سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

خېنەندە كۆپ تارماقلار ھەمكارلىشىپ، مەكتەپتە زومىگەرلىك قىلىش ۋە زوراۋانلىقنىڭ ئالدىنى ئالدى

مۇھەررىر: مەريەمگۈل
مەنبەسى: خەلق تورى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-01-09

    خېنەن ئۆلكىلىك مائارىپ نازارىتىدىن ئىگىلىنىشىچە، خېنەن ئۆلكىلىك مائارىپ نازارىتى، خېنەن ئۆلكىلىك جەمئىيەتنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەش ئىشخانىسى، خېنەن ئۆلكىلىك يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى، خېنەن ئۆلكىلىك ج خ نازارىتى قاتارلىق توققۇز تارماق يېقىندا بىرلىشىپ ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، خېنەن ئۆلكىسىدىكى باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ زومىگەرلىك قىلىش ۋە زوراۋانلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەخسۇس تېما پائالىيىتىنى باشلاپ، مەكتەپتە زومىگەرلىك قىلىش ۋە زوراۋانلىققا قارشى تۇرۇپ، مەكتەپنى بالىلار ھەقىقىي ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىدىغان جايغا ئايلاندۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلدى.

    تەلەپ بويىچە، خېنەن ئۆلكىسىدە ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئارىسىدا زومىگەرلىك قىلىش ۋە زوراۋانلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەخسۇس تەشۋىقات-تەربىيەسى بىرلىكتە قانات يايدۇرۇلۇپ، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ئۆزىنى قوغداش ئېڭى ۋە ئىقتىدارى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىلىپ، مەكتەپ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلىش، زومىگەرلىك ۋە زورلۇق قىلمىشلىرىنى قىلماسلىق، قاتناشماسلىق ئېڭى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىلىدۇ. بۇنىڭدىن سىرت يەنە كۆپ تارماقلار ھەمكارلىشىپ، مەكتەپ ئەتراپىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەشنى كۈچەيتىپ، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئارىسىدا زومىگەرلىك قىلىش ۋە زوراۋانلىق مەسىلىسى گەۋدىلىك بولغان رايون ۋە ئورۇنلارغا قارىتا كۆپ خىل ئۇسۇللار ئارقىلىق، جەمئىيەت ئامانلىقىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەشنىڭ رەھبەرلىك مەسئۇلىيىتى، ھەيدەكچىلىك قىلىش ۋە جاۋابكارلىقى سۈرۈشتۈرۈلىدۇ.(تامام)

[مەريەمگۈل]
010020070830000000000000011100001359674001