سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

ئاققۇلار شىنجاڭ كورلا شەھىرىدە 10 نەچچە قىشنى ئۆتكۈزدى

مۇھەررىر: ۋۇ ۋېنشيا
مەنبەسى: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-01-10

    ئون يىل بۇرۇن، ئون نەچچىلا ئاققۇ كورلا شەھىرى كۆنچى دەرياسىغا ئۇچۇپ كېلىپ، بۇ يەردە قىشتىن ئۆتەتتى. 10 يىلدىن كېيىنكى بۈگۈنكى كۈندە، كورلا ئاھالىلىرى قىشتا دائىم دېگۈدەك كۆنچى دەرياسىغا كېلىپ ئاققۇلارنى تاماشا قىلدىغان بولدى، چۈنكى، بۇ يەردە قىشتىن ئۆتىدىغان ئاققۇلارنىڭ سانى 300دىن ئاشقانىدى.

    كۆنچى دەرياسىدا ھەر يىلى قىشتىن ئۆتىدىغان ئاققۇلار سانىنىڭ كۆپىيىشى سەۋەبسىز ئەمەس. 10 نەچچە يىلدىن بۇيان، قىشتىن ئۆتكىلى كەلگەن ئاققۇ، ياۋا غاز قاتارلىقلار يەرلىكنىڭ كۆكەرتىش، مۇھىت ئاسراش تارماقلىرى ۋە كەڭ خەلق ئاممىىسنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشىگە ئېرىشتى.

    كورلا شەھەرلىك باغ-ئورمان، كۆكەرتىش باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ باغ-ئورمان كۆزىتىش چوڭ ئەترىتى مەخسۇس ئاققۇ ئوتتۇرا ئەترىتى قۇرۇپ، ئاققۇ، ياۋا غازلارنى قوغداش بىلەن بىرگە، يەنە ھەر كۈنى ئۇلارغا قەرەللىك تۈردە يېمەكلىك بەردى.

    10 نەچچە يىلدىن بۇيان، تۈرلۈك سەۋەبلەر تۈپەيلى يارىلانغان 40 نەچچە ئاققۇ ۋاقتىدا قۇتقۇزۇشقا ئېرىشتى.(تامام)

[ۋۇ ۋېنشيا]
010020070830000000000000011100001359706591