سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

موڭغۇلكۈرە ناھىيەسى ئاقياز يايلىقىنىڭ قىش ئايلىرىدىكى گۈزەل ھۆسنى

مۇھەررىر: ۋۇ ۋېنشيا
مەنبەسى: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-01-09

    ئاقياز يايلىقى ئوبلاستى موڭغۇلكۈرە ناھىيەسىگە جايلاشقان بولۇپ، قازاق تىلىدا «قىراۋ» دېگەن مەنىدە، ئۇ شىنجاڭنى ئىككىنچى چوڭ قىشلاق ھېسابلىنىدۇ. قىش ئايلىرىدا بۇ خىلۋەت ماكاننىڭ مەنزىرىسى ئۆزگىچە گۈزەل تۈسكە كىرىپ، ياز ئايلىرىدىن ساقلىۋالغان مول داسىتىخىنى بىلەن چارۋىلىرىنى ھەيدەپ قىشلىغىلى كەلگەن چارۋىچىلارنى كۈتۈۋالىدۇ. قىش ئايلىرىدا كۆككە قارىسىڭىز ئاسمان شۇ قەدەر كۆپكۆك، تاغلار پاكىز ھەم ھەيۋەتلىك، قارنى يېپىنچا قىلغان ئوت-چۆپ بىلەن قاپلانغان كۆز يەتكۈسىز دالا كىرىشتۈرمە سۈرەتتەك كۆز ئالدىڭىزدا نامايان بولۇپ، سىزنى چەكسىز خىياللارغا باشلايدۇ. ئاقياز دەريا ئېقىنى ئۆز مېھرى بىلەن چارۋىچىلارنى باغرىغا ئېلىپ، ئۇلارنى غەم-ئەندىشىسىز تۇرمۇش كەچۈرۈش پۈرسىتىگە ئىگە قىلىدۇ. ئاقياز دەرياسى قەھرىتان قىشقا باش ئەگمەي شۇنچە لەرزان شىلدىرلاپ، يىراق-يىراقلارغا يول ئالىدۇ.

   1 2 3 4 5 6 7 8 下一页  

[ۋۇ ۋېنشيا]
010020070830000000000000011100001359673891