سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

قوشماقلىشىپ تۇغقان بولۇش مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى تېخىمۇ چىڭىتتى

مۇھەررىر: ۋۇ ۋېنشيا
مەنبەسى: شىنجاڭ گېزىتى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-01-10

    دۇنيادا نۇرغۇن يېزا، كەنت، يېزا، كەنتلەردە نۇرغۇن ئائىلە بار، ۋاھالەنكى، مەن سىزنىڭ ئىشىكىڭىزنى چەكتىم.

    سىز بىر ناتونۇش كىشىنىڭ سىزگە تاللىغان سوۋغىسىنى ئېلىپ، شۇنچە يىراق جايدىن پويىزغا ئولتۇرۇپ، قۇملۇقلارنى كېسىپ ئۆتۈپ، سۇپىڭىزدا ئولتۇرۇشىنى، ئېتىزلىرىڭىزنى ئارىلاپ سىزگە يول كۆرسىتىشىنى، ئالغا ئىلگىرىلىشىڭىز ھەققىدە ئورتاق سۆھبەتلىشىشىنى بەلكىم ئويلاپمۇ باقمىغان بولغىيتىڭىز... قەلبىمىز يېقىنلاشتى، قانداشلىق مۇناسىۋىتىمىز بولمىسىمۇ دېيىشمىگەن گېپىمىز قالمىدى، دائىم بېرىش – كېلىش قىلىپ تۇرىدىغان ‹‹تۇغقان››لارغا ئايلاندۇق.

    ئىش ئۆملۈكتە، كۈچ بىرلىكتە. باش شۇجى شى جىنپىڭ 2 – قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا شىنجاڭ مەسىلىسىدە ئەڭ ئۇزاق مۇددەتلىك بولىدىغىنى يەنىلا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى مەسىلىسى، دەپ تەكىتلىدى.

    ئاپتونوم رايون 2016 – يىلى 10 – ئاينىڭ 16 – كۈنى ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش›› پائالىيىتى سەپەرۋەرلىك يىغىنى ئېچىپ، ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش›› پائالىيىتىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ ۋە ئىلگىرى سۈرۈپ، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش، ۋەتەن ئارزۇسىنى ئورتاق ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ زور كۈچىنى مۇجەسسەملىدى.

    ج ك پ ئاپتونوم رايونلۇق 9 – قۇرۇلتىيى يېپىلىپ ئۇزاق ئۆتمەي، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو كېرىيە ناھىيەسىنىڭ شەنبە بازار ئۇرۇقلۇق مەيدان كەنتىگە كېلىپ، ئۆزى قوشماقلىشىپ تۇغقان بولغان توختىخان قۇربان ئائىلىسىدىكىلەرنى يوقلىدى.

    يۇقىرىدىكىلەر تۆۋەندىكىلەرگە باشلامچى بولۇپ، يۇقىرى سەۋىيەدە ئىلگىرى سۈرۈلگەچكە، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ جاي – جايلىرىدا قوشماقلىشىپ تۇغقان بولۇش دولقۇنى كۆتۈرۈلدى. تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى گۇيا قوياش نۇرى، سۇ ۋە ھاۋاغا ئوخشاش ئەتىۋارلىنىدىغان ۋە قەدىرلىنىدىغان بولدى. ھەر مىللەت ئامما بىللە تۇرۇپ، بىللە ئۆگىنىپ، بىللە ئىشلەپ، بىللە كۆڭۈل ئاچتى.

    ئاپتونوم رايونىمىزدىكى تارماقلار، ئورۇنلار بۇ پائالىيەتنىڭ مەقسىتى ۋە قاراتمىلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، قوشماقلىشىپ تۇغقان بولۇشنىڭ ھالقىلىرىنى تۈرلۈك شەكىلدە ئىنچىكە پىلانلىدى. مەسىلەن: ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم بەنگۇڭتىڭى ‹‹قوشماقلىشىپ تۇغقان بولۇش خىزمەت قوللانمىسى››نى تۈزۈپ چىقتى، ئاپتونوم رايونلۇق مالىيە نازارىتى قوشماقلىشىپ تۇغقان بولۇشنىڭ ‹‹تۆت قەدەملىك خىزمەت ئۇسسۇلى››دىكى 40 نەچچە تۈرلۈك كونكرېت مەزمۇن ئارقىلىق پائالىيەتنىڭ شەكلىنى قېلىپلاشتۇردى.

    ھەر بىر تۈركۈمدىكى قوشماقلىشىپ تۇغقان بولغان كادىرلار قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، تارماقلار، ئورۇنلار پائالىيەتنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تەشەببۇسكارلىقنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن قاراتمىلىققا ئىگە ياخشى تەجرىبە، ياخشى ئۇسۇللارنى رەتلەپ چىقتى. مەسىلەن: ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمى كادىرلار، ئىشچى – خىزمەتچىلەرنى ئۆزى بېرىش ۋە ئائىلىسىدىكىلەرنى بىللە ئېلىپ بېرىش جەھەتتىلا ئەمەس، يەنە قوشماقلىشىپ تۇغقان بولغانلارنى ئۈرۈمچىگە، شۇنداقلا كادىرلار، ئىشچى – خىزمەتچىلەرنىڭ ئائىلىسىگە تەكلىپ قىلىش ئۈستىدىمۇ پائال ئىزدەندى.

    تەڭرىتاغنىڭ شىمالىدىن جەنۇبىغىچە بولغان ھەر بىر مۇساپىدە چوڭقۇر مۇھەببەت ئىزنالىرى قالدى.

    كادىرلار ئاساسىي قاتلامدىكى قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ قېشىغا بېرىپ، پەرزەنتلىرىنىڭ ئوقۇشى، قۇرامىغا يەتكەنلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشى، ياشانغانلارنىڭ داۋالىنىشى قاتارلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ بەردى. بېرىش – كېلىش، ھەمتۈرتكە بولۇش ئارقىلىق كادىرلار خىزمەتنى ئاساسىي قاتلامغا يېقىنلاشتۇردى، ئامما بېيىش يولىدا ئىشەنچكە تولدى؛ كادىرلار ئەلرايىنى تېخىمۇ چۈشەندى، ئامما پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتكە تېخىمۇ ئىشەندى.

    ھەر مىللەت ئامما ئىزدەشكەنسېرى يېقىنلاشتى، ئۇلارنىڭ قەلب رىشتى يېقىنلاشقانسېرى چىڭىدى.

    تۇغقانلار جەم بولغاندا، شاد – خۇراملىقنىڭ يالدامىسى سۈپىتىدە ئوپچە سۈرەتكە چۈشۈپ خاتىرە قالدۇرماي بولمايدۇ. تۇغقانلار ئىسمى، تېلېفون نومۇرى، ئۆيىنىڭ ئادرېسى قاتارلىق ئۇچۇرلار يېزىلغان قەلبلەرنى تۇتاشتۇرۇش كارتىسىنى ئاۋايلاپ يانچۇقىغا سالغىنىچە ‹‹چوقۇم بېرىش – كېلىش قىلىپ تۇرايلى، ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشايلى›› دېيىشتى.

    بىر كۈنلۈك تۇغقاندارچىلىقتا ئۆمۈرلۈك رىشتە باغلىنىدۇ. ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش›› بىر مەزگىللىك ئەمەس، بەلكى ئۆمۈرلۈك ئىش. شۇڭا، ھەر مىللەت ئامما قول تۇتۇشۇپ بىرلىكتە ئىلگىرىلەيدىغان زور ئىجابىي كۈچنى قوزغاش زۆرۈر.

    قەلب ‹‹ئىشىكىم›› ئېچىلدى

    بايان قىلغۇچى: خەلچەم تۇرسۇن ئۈرۈمچى شەھىرى دۆڭكۆۋرۈك تەۋەلىك رايونىنى باشقۇرۇش كومىتېتى ياۋۋاڭمياۋ مەھەللىسىنىڭ ئاھالىسى

    2016 – يىلى ئائىلىمىزدە ئۈچ تۇغقىنىمىز كۆپەيدى، ئۇلارنىڭ كېلىشى بىلەن ئۆيۈمنىڭ ئىشىكىلا ئەمەس، قەلب ئىشىكىممۇ ئېچىلدى.

    ئېرىم 20 نەچچە يىل ئىلگىرىلا ئالەمدىن ئۆتكەن بولۇپ، قىزىم بىلەن بىللە تۇراتتىم، قىزىم ئۈچ جان ئىدى. كۈندۈزى قىزىم بىلەن كۈيۈئوغلۇم ئىشقا، نەۋرەم مەكتەپكە كېتەتتى، ئۇلار ماڭغاندا ئىتىلگەن ئېشىك خۇددى بىر ئېگىز تامدەك مېنىڭ قەلبىمنىمۇ سىرتقى دۇنيادىن ئايرىۋېتەتتى. يېقىن ئەتراپتا تۇغقىنىم بولسا، دائىم ئۇنىڭكىگە بېرىپ، پاراڭلىشىپ – مۇڭدىشىپ كەلگەن بولسام قانداق ياخشى بولاتتى – ھە، دەپ ئارزۇ قىلاتتىم.

    بۇ ئارزۇيۇمنىڭ بۇنداق تېز ئىشقا ئېشىشىنى ئويلىمىغان ئىكەنمەن. بۇلتۇر 2 – ئايدا ياۋۋاڭمياۋ مەھەللىسى مەھەللە پارتىيە ياچېيكىسى پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئاھالىلەر بىلەن قوشماقلىشىپ تۇغقان بولۇشىنى تەشەببۇس قىلدى، مەھەللە پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى جياڭ جۈنخۇڭ مەن بىلەن قوشماقلاشتى. شۇنىڭدىن تارتىپ، ھەر قېتىم مەھەللە ئاھالىلەر كومىتېتىغا ئىش بېجىرگىلى بارسام، ئىختىيارسىزلا بۇ سىڭلىمنىڭ ئىشخانىسىغا كىرىپ، ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشۈپ قايتىدىغان بولدۇم. بۇلتۇر يازدا ئۆيىمىزنى زىننەتلىگەنىدۇق، كۈيۈئوغلۇم خىزمەت بىلەن سىرتقا يۆتكىلىپ كەتكەن، قىزىم ئېغىر ئاياغ بولغاچقا، ئىشلارغا ھېچ يېتىشەلمەي، ئەھۋالىمنى جياڭ جۈنخۇڭ سىڭلىمغا ئېيتىۋىدىم، ئۇ باشقا كادىرلار بىلەن بىللە قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى بازىرىدىن ماتېرىيال ئەپكېلىشىپ بەردى، ھەر قېتىم بۇ ئىشنى ئويلىساملا، قەلبىم ئىللىقلىققا چۆمىدۇ.

    ياخشى ئىشلار ئۈزۈلمەي بولۇپ تۇردى. بۇلتۇر 3 – ئايدا دۆڭكۆۋرۈك تەۋەلىك رايونىنى باشقۇرۇش كومىتېتى ياۋۋاڭمياۋ مەھەللىسى بىلەن دۇڭمېن تەۋەلىك رايونىنى باشقۇرۇش كومىتېتى گۇاڭخۇا يولى مەھەللىسى قوشماقلىشىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى، بىزنىڭ ئائىلە بىلەن شۆ دىبو ئائىلىسى قوشماقلاشتۇق. شۇنىڭدىن باشلاپ ئىككى ئائىلىدىكىلەر بېرىش – كېلىش قىلىشىپ، ھال – مۇڭ بولۇپ ئۆتتۇق. شۆ دىبو ئاكا نەۋرەم قەيسەرنى ئاپتوموبىلىغا ئولتۇرغۇزۇپ يېقىن ئەتراپتىكى سەيلىگاھلارغا ساياھەتكە ئېلىپ باردى، ئۇنىڭ نەۋرىسى شياۋ باۋ بىلەن نەۋرەم قەيسەر يېقىن دوستلاردىن بولۇپ قالدى، ئۇ ئىككىسى دائىم تېلېفوندا پاراڭلىشىپ، بىللە ‹‹قوش تىل›› ئۆگىنىدۇ. ئۇلار ھەر قېتىم ساياھەتتىن قايتىپ كەلگىچە مەن ئوخشىتىپ پولۇ ئېتىپ تۇرىمەن. ئۇلارنىڭ ئىشتىھا بىلەن يېگىنىنى كۆرسەم خۇش بولۇپ كېتىمەن.

    2016 – يىلى 10 – ئايدا ئاپتونوم رايون ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش›› پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى. مەن ئاستىنقى قەۋەتتىكى پېشقەدەم پارتىيە ئەزاسى ۋاڭ شۈەنسۇ بىلەن قوشماقلىشىپ تۇغقان بولدۇم. گەرچە بىز بۇرۇندىنلا تونۇشساقمۇ، تۇغقان بولغاندىن كېيىن، ئۇ ماڭا سىڭلىسى قاتارىدا تېخىمۇ قىزغىن مۇئامىلە قىلىدىغان بولدى. مەن تاماق ئەتسەم ئۇنىڭغا سۇنىمەن، ئۇ مېۋە – چىۋە ئالسا ماڭا ئېلىپ كىرىدۇ، مېھرىمىز بارغانسېرى چوڭقۇرلىشىۋاتىدۇ.

    ھازىر تۇرمۇشۇم تولىمۇ كۆڭۈللۈك ئۆتۈۋاتىدۇ، ئۈچ خەنزۇ تۇغقىنىمنىڭ مەن بىلەن شۇنداق سەمىمىي بېرىش – كېلىش قىلىۋاتقانلىقىنى ئويلىساملا، بۇ پائالىيەتتىن شۇنداق سۆيۈنۈپ كېتىمەن. چاغان يېقىنلىشىپ قالدى، مەن تۇغقانلىرىمغا سوۋغا ئېلىشنى ئويلىشىپ قويدۇم. تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنىڭ بىزگە ئوخشاش ھەرىكەتكە كېلىپ، بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك يېقىن، ئىتتىپاق ئۆتۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

    ئۇرۇق–تۇغقانلاردەك مېھىر–مۇھەببەتلىك ئۆتۈش

    بايان قىلغۇچى: جەن مويەن ئۈرۈمچى شەھىرى تەڭرىتاغ رايونى تىنچلىق يولى تەۋەلىك رايونىنى باشقۇرۇش كومىتېتى كاڭتەي مەھەللىسىنىڭ ئاھالىسى

    ئېرىم ئىككىمىز ئىككى مىللەتتىن. بىز نەچچە ئون يىلدىن بۇيان بىر – بىرىمىزگە يار – يۆلەكتە ۋە ھەمدەمدە بولۇپ، قول تۇتۇشۇپ بىللە ئۆتۈپ كەلدۇق. نەچچە يىل ئىلگىرى چىرايلىققىنە بىر قىز بىزگە كېلىن بولۇپ، ئائىلىمىزگە قوشۇلدى. ھازىر بالىلار كۈندۈزى سىرتتا ئالدىراش ئىشلەيدۇ، ئېرىم ئىككىمىز ئۆيدە قىز نەۋرىمىزگە قارايمىز، بىر ئائىلە كىشىلىرى بىر – بىرىمىزنى ھۆرمەتلىشىپ، ئىززەتلىشىپ تولىمۇ ئىناق ئۆتىمىز.

    كىچىك ئائىلەم توغرىسىدا سۆزلەپ بولدۇم، ئەمدى چوڭ ئائىلىمىز توغرىسىدا سۆزلەي. كاڭتەي مەھەللىسىدە 20 نەچچە يىل تۇردۇم. بۇ يەردىكى ئاھالىلەر ئىتتىپاق، دوستانە، قوشنىلار يېقىن ئۆتىدۇ. چاغاندا ھەممىمىز بىر خىل تاماقنى ئوخشىتىپ ئېتىپ كېلىپ ئوپچە غىزالىنىمىز. بۇلتۇر قۇربان ھېيت بىلەن تاۋۇز چاغىنى بىللە كەلدى، بىز ساڭزا سالدۇق، ئاي توقاچ پىشۇردۇق، مەھەللىدىكىلەر خۇددى كۆپ مىللەتلىك چوڭ ئائىلىدەك بايرامنى تولىمۇ قاينام – تاشقىنلىقتا ئۆتكۈزدۇق. ئادەتتىمۇ بىللە غىزالىنىمىز، بىللە كۆڭۈل ئاچىمىز، كىمنىڭ ئائىلىسىدە بىرەر ئىش چىقسا، كۆپچىلىك كۈچىمىزنىڭ يېتىشىچە ياردەملىشىمىز.

    مەلۇم بىر يىلى يۈرەك تىقىلمىسى كېسىلىم قوزغىلىپ قېلىپ، ئېرىم مېنى دەرھال دوختۇرخانىغا ئېلىپ باردى، بۇ ئىشنى ئاڭلىغان قوشنا – قولۇملار، ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر، مەھەللە كادىرلىرى مېنى يوقلاپ باردى. كۆپچىلىك يەنە ئائىلە ئىشلىرىنى قىلىشىپ بەردى، بۇنىڭدىن بەكلا سۆيۈندۈم. ئۇلارنىڭ ھەممىسى مېنىڭ تۇغقانلىرىم، مەن قىيىنچىلىقتا قالغاندا ئۇلار ماڭا مەدەت بەردى، يېنىمدىن ئايرىلماي قىيىن كۈنلەردىن ئۆتۈشۈمگە ھەمدەم بولدى.

    ‹‹تۇغقان›› سۆزى تىلغا ئېلىنسا قوشنام سۈن جياجېن توغرىسىدا سۆزلىگۈم كېلىدۇ. شۇنچە يىللاردىن بۇيان بىز بىللە ھال – مۇڭ بولۇشۇپ، كۆكتات سېتىۋالغىلى بىللە باردۇق، بىر – بىرىمىزگە ھەمراھ بولۇپ، يېقىن ئاچا – سىڭىللاردەك بولۇپ قالدۇق. سۈن جياجېن مەن ئەتكەن پىنتوزىلىق شورپىغا ئامراق، شۇڭا پىنتوزىلىق شورپا ئەتسەم ئۇنىڭغا چوقۇم بىر قاچا سۇنىمەن. بەزىدە ئالدىراش سىرتقا چىقىدىغان ئىش بولسا، كىچىك نەۋرە قىزىمنى سۈن جياجېننىڭ ئۆيىگە ئەكىرىپ قويۇپ، ئىشلىرىمنى خاتىرجەم قىلىۋېرىمەن. قوشنا – قولۇملارنىڭ بىر – بىرىگە كۆيۈنۈشى، بىر – بىرىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشى مەھەللىمىزدە ناھايىتى نورمال ئىش ھېسابلىنىدۇ.

    بۇلتۇر مەھەللە كادىرى خەن يەن تەشەببۇسكارلىق بىلەن مېنى ئىزدەپ كېلىپ مەن بىلەن قوشماقلاشتى، شۇنىڭ بىلەن يەنە بىر سىڭلىم كۆپەيدى. خەن يەن تولىمۇ خۇشخۇي، ھەر قېتىم مېنى ئۇچرىتىپ قالسا، قانچە ئالدىراش بولۇشىدىن قەتئىينەزەر چوقۇم مەن بىلەن بىر نەچچە ئېغىز پاراڭلاشماي قالمايدۇ، ئۇ ھەر قېتىم مېنى ‹‹ھەدە›› دەپ چاقىرغىنىدا قەلبىم ئىللىپ كېتىدۇ. بەزىدە مەھەللە ئاھالىلەر كومىتېتىغا ئىش بېجىرگىلى بارسام، ئۇ ماڭا ئىشىمنى ئېنىق چۈشەندۈرۈپ، كېرەكلىك ماتېرىياللارنى قەغەزگە يېزىپ بېرىپ، ئىشلىرىمنى ئاسانلاشتۇرىدۇ. مەھەللە كادىرلىرى ماڭىلا ئەمەس، ئاھالىلەرنىڭ ھەممىسىگە ئەنە شۇنداق قىزغىن، ئىللىق، بەجانىدىل مۇئامىلە قىلىدۇ.

    شىنجاڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى قەدىرلىنىدىغان جاي. بۇ يەردە ھەر مىللەت ئامما خۇددى ئۇرۇق – تۇغقانلاردەك بىللە ياشايدۇ. مۇشۇنداق يەردە ياشىغىنىمدىن ئۆزۈمنى تولىمۇ بەختلىك ھېس قىلىمەن.

[ۋۇ ۋېنشيا]
010020070830000000000000011100001359704311