سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

سىياسەت جەھەتتىن قوللىغاچقا كارخانىمىز زىياننى پايدىغا ئايلاندۇردى

مۇھەررىر: ۋۇ ۋېنشيا
مەنبەسى: شىنجاڭ گېزىتى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-01-09

     شىنجاڭ تەڭرىتاغ سېمونت پاي چەكلىك شىركىتى غەربىي شىمال رايونىدىكى ئەڭ چوڭ سېمونت ئىشلەپچىقىرىش زاۋۇتى، ئۇنىڭ ھازىر شىنجاڭدىكى 12 ۋىلايەت، ئوبلاستتا 40 تىن ئارتۇق سېمونت ئىشلەپچىقىرىش كارخانىسى بار، سېمونت ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى 39 مىليون 500 مىڭ توننىغا يېتىدۇ.

    2015 – يىلى شىنجاڭ تەڭرىتاغ سېمونت پاي چەكلىك شىركىتى قۇرۇلغاندىن بۇيانقى ئەڭ تەس بىر يىل بولدى، بۇ كارخانا شىنجاڭدىكى سېمونت كەسپى تىجارىتىدە 396 مىليون يۈەن زىيان تارتتى، تارتقان زىيىنى 2014 – يىلىدىكى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 465 مىليون يۈەن كۆپ بولدى.

    بۇ شىركەت يېڭى نورمال ھالەتتىكى ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ئېشىش، تاشقى ئېھتىياج جانلانماسلىق، ئىچكى ئېھتىياج تۆۋەنلەش، ئېھتىياج بىر ئىزدا توختاپ قېلىشتەك بازار مۇھىتىغا نىسبەتەن، ئاپتونوم رايوننىڭ يۇقىرى پەللىدىن نۆۋەتلەشتۈرۈپ ئىشلەپچىقىرىش سىياسىتىنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، ھەرقايسى رايونلاردىكى كەسىپلەرنى تەڭشەش خىزمىتىنى پائال ياخشى ئىشلەش بىلەن بىللە، كەسكىن ۋەزىيەتكە بىۋاسىتە تاقابىل تۇرۇپ، قىيىن ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، تەننەرخنى تۆۋەنلىتىپ ئۈنۈمنى ئاشۇرۇپ، باشقۇرۇشتا يېڭىلىق يارىتىپ، بارلىق ئىشچى – خىزمەتچىلەرنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىدا 2016 – يىلى زىياننى ئازايتىپ پايدا ئالدى.

    ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى دائىرىلىك ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ئوشۇقچىلىقى مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، ئىلگىرى – كېيىن بولۇپ ‹‹سېمونت كەسپىنىڭ مۇقىم تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە ئالاقىدار مەسىلىلەرنى تەتقىق قىلىش توغرىسىدىكى يىغىن خاتىرىسى›› ۋە ‹‹ئاپتونوم رايونىمىز سېمونتچىلىق كەسپىنىڭ ساغلام تەرەققىياتىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكىر››نى ئېلان قىلىپ، كەسىپ تەرەققىياتىنى مۇقىملاشتۇرۇش ھەم كەسىپلەرنى سىجىل، ساغلام تەرەققىي قىلىشقا يېتەكلەشكە ئالاقىدار سىياسەت ۋە تەدبىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. بۇ، رايون خاراكتېرلىك سېمونت كەسپىنى مۇقىم ۋە ياخشى تەرەققىياتقا يېتەكلەشتە زور ئەھمىيەتكە ئىگە.

    بۇ شىركەت 2016 – يىلى تېخنىكا باشقۇرۇشنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ھۈنەر – سەنئەت سىستېمىسىنى ئەلالاشتۇرۇش ۋە ئېنېرگىيە تېجەش تېخنىكىسىنى ئۆزگەرتىشكە تايىنىپ، يېڭى تېخنىكا، يېڭى ھۈنەر – سەنئەت، يېڭى ماتېرىياللاردىن تولۇق پايدىلىنىپ، كارخانىنىڭ ئېنېرگىيە سەرپىياتىنى سىجىل تۆۋەنلىتىپ، تۈرلۈك كۆرسەتكۈچتە تارىختىكى ئەڭ ياخشى سەۋىيەنى ياراتتى.

    ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشى، ھەر دەرىجىلىك مەسئۇل تارماقلارنىڭ ياردىمىدە، شىنجاڭنىڭ سېمونت كەسپىنىڭ قىيىن ئەھۋالدىن قۇتۇلۇپ، شانلىق كەلگۈسىگە يۈرۈش قىلالايدىغانلىقىمىزغا قەتئىي ئىشىنىمىز.(تامام)

[ۋۇ ۋېنشيا]
010020070830000000000000011100001359673691