سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

ئىختىساسلىقلار يېڭى سىياسىي يېڭىلىق يارىتىشقا تۈرتكە بولدى

مۇھەررىر: ۋۇ ۋېنشيا
مەنبەسى: شىنجاڭ گېزىتى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-01-09

    كۆپلىگەن خىراجەت، كۆپلىگەن ئادەم كۈچى ۋە ماددىي كۈچ سەرپ قىلىنىپ، ئىشلەتمەي تاشلاپ قويۇلىدىغان ئىلمىي ماقالىگە ئېرىشمەكچىمۇ ياكى ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ئىشلەپچىقىرىش كۈچىگىمۇ؟

    ئۈچ ئاي ئىلگىرى ئالدىنقىسى كۆپ سالماقنى ئىگىلەيتتى، ھازىر كېيىنكىسى پەن تەتقىقات خادىملىرىنى سىنايدىغان مۇھىم نۇقتا بولۇپ قالدى.

    بۇ خىل ئۆزگىرىشكە تۈرتكە بولغىنى ئاپتونوم رايون 2016 – يىلى 9 – ئايدا تارقاتقان ‹‹پەن تەتقىقات ئورگانلىرى ۋە پەن تەتقىقات خادىملىرىنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ھاياتىي كۈچىنى قوزغاپ، پەن – تېخنىكا نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇش توغرىسىدىكى بىر قانچە سىياسەت›› ناملىق ھۆججەت بولۇپ، بۇ ھۆججەت بىلەن تەڭ يەنە ‹‹يۈز ياش دوكتورنى كىرگۈزۈش پىلانىنى يولغا قويۇش چارىسى››، ‹‹ئاپتونوم رايوننىڭ ئىختىساسلىقلارنى باشقۇرۇش ئىسلاھاتى سىناق رايونى قۇرۇلۇشى توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكىر››دىن ئىبارەت ئىككى ھۆججەتمۇ تارقىتىلدى، بۇ ھۆججەتلەردىكى سىياسەتلەر ئەمەلىي بولۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مەركەزنىڭ ئىختىساسلىقلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇش تۈزۈلمە مېخانىزمى ئىسلاھاتىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى ئىلگىرىلەش چاقىرىقىنى ياڭراتتى.

    پەن – تېخنىكا نەتىجىسىنى ئايلاندۇرۇشتىن ئېرىشكەن پايدا %70 تىن تۆۋەن بولمىغان نىسبەتتە نەتىجە ياراتقانلارغا مۇكاپات بېرىلىدۇ؛

    پەن تەتقىقات خادىملىرىنىڭ پەن – تېخنىكا نەتىجىسىنى ئايلاندۇرۇشتا قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرى ئۇنۋان باھالاشتىكى ئاساسلارنىڭ بىرى قىلىنىدۇ؛

    ھەر يىلى 100 ياش دوكتور ۋە سەككىز تۈرلۈك قوللاش سىياسىتى كىرگۈزۈلۈپ، ئىختىساسلىقلارنى باشقۇرۇش ئىسلاھاتى سىناق رايونى قۇرۇلۇشى تېزلىتىلىدۇ؛

    .....

    ئىختىساسلىقلار تۈزۈلمە مېخانىزمى ئىسلاھاتىغا ئائىت بىر قاتار يېڭى سىياسەتلەر ئاپتونوم رايونىمىز ئىختىساسلىقلىرىنىڭ قاتلاممۇ قاتلام زورىيىش ئىقتىدارىغا تۈرتكە بولماقتا. بۇ خىل زورىيىش ئىختىساسلىقلارنى ئىختىساسلىقلار ئارقىلىق كىرگۈزۈش، ئىختىساسلىقلار ئارقىلىق توپلاش، ئىختىساسلىقلار ئارقىلىق يېتىشتۈرۈشنىڭ جەملەنمە ئۈنۈمىدە ئەكس ئېتىپلا قالماستىن، تېخىمۇ مۇھىمى ئىختىساسلىقلارنى ئىشلىتىش جەھەتتە نامايان بولۇپ، پەن – تېخنىكا خىزمەتچىلىرى ئىلمىي ماقالە ‹‹دىرىژورلۇق تايىقى››نى چۆرۈپ تاشلاپ، ئىقتىسادىي تەرەققىيات ‹‹ئاساسىي جەڭگاھى››غا پائال ئاتلىنىشقا يېتەكلەندى.

    شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ماشىنىسازلىق قۇرۇلۇشى ئىنىستىتۇتى ماشىنىسازلىق فاكۇلتېتىنىڭ پىروفېسسورى، دوكتور يېتەكچىسى، مۇدىرى يۈەن لياڭ ئېيتقاندەك: يېڭى سىياسەت يېڭى يېتەكچى، پەن تەتقىقاتتىكى دىققەت نۇقتىمىز بۇنىڭغا ئەگىشىپ ئۆزگىرىشى كېرەك، بۇنىڭدىن كېيىنكى پەن تەتقىقات پائالىيىتىدە نەتىجە بىلەن ئەمەلىي ئېھتىياجنىڭ بىرلىشىش – بىرلەشمەسلىكى ئالدىن ئويلىشىدىغان مەسىلىدۇر.

    ئاپتونوم رايون يېقىندا يەنە تەڭرىتاغنىڭ شىمالىدىكى ئىقتىساد بەلبېغىدا ئىشلەپچىقىرىش – ئوقۇتۇش – تەتقىقاتنى جىپسىلاشتۇرۇش بويىچە مۇتەخەسسىسلەر ‹‹مىڭ كىشىلىك پىلانى›› پائالىيىتىنى تەشكىللىدى، 13 مۇتەخەسسىس ئوخشىمىغان كارخانىلار بىلەن 34 پارچە تۈر ھەمكارلىقى كېلىشىمى ئىمزالاپ، پەن – تېخنىكا بىلەن ئىشلەپچىقىرىشنى جىپسىلاشتۇرۇش سۇپىسى بەرپا قىلدى.

    ئىختىساسلىقلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇش تۈزۈلمە مېخانىزمى ئىسلاھاتى يېڭى چاقىرىقىنىڭ تۈرتكىسىدە، قىسقىغىنا ئۈچ ئايدا ئاپتونوم رايونىمىزدىكى بەزى پەن تەتقىقاتچىلار دىققىتىنى نەتىجىلەرنى ئايلاندۇرۇشقا مەركەزلەشتۈردى...بۇنىڭدىن ئىلمىي ماقالە سانى ۋە ئۈستىگە ئالغان تۈر دەرىجىسىنى پايدىلىنىش كۆرسەتكۈچى قىلىدىغان ئىختىساسلىقلارنى باھالاش سىستېمىسىنىڭ ئۆتمۈشكە ئايلىنىۋاتقانلىقىنى، يوشۇرۇن كۈچىنى زور دەرىجىدە نامايان قىلغىلى بولىدىغان، ‹‹ئىلمىي ماقالىنى زېمىنغا يازىدىغان›› ئىختىساسلىقلار قوشۇنىنىڭ ئارقا – ئارقىدىن مەيدانغا كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ. (تامام)

[ۋۇ ۋېنشيا]
010020070830000000000000011100001359673671