سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

FIAT كرايسلېر ئاپتوموبىل شىركىتى ئامېرىكىغا بىر مىليارد دوللار مەبلەغ سالماقچى

مۇھەررىر: ئابىدە
مەنبەسى: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-01-10

    شۇ يەر ۋاقتى 2017-يىلى 9-يانۋار، ئىتالىيە FIATكرايسلېر ئاپتوموبىل شىركىتىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى سېرگيو مارچىيون ئامېرىكىنىڭ دېترويتتا ئۆتكۈزۈلگەن شىمالىي ئامېرىكا ئاپتوموبىل كۆرگەزمىسىدە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىغا قاتناشتى.

    FIAT كرايسلېر ئاپتوموبىل شىركىتى 8-يانۋار 2020-يىلىدىن بۇرۇن بىر مىليارد دوللار مەبلەغنى ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا جەنۇبىغا جايلاشقان ئىككى ئورۇندىكى زاۋۇت ئەسلىھەلىرىگە ئىشلىتىدىغانلىقىنى، بۇنىڭ ئىشلەپچىقىرىشقا ئالاقىدار 2000غا يېقىن ئىش ئورنى يارىتىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

    FIAT كرايسلېر ئاپتوموبىل شىركىتىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى سېرگيو مارچىيون بىر باياناتىدا بۇ پىلاننىڭ پەقەت ئامېرىكىنىڭ كۈنسايىن ئېشىۋاتقان بازار ئېھتىياجىغا ياردەم بېرىپلا قالماستىن، تېخىمۇ مۇھىمى، FIAT كرايسلېر چوڭ تىپتىكى ئاپتوموبىللىرىنى خەلقئارا بازارغا ئېكسپورت قىلىشقا ياردەم بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

‏ (تامام)‏

[ئابىدە]
010020070830000000000000011100001359704491