سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

شىنجاڭ قار-مۇز دۇنياسى ئېچىلدى، 5000غا يېقىن ساياھەتچى يوپۇرۇلۇپ كەلدى

مۇھەررىر: ۋۇ ۋېنشيا
مەنبەسى: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-01-10

    8-يانۋار، فۇكاڭ شەھىرىگە جايلاشقان شاڭخەي دۇنيا كۆرگەزمىسى شىنجاڭ سارىيىدىكى قار-مۇز دۇنياسى رەسمىي ئېچىلىپ تىجارەت باشلىدى. بۇ كۈنى، 5000غا يېقىن ساياھەتچى يوپۇرۇلۇپ كەلدى.

    شىنجاڭ قارـ مۇز دۇنياسى تەڭرىتاغ بۇغدا كۆلى خەلقئارا قار ـ مۇز باغچىسىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى، ئۇ 200 مىڭ كىۋادرات مېتىر جاينى ئىگىلىگەن بولۇپ، دۆلەت ئىچىدىكى داڭلىق قار-مۇز مەنزىرىلىرىنى پىلانلىغۇچىلارنىڭ نادىر ئەسەرلىرى توپلانغان، ئىجادىيەتكە 100 مىڭ كۇب مېتىر قار كەتكەن، باش تېما ئەكس ئەتتۈرۈلگەن قار-مۇز ئويما ئوبرازلىرى 200دىن ئاشقان، بۇنىڭ ئىچىدە ئەڭ ئېگىز قار ئويمىسىنىڭ ئېگىزلىكى 15 مېتىردىن ئاشىدۇ.

    شىنجاڭ قار-مۇز دۇنياسى كەچلىكى 23:00غىچە، ھېيت-بايرام، دەم ئېلىش كۈنلىرى سائەت 24:00كىچە ئېچىلىدۇ. 8-يانۋاردىن باشلاپ، ساياھەتچىلەر ھەقسىز بېرىپ-كېلىدىغان ئۈچ لىنىيە ئېچىلغان بولۇپ، ئۇلار ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئۈرۈمچى شەھىرى قىزىلتاغ باغچىسى، خەلق باغچىسى، ئېرگۇڭ تەنتەربىيە سارىيى قاتارلىق جايلاردىن يولغا چىقىدۇ.(تامام)

[ۋۇ ۋېنشيا]
010020070830000000000000011100001359704301