سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

شىنجاڭ كۆكرەك ئاغرىقى مەركىزى بىرلەشمىسى ئۈرۈمچىدە قۇرۇلدى

مۇھەررىر: ۋۇ ۋېنشيا
مەنبەسى: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-01-10

    يېقىندا، غەربىي شىمالدىكى بەش ئۆلكە بويىچە تۇنجى كۆكرەك ئاغرىقى مەركىزى بىرلەشمىسى بولغان شىنجاڭ كۆكرەك ئاغرىقى مەركىزى بىرلەشمىسى يېقىندا ئۈرۈمچى شەھىرىدە قۇرۇلدى، بۇ، شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى قارمىقىدىكى 1-دوختۇرخانىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تۇنجى تۈركۈمدىكى50 دوختۇرخانا قاتناشقان بىرلەشمە ھېسابلىنىدۇ. ئىگىلىنىشىچە، جىددىي خاراكتېرلىك كۆكرەك ئاغرىقى داۋاملىق كۆرۈلىدىغان خەتەرلىك كېسەللىكلەرنىڭ بىرى بولۇپ، يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسى سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدىكەن، بىمارنىڭ كېسىلى قوزغالغاندىن كېيىنكى 90 مىنۇت ھاياتنى قۇتقۇزۇشتىكى ئەڭ ئالتۇن ۋاقىت ھېسابلىنىدىكەن.

    ئۈرۈمچى جىددىي قۇتقۇزۇش مەركىزى مۇدىرى لى شۇلىننىڭ ئېيتىشىچە، كۆكرەك ئاغرىقى مەركىزى بىرلەشمىسىنىڭ قۇرۇلۇشى دوختۇرخانىلارنىڭ جىددىي قۇتقۇزۇش تۈزۈلمىسىنى يەنىمۇ ياخشىلاپ، «كۆكرىكى ئاغرىغان بىمارنى ۋاقتىدا بايقاپ، تېز داۋالاش» تەك تەرتىپ مۇكەممەللەشتۈرۈلىدىكەن. ئىگىلىنىشىچە، بىرلەشمە قۇرۇلغاندىن كېيىن، ئەزالار ئارىسىدا رايون خاراكتېرلىك داۋالاش مەركىزى ۋە ئاساسىي قاتلام داۋالاش ئاپپاراتى قۇرۇلۇپ، ماسلىشىش ئاساسىدا قۇتقۇزۇش ئېلىپ بېرىلىدىكەن ھەمدە تەربىيەلەش، پىكىر ئالماشتۇرۇش پائالىيەتلىرى ئېلىپ بېرىلىپ، ھەر دەرىجىلىك داۋالاش ئاپپاراتلىرىدىكى تېببىي خادىملارنىڭ جىددىي خاراكتېرلىك كۆكرەك ئاغرىقىنى داۋالاش ئىقتىدارى ئاشۇرۇلىدىكەن.(تامام)

[ۋۇ ۋېنشيا]
010020070830000000000000011100001359706581