سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 12–نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 5–يىغىنى ئېچىلدى

مۇھەررىر: مەريەمگۈل
مەنبەسى: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-01-10

 چېن چۈەنگو، نۇرلان ئەبىلمەجىن، سۈن جىنلۇڭ، جۇ خەيلۇن، لى پېڭشىن رەئىس سەھنىسىدىن ئورۇن ئالدى

شۆھرەت زاكىر ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات بەردى، نەيىم ياسىن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى

    شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 12 – نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 5 – يىغىنى 1 – ئاينىڭ 9 – كۈنى چۈشتىن بۇرۇن شىنجاڭ ‹‹خەلق›› سارىيىدا ئېچىلدى.

    ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن 470 نەچچە ۋەكىل 23 مىليوندىن ئارتۇق ھەر مىللەت خەلقنىڭ مۇھىم تاپشۇرۇقىنى زىممىسىگە ئېلىپ، تولۇپ تاشقان ئىشەنچ بىلەن يىغىنغا قاتناشتى، ئۇلار ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلاردا بېرىلگەن مۇقەددەس بۇرچىنى ئادا قىلىدۇ. زال ئىچىدە چىراغلار نۇر چېچىپ تۇرغان، رەئىس سەھنىسى پەردىسىنىڭ ئوتتۇرىغا دۆلەت گېربى ئېسىلغان بولۇپ، يىغىن مەيدانىنىڭ كەيپىياتى ئىنتايىن قىزغىن ئىدى.

    يىغىن ھەيئەت رىياسىتىنىڭ دائىمىي رەئىسى، ئىجرائىيە رەئىسى چېن چۈەنگو، نەيىم ياسىن، ۋاڭ يۇڭمىڭ، ما مىڭچېڭ، ھۆرىگۈل جاپپار، دۇڭ شىنگۇاڭ، جاڭ بو، نىجات سۇلتان، مانەن زەينەل، ئىنام نەسىردىن، ئەسقەر تۇرسۇن رەئىس سەھنىسىنىڭ ئالدىنقى قاتارىدىن ئورۇن ئالدى. يىغىنغا نەيىم ياسىن رىياسەتچىلىك قىلدى.

    ئىسمائىل تىلىۋالدى، شۆھرەت زاكىر، نۇرلان ئەبىلمەجىن، ئەسقەت كەرىمباي، سۈن جىنلۇڭ، جۇ خەيلۇن، لى پېڭشىن، پېڭ يۇڭ، لى ۋېي، شاۋكەت ئىمىن، شۈ خەيرۇڭ، ئەركىن تۇنىياز، ما شۆجۈن، پېڭ جيارۈي، تيەن ۋېن، سارقىت ئاقان، ليۇ شىنچى ۋە يىغىن ھەيئەت رىياسىتىنىڭ ئەزالىرى رەئىس سەھنىسىدىن ئورۇن ئالدى.

    ئىلگىرى ئاپتونوم رايونىمىزدا خىزمەت قىلغان پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرىدىن جاڭ چۈنشيەن، ۋاڭ لېچۈەن، ئەركىن ئىمىرباقى، جاڭ چىڭلى، تۆمۈر داۋامەت، ئىسمائىل ئەھمەد، ئابلەت ئابدۇرېشىت يىغىننىڭ غەلىبىلىك ئېچىلغانلىقىنى تەبرىكلىدى.

    شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 12 – نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 5 – يىغىنىغا قاتنىشىشقا تېگىشلىك ۋەكىل 543 بولۇپ، بۈگۈنكى يىغىنغا 472 ۋەكىل قاتناشتى، بۇ قانۇندا بەلگىلەنگەن سانغا ئۇيغۇن.

    چۈشتىن بۇرۇن ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت 8:30دا نەيىم ياسىن مۇنداق جاكارلىدى: شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 12 – نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 5 – يىغىنى باشلاندى! ھەممىمىز ئورنىمىزدىن تۇرۇپ دۆلەت شېئىرىنى ئورۇنلايلى!

    يىغىننىڭ كۈنتەرتىپىگە ئاساسەن، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىگە ۋاكالىتەن يىغىنغا ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات بەردى. دوكلات ئۈچ قىسىمغا ئايرىلغان بولۇپ، بىرىنچى قىسمى، 2016 – يىلى ئىشلەنگەن خىزمەتلەرنىڭ ئەسلىمىسى، ئىككىنچى قىسمى، 2017 – يىلى ئىشلىنىدىغان خىزمەتلەرنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسى، ئۈچىنچى قىسمى، ھۆكۈمەتنىڭ ئۆز قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشتىن ئىبارەت.

    شۆھرەت زاكىر مۇنداق دېدى: يېڭىلا ئۆتۈپ كەتكەن بىر يىل ‹‹13 – بەش يىل››لىق يىرىك پىلان باشلانغان يىل، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ئومۇميۈزلۈك ھۇجۇم قىلىدىغان، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبىنى قولغا كەلتۈرىدىغان باسقۇچ باشلانغان يىل، شۇنداقلا مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇشتىكى مۇھىم بىر يىل. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيى ۋە ج ك پ 18 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 –، 4 –، 5 –، 6 – ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇردۇق، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ۋە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى چوڭقۇر ئەمەلىيلەشتۈردۇق، مەركەزنىڭ 2 – قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى ۋە ج ك پ ئاپتونوم رايونلۇق 9 – قۇرۇلتىيىنىڭ تۈرلۈك تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇردۇق، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكتىن ئىبارەت باش نىشاننى زىچ چۆرىدەپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ يېڭى نورمال ھالىتىگە پائال ماسلاشتۇق، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇردۇق، تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈردۇق، ئىجتىمائىي مۇقىملىق، ئىقتىسادىي تەرەققىيات، خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە دىنلار ئىناقلىقى جەھەتلەردىكى خىزمەتلەرنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈردۇق، ئىقتىسادنىڭ يۈرۈشۈشى ئومۇمىي جەھەتتىن تەكشى بولدى، ئىقتىسادىي قۇرۇلمىنى ياخشى تەڭشەپ، خەلق تۇرمۇشىنى داۋاملىق ياخشىلاپ، ئىجتىمائىي ئىشلارنى ئۈزلۈكسىز راۋاجلاندۇرۇپ، ئېكولوگىيەنى قوغداشنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، ‹‹13 – بەش يىل››لىق يىرىك پىلان مەزگىلىدىكى خىزمەتلەرنى ياخشى باشلىۋالدۇق. مۆلچەرىمىزچە، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 955 مىليارد يۈەنگە يېتىپ، %7.6 ئاشىدۇ. خەلق تۇرمۇشى چىقىمى ئادەتتىكى جامائەت خامچوتى چىقىمىنىڭ %74.7ىنى ئىگىلىدى؛ شەھەر – بازار ئاھالىسىنىڭ ئىلكىدىكى كىرىمىنى 28 مىڭ 240 يۈەنگە يەتكۈزۈپ، %7.5 ئاشۇردۇق؛ يېزا ئاھالىسىنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان كىرىمىنى 10 مىڭ 180 يۈەنگە يەتكۈزۈپ، %8 ئاشۇردۇق، 600 مىڭدىن ئارتۇق كىشىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇردۇق؛ شەھەر – بازارلاردا 455 مىڭ كىشىنى يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشتۇردۇق، يېزىلاردىكى 2 مىليون 750 مىڭ ئېشىنچا ئەمگەكچىنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇردۇق؛ PPP تۈرلىرى بويىچە 236 مىليارد 300 مىليون يۈەن مەبلەغنى ئەمەلىيلەشتۈردۇق؛ جەنۇبىي شىنجاڭدا 15 يىللىق ھەقسىز مائارىپ ئالدىن ئاساسەن ئىشقا ئاشۇرۇلدى، ئاپتونوم رايونىمىز شەھەر، يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ھەقسىز سالامەتلىك تەكشۈرتۈشنى ئومۇميۈزلۈك قاپلاش ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇلدى؛ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان 19 ئۆلكە، شەھەر ياردەم بېرىش تۈرىدىن 1919نى يولغا قويدى، ياردەم مەبلىغى 14 مىليارد 370 مىليون يۈەن ئەمەلىيلىشىپ، 3 مىليارد 350 مىليون يۈەن ئاشتى.

   1 2 下一页  

[مەريەمگۈل]
010020070830000000000000011100001359697341