سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىغا چېقىلىش جىنايىتىدە كەسىپلىشىش، تورلىشىش، رايون ھالقىش يۈزلىنىشى بارلىققا كەلدى، دېدى

مۇھەررىر: مەريەمگۈل
مەنبەسى: خەلق تورى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-01-10

    ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى 9-يانۋار ئېچىلغان ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ «تەپتىش فۇنكسىيەسىنى تولۇق ئادا قىلىپ، مۈلۈك ھوقۇقىنى ئەدلىيە جەھەتتىن قوغداشنى كۈچەيتىش» ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا ئەھۋال تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئېلىمىزدە يۈز بەرگەن بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىغا چېقىلىش جىنايەتلىرىدە كەسىپلىشىش، تورلىشىش, رايون ھالقىش يۈزلىنىشى كۆرۈلدى. 2014-يىلى1- ئايدىن 2016-يىلى 11-ئايغىچە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى تەپتىش ئورگانلىرى قولغا ئېلىشنى تەستىقلىغان بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىغا چېقىلىش جىنايىتى دېلولىرى 7968گە، جىنايەت بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار 13 مىڭ 468 كىشىگە يەتتى، 13 مىڭ 755 دىلودىكى 24 مىڭ 418 كىشى ئەيىبلەندى.

    تونۇشتۇرۇلۇشىچە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىغا چېقىلىش جىنايىتى ئاساسلىقى تاۋار ماركىسى ھوقۇقىغا چېقىلىش جىنايىتى، ئاپتورلۇق ھوقۇقىغا چېقىلىش جىنايىتى ۋە سودا مەخپىيىتىگە چېقىلىش جىنايىتى قاتارلىقلارغا چېتىشلىق بولغان. 2015-يىلى، پۈتۈن مەملىكەتتىكى تەپتىش ئورگانلىرى قولغا ئېلىشنى تەستىقلىغان تاۋار ماركىسى ھوقۇقىغا چېقىلىش جىنايىتىگە چېتىشلىق جىنايەت گۇماندارلىرى 4200 دىن ئارتۇق بولغان، 7300 دىن ئارتۇق كىشى ئەيىبلەنگەن. بۇ، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىغا چېقىلىش جىنايىتىدىكى ئومۇمىي ئادەم سانىنىڭ %95.9 ۋە %92.1نى ئىگىلىگەن.(تامام)

[مەريەمگۈل]
010020070830000000000000011100001359706311