سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئوقۇش پۈتتۈرىدىغان ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش نىسبىتىنى %85تىن ئاشۇرۇشنى پىلانلىدى

مۇھەررىر: مەريەمگۈل
مەنبەسى: خەلق تورى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-01-10

    مۇخبىرنىڭ 7-يانۋار شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، نۆۋەتتە، 2017-يىلى ئاپتونوم رايونىمىزدا ئوقۇش پۈتكۈزىدىغان ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش خىزمىتى تېخىمۇ كۈچەيتىلىپ، ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئاساسىي قاتلامغا بېرىشى ۋە ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلىشىگە ئىلھام بېرىلىدىكەن. نۆۋەتتە، ئوقۇش پۈتكۈزىدىغان ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش نىسبىتىنى %85تىن ئاشۇرۇش پىلانلانغان.

    ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، نۆۋەتتە، 2016-يىلى ئوقۇش پۈتكۈزگەن ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ يىل ئاخىرىغىچە ئىشقا ئورۇنلىشىش نىسبىتى %88.44 بولغان.(تامام)

[مەريەمگۈل]
010020070830000000000000011100001359706391