سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

شىنجاڭ تۆمۈريولىدا 2016-يىلى «بىخەتەر يىل» بولۇش ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى

مۇھەررىر: مەريەمگۈل
مەنبەسى: خەلق تورى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-01-10

    8-يانۋار، مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى تۆمۈريول ئىدارىسىنىڭ 2017-يىللىق خىزمەت يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، شىنجاڭ تۆمۈريولىدا بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ئېلپ بېرىلغان كۈن 1700 كۈندىن ئېشىپ، 2016-يىلى «بىخەتەر يىل» بولۇش ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان. شۇنداقلا پۈتۈن يىللىق پويىزدا توشۇلغان مال مىقدارى، يولۇچى مىقدارى زور دەرىجىدە ئاشقان. پۈتۈن يىلدا پويىزدا توشۇلغان مال مىقدارى 69 مىليون 100 مىڭ توننا بولۇپ، بۇلتۇرقى شۇ مەزگىلدىكىدىن %10.7 ئېشىپ، ئېشىش نىسبىتى مەملىكىتىمىز بويىچە بىرىنچى ئورۇندا تۇرغان، بۇنىڭ ئىچىدە باشقۇرۇش دائىرىسىدە %67.1 ئاشقان؛ پۈتۈن يىلدا توشۇلغان يولۇچى سانى 32 مىليون ئادەم قېتىم بولۇپ، 4 مىليون 368 مىڭ يولۇچى ئاشقان، ئېشىش نىسبىتى مەملىكىتىمىز بويىچە ئۈچىنچى ئورۇندا تۇرغان.(تامام)

[مەريەمگۈل]
010020070830000000000000011100001359706361