سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

قۇربانجان يېڭى كىتاب چىقاردى

مۇھەررىر: ۋۇ ۋېنشيا
مەنبەسى: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-01-09

     قۇربانجان سەمەت 8-يانۋار «مەن شىنجاڭدىن كەلدىم Ⅱ: مەن قەيەردىن كەلدىم» ناملىق كىتابىنى ئېلىپ، ئۈرۈمچى بەندى كىتابخانىسىدا يېڭى كىتابىنى ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچتى.

    «مەن شىنجاڭدىن كەلدىم Ⅱ: مەن قەيەردىن كەلدىم» ناملىق بۇ كىتابتا ئاددىي كىشىلەرنىڭ ھېكايىلىرى سۆزلەنگەن بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە، كىچىكىدىن شىنجاڭدا تۇغۇلۇپ، شىنجاڭدا ئۆسۈپ چوڭ بولغان شىنجاڭلىقلار؛ ئىچكىرىدە ئۆسۈپ چوڭ بولغان، ئىچكىرىدىكى شىنجاڭلىقلارنىڭ بالىلىرى قاتارلىقلارنىڭ ھېكايىلىرى يېزىلغان.

    قۇربانجان بىر نوپۇزلۇق فوتوگراف، مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ ھۆججەتلىك فىلىم سۈرەتكە تارتقۇچىسى بولۇپ، بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئۇنىڭ «مەن شىنجاڭدىن كەلدىم» دېگەن كىتابى نەشىردىن چىققان.(تامام)

[ۋۇ ۋېنشيا]
010020070830000000000000011100001359673661