سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

شىنجاڭ بۇ يىل ئوقۇش پۈتكۈزىدىغان ئىستۇدېنتلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش نىسبىتىنى %85 دىن ئاشۇرۇشنى پىلانلىدى

مۇھەررىر: ۋۇ ۋېنشيا
مەنبەسى: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-01-10

    شىنخۇا تورى، ئۈرۈمچى، 7-يانۋار تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ 7-يانۋار شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، شىنجاڭ 2017-يىلى ئوقۇش پۈتكۈزىدىغان ئىستۇدېنتلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش خىزمىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئىستۇدېنتلارنىڭ ئاساسىي قاتلامغا بېرىش ياكى ئىگىلىك تىكلىشىگە ئىلھام بېرىپ، ئوقۇش پۈتكۈزىدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ يىل ئاخىرىدا ئىشقا ئورۇنلىشىش نىسبىتىنى %85تىن ئاشۇرۇشنى پىلانلىدى.

    ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش باشقارمىسىنىڭ باشلىقى ما شاۋفېڭنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، 2017-يىلى پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزىدىغان ئىستۇدېنتلارنىڭ سانى 84 مىڭ ئەتراپىدا بولۇپ، ئاپتونوم رايون بىر قاتار ئېتىبار سىياسەتلەرنى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، ئىستۇدېنتلارنى تىزىملاپ، ئۇلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا ئىز قوغلاپ مۇلازىمەت قىلىپ، ئىستۇدېنتلارنى ئاساسىي قاتلامغا، بولۇپمۇ جەنۇبىي شىنجاڭغا بېرىپ خىزمەت قىلىشقا ئىلھاملاندۇرىدىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا 4000 نەپەر تېخى ئىشقا ئورۇنلاشمىغان ئىستۇدېنت، 500 نەپەر تېخنىكنى تەشكىللىپ، شىنجاڭغا ياردەم بېرىدىغان ئۆلكە، شەھەرگە تەربىيەلەشكە ئەۋەتىدىكەن.

    ئىگىلىك تىكلەشنى ئىلگىرى سۈرۈش جەھەتتە ما شاۋفېڭنىڭ ئېيتىشىچە، 2017-يىلى ئاپتونوم رايون ئىگىلىك تىكلىش شەكىلدىكى ناھىيە (شەھەر) قۇرۇش ۋە باھالاش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇپ، قورغاس قاتارلىق ئىقتىساد تەرەققىيات رايونلىرىدا ئىگىلىك تىكلەش بويىچە تەربىيەلەپ يېتىشتۈرۈش سۇپىسى قۇرۇلۇشىنى قوللايدىكەن؛ ئىگىلىك تىكلەشتە بېرىلىدىغان قەرز سىياسىتىنى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەرنى تەربىيەلەش ۋە ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەرگە مۇلازىمەت قىلىشنى كۈچەيتىپ، ھەرخىل شەكىلدىكى ئىگىلىك تىكلەش مۇسابىقىلىرىنى ئويۇشتۇرۇپ، ئىستۇدېنتلارنى ئىگىلىك تىكلەشكە رىغبەتلەندۈرىدىكەن، بۇنىڭ بىلەن يېڭىدىن كۆپىيىدىغان ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەر سانىنى 30 مىڭ ئادەمگە يەتكۈزۈپ، 90 مىڭ ئادەمنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولىدىكەن.

    ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا قارىغاندا، 2016-يىلى شىنجاڭدا ئوقۇش پۈتكۈزگەن ئىستۇدېنتلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش نىسبىتى %88.44 بولغان.(تامام)

[ۋۇ ۋېنشيا]
010020070830000000000000011100001359706571