سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى يېزىلىرىدا مەكتەپكە كىرىشتىن ئۈچ يىل بۇرۇنقى يەسلىگە كىرىش يېشىغا توشقان بالىلارنىڭ يەسلىگە كىرىشى ئاساسەن ئەمەلگە ئاشتى

مۇھەررىر: مەريەمگۈل
مەنبەسى: خەلق تورى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-01-10

    9-يانۋار، مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىككى يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، 2016-يىلى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى يېزىلىرىدا مەكتەپكە كىرىشتىن ئۈچ يىل بۇرۇنقى يەسلىگە كىرىش يېشىغا توشقان بالىلارنىڭ يەسلىگە كىرىشى ئاساسەن ئەمەلگە ئېشىپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاست 15 يىللىق ھەقسىز مائارىپنى باشلامچىلىق بىلەن ئەمەلگە ئاشۇرغان. 9-يانۋار ئەتىگەن، ئاپتونوم رايونلۇق 11-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 5-يىغىنىدا، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر مۇنۇلارنى بىلدۈردى: 2016-يىلى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى «13- بەش يىللىق پىلان»نى يولغا قويۇشنى باشلىغان تۇنجى يىل، شۇنداقلا پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭ خىزمىتىگە ئائىت باش نىشانىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرغان مۇھىم بىر يىل.

    يېڭى بىر يىلدا، شىنجاڭ يېزىلىرىدا مەكتەپكە كىرىشتىن ئۈچ يىل بۇرۇنقى يەسلىگە كىرىش ھەقسىز مائارىپىنى ئومۇميۈزلۈك ئومۇملاشتۇرۇپ، يەسلىگە كىرىش يېشىغا توشقان ھەر بىر بالىنى ئىللىق، راھەت مۇھىتتا بەختلىك خۇشال-خۇرام ئۆسۈپ يېتىلدۈرۈش؛ شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، كەسپىي مائارىپنى كۈچەيتىپ، تولۇقسىز، تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتكۈزۈپ ئىشقا ئورۇنلاشمىغان ئوقۇغۇچىلارنى كەسپىي تېخنىكا جەھەتتە تەربىيەلەشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش، ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارغا مەبلەغ جەھەتتىن ياردەم قىلىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش؛ ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنى تەربىيەلەشنى كۈچەيتىپ، مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى ئوقۇتۇش سەۋىيەسى ۋە ئوقۇتۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.(تامام)

[مەريەمگۈل]
010020070830000000000000011100001359706411