سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

سىياسەتتىن ياخشى پايدىلانغاچقا، كارخانىنىڭ تەرەققىياتىغا تېخىمۇ كۈچ قوشۇلدى

مۇھەررىر: ۋۇ ۋېنشيا
مەنبەسى: شىنجاڭ گېزىتى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-01-09

    ئەمدىلا ئۆتۈپ كەتكەن 2016 – يىلى جۇڭتەي گۇرۇھى شىنجاڭ شېڭشيۇڭ ئېنېرگىيە پاي چەكلىك شىركىتى ئۈچۈن ھەقىقەتەن ئاسانغا توختىمىغان ئۆزگىچە بىر يىل بولدى. ئىقتىسادنىڭ چېكىنىش بېسىمى كۆرۈلگەن ئەھۋالدا، بىز قايتىدىن ئۆزگەرتىپ تەشكىللەنگىلى ئەمدىلا بىر يىلدىن ئاشقان كارخانىنىڭ كاساتلىشىپ قالغان تىجارىتىنى تېزدىن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، زىياننى ئازايتىپ پايدىنى ئاشۇرىدىغان ھالەتكە ئۆزگەرتتۇق.

    ئەسلىدىكى شىنجاڭ شېڭشيۇڭ ئېنېرگىيە پاي چەكلىك شىركىتى پۇقراۋى كارخانا بولۇپ، ئېغىر زىيان تارتىپ كەلگەن. 2015 – يىلى 9 – ئايدا، جۇڭتەي گۇرۇھى قارىمىقىدىكى جۇڭتەي خىمىيە شىركىتى بۇ شىركەتنىڭ مەبلىغىنى كۆپەيتىپ قايتىدىن ئۆزگەرتىپ تەشكىللىدى. بۇ شىركەتنى ئۆتكۈزۈۋېلىپ قايتىدىن تەشكىللىگەندە، كارخانىنىڭ قەرز نىسبىتى %80كە يەتكەن، ئۈسكۈنىلىرى كونىراپ، يېتەرسىزلىكلەر ساقلانغان، باشقۇرۇش بوش بولۇپ، كارخانىنىڭ تەرەققىياتى قاتمۇ قات قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلگەن. ھەر ھەپتىدە ئىككى – ئۈچ كۈن ئىش توختاپ قېلىش ئادەتتىكى ئىشقا ئايلىنىپ، بەزىدە ئىشچىلارنىڭ مائاشىنىمۇ تارقىتالمايدىغان ئەھۋال كۆرۈلگەن. پىلان بويىچە قۇرۇلۇۋاتقان 250 مىڭ توننىلىق 2PVC قارارلىق تۈرىنىڭ پەقەت %30ىلا پۈتكەن بولۇپ، ‹‹ئايىغى چىقمايدىغان قۇرۇلۇش››قا ئايلىنىپ قالغان.

    سۈپەتنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمنى ئاشۇرۇشنى ئاساستىن باشلاش كېرەك. بۇ شىركەتتىكى ئىشچى – خىزمەتچىلەر بىخەتەر، مۇقىم ئىشلەپچىقىرىشنى نىشان قىلىپ، ئاساسىي قاتلامنى تۇتۇپ، ئاساس سېلىش، تېخنىكا ئۆزگەرتىشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە چىڭ تۇردى. ئىلگىرى – كېيىن بولۇپ ئۈسكۈنىلەردىكى يېتەرسىزلىكلەرنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلاپ، بىخەتەرلىك جەھەتتە ساقلانغان 3000 دىن ئارتۇق يوشۇرۇن خەۋپنى تۈگەتتى. 2016 – يىلى ئايرىم – ئايرىم ھالدا 133 مىليون يۈەن ۋە 310 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، يېتەرسىزلىك ساقلانغان تۈرلەر ۋە چوڭ رېمونت تۈرلىرىنىڭ تېخنىكىسىنى ئۆزگەتتى. 2016 – يىلى 8 – ئايغىچە تېخنىكىنى ئۆزگەرتىپ، يېتەرسىزلىكلەرنى تۈگىتىش خىزمىتى ئاساسەن تاماملانغاچقا، شېڭشيۇڭ شىركىتى قايتىدىن ھاياتىي كۈچكە تولۇپ، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى تېز ئەسلىگە كەلدى ھەم 2016 – يىلى 9 – ئايدا تۇنجى قېتىم پايدىغا ئېرىشتى. 2016 – يىل 10 – ئايدا 25 مىڭ توننىلىق 2PVC قارارلىق تۈرى ئومۇميۈزلۈك پۈتۈپ ئىشقا كىرىشىپ، ھازىر قۇرۇلمىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى ۋە ئىقتىدارى تەدرىجىي ئېشىۋاتىدۇ.

    ئاپتونوم رايون تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى چۆرىدەپ چىقارغان بىر قاتار پايدىلىق ياخشى سىياسەتلەرمۇ كارخانىمىزنىڭ تەرەققىياتىغا يېڭى ھاياتىي كۈچ قوشتى. بىز بۇنىڭدىن كېيىن ‹‹كەسىپلەرنى توپلاش، سېلىنمىنى مەركەزلەشتۈرۈش، بايلىقلارنى تۈجۈپىلەش، ئۈنۈمنى جەملەش›› پىرىنسىپى بويىچە كۆمۈردىن توك چىقىرىپ، تۇزدىن مەھسۇلات ئىشلەيدىغان ئايلانما ئىقتىسادىي كەسىپ زەنجىرى قۇرۇشنى تېزلىتىپ، پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن ئېلىمىزدىكى تەننەرخى تۆۋەن خىلور ئىشقار ئىشلەپچىقىرىش بازىسى قۇرۇپ چىقىمىز.(تامام)

[ۋۇ ۋېنشيا]
010020070830000000000000011100001359673681