سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

تۈركىيە زۇڭلىسى ئىراقتا زىيارەتتە بولدى

مۇھەررىر: ئابىدە
مەنبەسى: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-01-09

    تۈركىيە زۇڭلىسى بىنال يىلدىرىم 7-يانۋار قوشنا دۆلەت ئىراقتا زىيارەتتە بولۇپ، ئىراق زۇڭلىسى بىلەن كۆرۈشتى. تاراتقۇلار ئومۇميۈزلۈك ھالدا بۇ قېتىمقى كۆرۈشۈش ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنىڭ ياخشىلىنىشىدىن دېرەك بېرىدۇ، دەپ تەھلىل قىلىشتى.

    تۈركىيە بۈگۈنكى كۈندە رادىكال تەشكىلاتلارغا زەربە بېرىش نامىدا ئىراقنىڭ موسۇل ئەتراپىدىكى باشىجياغا نەچچە يۈز ئەسكەر تۇرغۇزغان، ئىراق بۇنى ئىراقنىڭ ھۆمۈمرانلىق ھوقۇقىغا «ئاشكارا تاجاۋۇز قىلغانلىق» دەپ قاراپ، كۆپ قېتىم تۈركىيەدىن ئەسكەرلىرىنى چېكىندۈرۈشنى تەلەپ قىلىپ، نەتىجىگە ئېرىشەلمىگەن.

    ئىراق دۆلەتلىك تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ دېيىشىچە، 7-يانۋار ئىككى تەرەپ تۈركىيەنىڭ ئىراقتىن ئەسكەرلىرىنى چېكىندۈرۈشى ھەققىدە كېلىشىم ھاسىل قىلغان.‏(تامام)‏

 

[ئابىدە]
010020070830000000000000011100001359673041