سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھات شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي ئەمەلىي كۈچىنى تېخىمۇ زورايتتى

مۇھەررىر: ۋۇ ۋېنشيا
مەنبەسى: شىنجاڭ گېزىتى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-01-09

    2016 – يىلى ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ئوشۇقچىلىقى ئېغىرلىشىپ %60كە يەتكەن، سېمونتقا بولغان ئېھتىياج %5 تۆۋەنلىگەن كەسكىن ئەھۋالدا، شىنجاڭ يۇقىرى پەللىدىن نۆۋەتلەشتۈرۈپ ئىشلەپچىقىرىش ۋە كارخانىلارنى تۈزەشنى قاتتىق تۇتقاچقا، سېمونت كارخانىلىرىنىڭ زىيىنى %80 ئازايدى.

    2016 – يىلى تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتتا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىنغان ئاچقۇچلۇق بىر يىل بولدى. ئاپتونوم رايون مەركەزنىڭ تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىسلاھات قەدىمىنى تېخىمۇ تېزلىتىپ، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىغا ئېسىلىۋالماسلىق، قالدۇقسىزلاشتۇرۇش، پىشاڭسىزلاشتۇرۇش، تەننەرخنى تۆۋەنلىتىش، كەمتۈكلۈكنى تولۇقلاشنى تەڭ يولغا قويۇپ، تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتقا سىجىل كۈچ قوشقاچقا، ئۇنىڭ ئىجابىي ئۈنۈمى كۈنسېرى گەۋدىلەنمەكتە.

    ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىغا ئېسىلىۋالماسلىقتا نىشان ئېنىق، پوزىتسىيە قەتئىي بولدى.

    ئاپتونوم رايونىمىز پولات – تۆمۈر، كۆمۈر، سېمونت كەسىپلىرىدە ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىغا ئېسىلىۋالماي، مەھسۇلات مىقدارىنى ئازايتىشقا ئەھمىيەت بەردى. 2016 – يىل 9 – ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، پولات – تۆمۈر كەسپىدە ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىغا ئېسىلىۋالماسلىق بويىچە 900 مىڭ توننىلىق ۋەزىپە ئورۇندالدى؛ 2016 – يىل 1 – ئايدىن 7 – ئايغىچە، پولات – تۆمۈر كەسپىدە 2015 – يىلىدىكى ئوخشاش مەزگىلدىكىگە قارىغاندا 2 مىليارد 600 مىليون يۈەن زىيان ئازايتىلدى. كۆمۈرچىلىك كەسپىدە كۆمۈر كېنىدىن 21 ى تاقىلىپ، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىغا ئېسىلىۋالماسلىق ۋەزىپىسى 2 مىليون 740 مىڭ توننىغا يەتكۈزۈلۈپ، نورمىدىن 360 مىڭ توننا ئاشۇرۇپ ئورۇندالدى.

    قالدۇقسىزلاشتۇرۇش تەدبىرى ئېنىق بولۇپ، ئادەم ئاساس قىلىندى.

    2016 – يىلىنىڭ ئالدىنقى ئۈچ پەسلىدە، ئاپتونوم رايونىمىزدا تاۋار ئۆيلەرنىڭ سېتىلىش كۆلىمى 12 مىليون 274 مىڭ كىۋادرات مېتىرغا يېتىپ، 2015 – يىلىدىكى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %12.1 ئاشتى؛ ئاپتونوم رايون بويىچە تاۋار ئۆيلەرنىڭ سېتىلىش سوممىسى 56 مىليارد 400 مىليون يۈەنگە يېتىپ، 2015 – يىلىدىكى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %14.6 ئاشتى. تاۋار ئۆيلەرنىڭ قالدۇق كۆلىمى كۆرۈنەرلىك ئازايدى.

    پىشاڭسىزلاشتۇرۇش پۇختا، تەرتىپلىك بولۇپ، تۆۋەن چەك قاتتىق ساقلاندى.

    600 مىليون يۈەن مەبلەغ ئاجرىتىلىپ، ئاپتونوم رايونلۇق قايتا كېپىللىك (گۇرۇھى) چەكلىك شىركىتى قۇرۇلدى. تۆۋەن چەك تەپەككۇرى تۇرغۇزۇلۇپ، ئېگىز پىشاڭ ۋە كۆپۈكلىشىشنى ئاساسىي ئالاھىدىلىك قىلغان پۇل مۇئامىلە خەۋپىدىن يۈكسەك ھوشيار تۇرۇلدى.

    تەننەرخنى تۆۋەنلىتىشكە ھەقىقىي كۈچ سەرپ قىلىنىپ، ئەمەلىي ئۈنۈم ھاسىل قىلىندى.

    196 كارخانا تەشكىللىنىپ، بىۋاسىتە توك سېتىۋېلىش سودىسىغا قاتناشتۇرۇلۇپ، ئۆزى ئېلېكتىر ئىستانسىسى قۇرۇش ھەم ئۆزى مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش ھەققى 0.01 يۈەن/كىلوۋات سائەتكە چۈشۈرۈلگەچكە، پۈتۈن يىلدا توك ئىشلىتىدىغان كارخانىلارنىڭ توك خىراجەت چىقىمى 2 مىليارد يۈەن ئازىيىشى مۆلچەرلەندى.

    تۆمۈريول تىرانسپورت ھەققى تۆۋەنلىتىلگەچكە، پۈتۈن يىلدا كارخانىلارنىڭ تۆمۈريول تىرانسپورت تەننەرخىنىڭ تەخمىنەن 2 مىليارد يۈەن بولۇشى مۆلچەرلەندى.

    ‹‹تىجارەت بېجىنى قوشۇلما قىممەت بېجىغا ئۆزگەرتىش›› ئىسلاھاتى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارغا باجدا ئېتىبار بېرىش سىياسىتى، يېڭى قۇرۇلغان كىچىك، مىكرو كارخانىلار باجنىڭ يېرىمىنى كەچۈرۈم قىلىش سىياسىتىدىن بەھرىمەن بولۇش قاتارلىق سىياسەتلەر ئەمەلىيلەشتۈرۈلگەچكە، 2016 – يىلىنىڭ ئالدىنقى ئۈچ پەسلىدە 16 مىليارد 400 مىليون يۈەن باج كېمەيتىلدى ھەم كەچۈرۈم قىلىندى.

    كەمتۈكلۈكلەر تولۇقلىنىپ، ئاچقۇچلۇق نۇقتىلار چىڭ تۇتۇلۇپ، ئاجىز نۇقتىلار كۈچەيتىلدى.

    2016 – يىلىنىڭ ئالدىنقى ئۈچ پەسلىدە ئۇل ئەسلىھەلەرگە 309 مىليارد 134 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنىپ، 2015 – يىلىدىكى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %12 ئاشتى. ئەمىن تاپقۇزۇپ خەلقنى بېيىتىش قۇرۇلۇشى، كەپە ئۆي رايونىنى ئۆزگەرتىش قاتارلىق ئاساسلىق خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشلىرىغا سېلىنغان مەبلەغنىڭ ئورۇندىلىش نىسبىتى%90تىن ئاشتى.

    2016 – يىلىنىڭ ئەمەلىيىتى شۇنى ئىسپاتلىدىكى، تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھات تەدبىرى شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي ئەمەلىي كۈچىنى تېخىمۇ زورايتتى. 2017 – يىلى تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھات تېخىمۇ چۇڭقۇرلاشتۇرۇلىدىغان يىل بولۇش سۈپىتى بىلەن، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادى تېخىمۇ زور ئىشەنچ بىلەن پارلاق ئىستىقبالغا يۈزلىنىدۇ.(تامام)

[ۋۇ ۋېنشيا]
010020070830000000000000011100001359673701