې، لى شىنمىڭ، سۇڭ خاۋ، ياڭ فۇلىن، ئابلىز نىياز، گو يۇڭخۈي، ۋاڭ جىلياڭ، چېڭ جياجۇ، يەن فېنشىن، مۇتەللىپ ئوبۇل، گو ليەنشەن، نىشان ئىبراھىم، گۈەن يەنمى، ۋاڭ ئەيگو قاتارلىقلارمۇ رەئىس سەھنىسىدىن ئورۇن ئالدى.

    ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى بولمىغان ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى تەركىبىدىكىلەر، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 11 - نۆۋەتلىك كومىتېتى5 - يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان ئەزالار، ئاپتونوم رايوندىكى ئالاقىدار ئورۇنلارنىڭ مەسئۇللىرى يىغىنغا سىرتتىن قاتناشتى.(تامام)

[ۋۇ ۋېنشيا]
010020070830000000000000011100001359707151