سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

ئافغانىستان ئاممىۋى قۇرۇلۇش مىنىستىرلىقى بىلەن جۇڭگو يول-كۆۋرۈك قۇرۇلۇشى شىركىتى كېلىشىم ئىمزالىدى

مۇھەررىر: ئابىدە
مەنبەسى: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-01-09

    شۇ يەر ۋاقتى 2017-يىلى 8-يانۋار، جۇڭگو يول-كۆۋرۈك قۇرۇلۇشى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى (ئالدى سولدا) بىلەن ئافغانىستان ئاممىۋى قۇرۇلۇش مىنىستىرى ماھاۋېد بالەي (ئالدى ئوڭدا) ئافغانىستان پايتەختى كابۇلدا كېلىشىم ئىمزالاش مۇراسىمىدا قول ئېلىشىپ كۆرۈشتى.

    ئافغانىستان ئاممىۋى قۇرۇلۇش مىنىستىرلىقى بىلەن جۇڭگو يول-كۆۋرۈك قۇرۇلۇشى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى 8-يانۋار ئافغانىستان زۇڭتۇڭ مەھكىمىسىدە بامىياڭدىن سەمەنگەنگىچە بولغان تاشيولنى رېمونت قىلىش ۋە ئۆزگەرتىپ ياساش تۈرىنى ئىمزالاش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى، ئافغانىستان زۇڭتۇڭى غەنى، 2-مۇئاۋىن زۇڭتۇڭ دانى ۋە جۇڭگونىڭ ئافغانىستاندا تۇرۇشلۇق ۋاقىتلىق ئىش بېجىرگۈچىسى جاڭ جىشىن قاتارلىقلار مۇراسىمغا قاتناشتى.‏(تامام)‏

[ئابىدە]
010020070830000000000000011100001359673391