سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

شىنجاڭ ئاخباراتچىلار جەمئىيىتى 7-نۆۋەتلىك كېڭىشىنىڭ 1-يىغىنى ئاخىرلاشتى

مۇھەررىر: مەريەمگۈل
مەنبەسى: خەلق تورى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-01-09

    بىر يېرىم كۈن داۋاملاشقان شىنجاڭ ئاخباراتچىلار جەمئىيىتى 7-نۆۋەتلىك كېڭىشىنىڭ 1- يىغىنى تۈرلۈك قارالمىلار تاماملانغاندىن كېيىن، 7-يانۋار چۈشتىن بۇرۇن ئاخىرلاشتى.

    يىغىندا شىنجاڭ ئاخباراتچىلار جەمئىيىتى 6-نۆۋەتلىك كېڭىشى دائىمىي كېڭىشىنىڭ خىزمەت دوكلاتى توغرىسىدىكى قارارى ماقۇللاندى، «شىنجاڭ ئاخباراتچىلار جەمئىيىتىنىڭ نىزامنامىسى»گە تۈزىتىش كىرگۈزۈلۈپ، شىنجاڭ ئاخباراتچىلار جەمئىيىتى 7-نۆۋەتلىك كېڭىشىنىڭ رەھبەرلىك ئاپپاراتى سايلاپ چېقىلدى.چېڭ لىشىن يېڭى بىر نۆۋەتلىك شىنجاڭ ئاخباراتچىلار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسلىكىگە، شۈ شىنجاڭ، گۈلشەن تۇراخۇن، لى يوڭشېڭ، ليۇ يىبىن، مەخمۇت مەخسۇت قاتارلىق 12 يولداش شىنجاڭ ئاخباراتچىلار جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسىلىكىگە سايلاندى.(تامام)

[مەريەمگۈل]
010020070830000000000000011100001359674021