سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

قۇرۇلۇش قەدىمى مىسلىسىز تېز بولدى

مۇھەررىر: ۋۇ ۋېنشيا
مەنبەسى: شىنجاڭ گېزىتى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-01-09

   ئۆتكەن بىر يىلدا ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› ئىستراتېگىيەسىنىڭ تارىخىي پۇرسىتىدە، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ‹‹يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى›› قۇرۇش قەدىمى مىسلىسىز تېزلىتىلدى، ئومۇميۈزلۈك ئېچىۋېتىش دەرىجىسىمۇ بارغانسېرى چوڭقۇرلاشتى.

    ئاپتونوم رايونلۇق ئېچىۋېتىش خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، بۇ بىر يىلدا مېنىڭ خىزمەت كۈنتەرتىپىممۇ زىچ ئورۇنلاشتۇرۇلدى. مەن مۇناسىۋەتلىك تارماقلار، كارخانا ئەزالىرىنىڭ ئۆمەك تەشكىللەپ بېلارۇسىيە، ۋېنگرىيە، پولشا، ھىندونېزىيە، تايلاند قاتارلىق دۆلەتلەرگە بېرىپ، ئىقتىساد – سودا سۆھبىتى، كۆرگەزمە ئۆتكۈزۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈشىگە يېتەكچىلىك قىلىپ، شىنجاڭ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنىڭ ئەۋزەللىكى ۋە سودا پۇرسىتىنى تەشۋىق قىلىپ، جۇڭگو شىنجاڭ بىلەن بۇ دۆلەتلەرنىڭ كۆپ ساھەدىكى ھەمكارلىقى ئۈستىدە ئىزدەندىم.

    ئاپتونوم رايونىمىز تەشەببۇسكارلىق بىلەن سىرتقا يۈزلەنگەن سودىنى ئىلگىرى سۈرۈش بىلەن بىللە، سودا ئىشلىرى مىنىستىرلىقىنىڭ قوللىشىدا يەنە ئېلىمىزنىڭ مۇناسىۋەتلىك دۆلەتلەر بىلەن ئورناتقان ئىقتىساد – سودا ھەمكارلىق مېخانىزمىدىن پايدىلىنىپ، قىرغىزىستان، تاجىكىستان، ئەزەربەيجان، ئارمىنىيەدىن ئىبارەت تۆت دۆلەت بىلەن ھۆكۈمەتلەر ئارا ئىقتىساد – سودا ھەمكارلىق مېخانىزمى ھەم دائىملاشقان ئالاقە، سۆھبەت مېخانىزمى ئورناتتى. بۇ جۇڭگو شىنجاڭ بىلەن مۇناسىۋەتلىك دۆلەتلەرنىڭ يۇقىرى قاتلامدىكىلەرنىڭ ئۆزئارا زىيارەت قىلىشى، كۆرگەزمىدە ھەمكارلىشىشى، ساھەلەر ئارا ئالماشتۇرۇشى ۋە كارخانىلار ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

    شىنجاڭ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى بولۇش سۈپىتىدە، ئۆتكەن بىر يىلدا ‹‹بەش چوڭ مەركەز›› قۇرۇلۇشىدا خۇشاللىنارلىق نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. ئاپتونوم رايونمۇ يادرولۇق رايون قاتناش تۈگۈنى مەركىزى، سودا ئەشيا ئوبوروت مەركىزى، مەدەنىيەت – پەن – مائارىپ مەركىزى، داۋالاش مۇلازىمىتى مەركىزى قاتارلىقلارغا دائىر مەخسۇس پىلانلارنى ئارقا – ئارقىدىن ئوتتۇرىغا قويدى.

    ئۈرۈمچى كۆپ شەكىللىك بىرلەشمە تىرانسپورت تاموژنىسى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مەركىزىنىڭ ۋىۋىسكا يوپۇقى 12 – ئاينىڭ 27 – كۈنى رەسمىي ئېچىلدى. بۇ ئاپتونوم رايونىمىز سودا ئەشيا ئوبوروت مەركىزىي قۇرۇلۇشىدىكى مۇھىم ئىش.

    سودا ئەشيا ئوبوروت مەركىزىي قۇرۇلۇشىدا ئۈرۈمچى قۇرۇقلۇق يولى پورتى قۇرۇلۇشى مۇھىم تۇتقا ھېسابلىنىدۇ. بىز 2014 – يىلى كۆپ تىللىق، خەلقئارالاشقان، تور ۋە تور سىرتى يۈكسەك بىرىكتۈرۈلگەن ئۈرۈمچى قۇرۇقلۇق يولى پورتى بەرپا قىلىش تۈرىنى ئوتتۇرىغا قويدۇق. توردا كۆپ تىللىق، خەلقئارالاشقان، ئىلغار ئەشيا ئوبوروت ئۇچۇر سۇپىسى قۇرۇلۇپ، ئېلېكتىرونلۇق پورت، چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا ئاممىۋى مۇلازىمەت سۇپىسى قاتارلىق سۇپىلارغا تۇتاشتۇرۇلدى. تور سىرتىدا ئۈرۈمچى كۆپ شەكىللىك بىرلەشمە تىرانسپورت تاموژنىسى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مەركىزى، جۇڭگو – ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزلارنى گۇرۇپپىلاش مەركىزى، خەلقئارا تېز يوللانمىلارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مەركىزى، كونتېينېر مەركىزىي بېكىتى، قۇرۇقلۇق پورتى يۈك مەركىزىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان خەلقئارا يۈك تىرانسپورت تۆمۈريول پورتى قۇرۇلدى.

    ئىشىنىمىزكى، دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك مىنىستىرلىق، كومىتېتلىرى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ قوللىشىدا، بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايون قۇرۇلۇش قەدىمى تېخىمۇ چوڭ تاشلىنىدۇ، ئېچىۋېتىش سەۋىيەسى ۋە دەرىجىسى تېخىمۇ چوڭقۇرلىشىدۇ.(تامام)

[ۋۇ ۋېنشيا]
010020070830000000000000011100001359673651