سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

«يېتىم بالىلارنىڭ ئۆيگە كىرىشى» پائالىيىتىگە تىزىملاش 11-يانۋار باشلىنىدۇ

مۇھەررىر: ۋۇ ۋېنشيا
مەنبەسى: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-01-10

    چاغان يېتىپ كېلىش ئالدىدا، ئۈرۈمچى شەھەرلىك بالىلار پاراۋانلىق ئورنى جەمئىيەتكە تەكلىپنامە ئەۋەتىپ، مېھىرلىك كىشىلەرنى يېتىم بالىلارنى ئۆيلىرىگە ئاپىرىپ بىرگە چاغان ئۆتكۈزۈشكە چاقىردى.

    ئۈرۈمچى شەھەرلىك بالىلار پاراۋانلىق ئورنىنىڭ «يېتىم بالىلارنىڭ ئۆيگە كىرىشى» ناملىق پائالىيتىگە تىزىملاش 10-يانۋار رەسىي باشلىنىدۇ. بۇ يىل 40 ~ 35 گىچە بالا «يېتىم بالىلارنىڭ ئۆيگە كىرىشى» پائالىيتىگە قاتنىشىدىغان بولۇپ، بۇ بالىلارنىڭ ھەممىسى ئۈچ ياشتىن يۇقىرى ساغلام ياكى يېنىك دەرىجىدە مېيىپ بالىلار ئىكەن، يەتتە ياشتىن يۇقىرى بالىلار مېھىرلىك ئائىلىلەرنى ئۆزى تاللايدىكەن.

    مېھىرلىك ئائىلىلەر 11-يانۋاردىن 15-يانۋارغىچە ئۈرۈمچى شەھەرلىك باش بالىلار پاراۋانلىق ئورنى ۋە ئۈرۈمچى شەھەرلىك بالىلار پاراۋانلىق مەركىزىگە كېلىپ تىزىملاتسا بولىدىكەن. پائالىيەتكە قاتنىشىشنى خالايدىغان ئائىلىلەر كىملىكىنىڭ ئەسلى نۇسخىسى، كۆپەيتىلگەن نۇسخىسى، نوپۇسىنىڭ ئەسلى نۇسخىسى، كۆپەيتىلگەن نۇسخىسى، بىر سۇڭلۇڭ سۈرىتى، ئائىلە ئەزالىرىنىڭ يېقىنقى ئۈچ ئاي ئىچىدە چۈشكەن سۈرىتىنى ئېلىپ تىزىملاتسا بولىدىكەن. ئالاقىلىشىش تېلېفون نومۇرى : ئۈرۈمچى شەھەرلىك باش بالىلار پاراۋانلىق ئورنىنىڭ 3972051 13669931590 13209976567؛ ئۈرۈمچى شەھەرلىك بالىلار پاراۋانلىق مەركىزىنىڭ 7526480 13579253586.(تامام)

[ۋۇ ۋېنشيا]
010020070830000000000000011100001359697811