سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 18 – نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى 7 – ئومۇمىي يىغىنىنىڭ ئاخباراتى

مۇھەررىر: مەريەمگۈل
مەنبەسى: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-01-09

     ج ك پ 18 – نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ 7 – ئومۇمىي يىغىنى 2017 – يىل 1 – ئاينىڭ 6 – كۈنىدىن 8 – كۈنىگىچە بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى.

    بۇ قېتىمقى ئومۇمىي يىغىنغا مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ ئەزالىرىدىن 123 كىشى قاتناشتى، 266 كىشى سىرتتىن قاتناشتى.

    ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ ئومۇمىي يىغىنغا قاتناشتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى. لى كېچياڭ، جاڭ دېجياڭ، يۈ جېڭشېڭ، ليۇ يۈنشەن، ۋاڭ چىشەن، جاڭ گاۋلى قاتارلىق پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرى يىغىنغا قاتناشتى.

    ئومۇمىي يىغىنغا مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى رىياسەتچىلىك قىلدى. ئومۇمىي يىغىندا 2016 – يىللىق ئىنتىزام تەكشۈرۈش خىزمىتى خۇلاسىلەندى، 2017 – يىللىق ۋەزىپىلەر ئورۇنلاشتۇرۇلدى، يولداش ۋاڭ چىشەننىڭ مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن بەرگەن ‹‹پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ ئىچكىرىلەپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى ئەلا نەتىجىلىرىمىز بىلەن كۈتۈۋالايلى›› تېمىسىدىكى خىزمەت دوكلاتى، ‹‹جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ئىنتىزام تەكشۈرۈش ئورگانلىرىنىڭ ئىنتىزام ئىجراسىنى نازارەت قىلىش خىزمەت قائىدىسى (سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇلىدۇ) قاراپ چىقىلىپ ماقۇللاندى. يولداش ۋاڭ چىشەن قائىدە (سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇلىدۇ)نىڭ قاراپ چىقىش نۇسخىسى توغرىسىدا ئومۇمىي يىغىندا چۈشەنچە بەردى.

    ئومۇمىي يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى ئەستايىدىل ئۆگىنىلدى ۋە چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈلدى. ئومۇمىي يىغىندا بىردەك مۇنداق دەپ قارالدى: ‹‹سۆز››نىڭ مەنىسى چوڭقۇر، مەزمۇنى مول، رېئاللىققا بىۋاسىتە يۈزلەنگەن، تولۇپ تاشقان ئىشەنچكە ئىگە بولۇپ، خەلققە بولغان ئاددىي ۋە سەمىمىي مۇھەببەت، پارتىيە ۋە دۆلەتكە ئۆزىنى بېغىشلاشتەك زىممىسىگە ئېلىش روھى ئۆز ئىچىگە ئېلىنغان، چوڭقۇر ئىدىيەۋىلىككە ۋە كۈچلۈك تەسىرلەندۈرۈش كۈچىگە ئىگە. باش شۇجى شى جىنپىڭ پارتىيەنىڭ تارىخىي بۇرچىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئومۇمىي يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق باشقۇرۇش ۋە ئىدارە قىلىشتا قولغا كەلتۈرۈلگەن كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈپ، ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىللىك خىزمەتلەرگە قويۇلغان ئومۇمىي تەلەپ ۋە ئاساسلىق ۋەزىپىلەرنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويدى.

    ‹‹سۆز››دە مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: پۈتۈن پارتىيەدىكىلەرنىڭ تۆت يىلدىن كۆپرەك تىرىشىشى ئارقىلىق پارتىيەنىڭ ھەر دەرىجىلىك تەشكىلاتلىرىنىڭ پارتىيەنى باشقۇرۇش ۋە پارتىيەنى ئىدارە قىلىشتىكى سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيەتچانلىقى روشەن ئاشۇرۇلدى، مەركەزنىڭ ‹‹سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسى››نىڭ روھى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇلدى، پارتىيەنىڭ ئىنتىزام قۇرۇلۇشى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىلدى، چىرىكلىكنىڭ يامراش ۋەزىيىتى ئۈنۈملۈك چەكلەندى، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ ھەممىنى بېسىپ چۈشۈش ھالىتى شەكىللەندى، چىرىكلىشىشكە جۈرئەت قىلالماسلىق نىشانىغا دەسلەپكى قەدەمدە يېتىلدى، چىرىكلەشمەسلىك تۈزۈمى كۈنسېرى مۇكەممەللەشتۈرۈلدى، چىرىكلىشىشنى خالىماسلىق تۇغىنى بەرپا قىلىنىۋاتىدۇ، پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇشتا يېڭى ۋەزىيەت بارلىققا كەلدى. ‹‹سۆز››دە مۇنۇلار تەكىتلەندى: پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتا ۋەزىپە يەنىلا ئېغىر، يول يىراق. بوش بولۇش، بوشاڭ بولۇش، يۇمشاق بولۇشتىن تەلەپچان بولۇش، چىڭ بولۇش، قاتتىق بولۇشقىچە چېنىقىپ تاۋلىنىش جەريانىنى باشتىن ئۆتكۈزۈشكە توغرا كېلىدۇ، دائىم ۋە ئۇزاققىچە بولۇش، قاتتىق ۋە ئەمەلىي، چوڭقۇر ۋە ئەستايىدىل بولۇش جەھەتتە داۋاملىق كۈچ سەرپ قىلىپ، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىغا ئىستىلى ياخشى، ئىنتىزامى قاتتىق، چىرىكلەشكەنلەر جازالانغان ئەلا نەتىجە تاپشۇرۇش كېرەك. ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەشتە چىڭ تۇرۇپ، كوممۇنىستلار قىممەت قارىشىدا چىڭ تۇرۇپ، سىياسىي ئاڭنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەش ۋە ئۆستۈرۈش كېرەك، مەدەنىيەت ئىشەنچىسىگە تايىنىپ غايە ۋە ئېتىقادنى مۇستەھكەملەش كېرەك؛ پارتىيەنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك كادىرلىرى پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇشنى چىڭىتىشنىڭ ئۈلگىسى بولۇشى، پارتىيەنىڭ ھەر دەرىجىلىك تەشكىلاتلىرى پارتىيە ئىچىدىكى نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ سىستېمىلىقى، ئىجادىيلىقى ۋە ئۈنۈمدارلىقىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىشى كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭ ئىنتىزام تەكشۈرۈش، مەمۇرىي تەپتىش خىزمىتىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈپ، ئىنتىزام تەكشۈرۈش، مەمۇرىي تەپتىش قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدا تېخىمۇ يۇقىرى تەلەپلەرنى قويدى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش پۈتۈن پارتىيەنىڭ مۇھىم سىياسىي ۋەزىپىسى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزلىرىنىڭ روھىنى ئۆگىنىپ ئۆزلەشتۈرۈشنى ئىدىيە ۋە خىزمەت ئەمەلىيىتى بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈپ، ئۇنى ئومۇميۈزلۈك، ئىلمىي، سىستېمىلىق، توغرا ئۆزلەشتۈرۈپ، كۆڭۈل قويۇپ ئوقۇپ، چوڭقۇر چۈشىنىپ، ئەتراپلىق ئىگىلەپ، ئەستە چىڭ ساقلاپ، ھەرىكەتتە كۆرسىتىپ، ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى ئاڭلىقلىق ۋە قەتئىيلىكنى كۈچەيتىش كېرەك.

    ئومۇمىي يىغىندا مۇنداق قارالدى: 2016 – يىلى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ‹‹بەش بىر گەۋدىلەشتۈرۈلگەن›› ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈردى، ‹‹تۆت ئومۇميۈزلۈك›› ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىنى ماس ئىلگىرى سۈردى، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا يېڭى نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش، مەمۇرىي تەپتىش ئورگانلىرى ج ك پ 18 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6 – ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ‹‹ئىككىنى ئۆگىنىش، بىر بولۇش›› ئۆگىنىش تەربىيەسىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، بىر قاتار مۇھىم سۆزنىڭ روھىنى ئىدىيەۋى قورالى ۋە ھەرىكەت قوللانمىسى قىلىپ، سىياسىي ئاڭ، ئومۇمىيەت ئېڭى، يادرو ئېڭى، بىردەكلىك ئېڭىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن ئاڭلىق ھالدا يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلىدى. پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتا مەسئۇلىيەت ئورنىنى بەلگىلەشتە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە نىزامى، پارتىيە قائىدىسىنى باشلامچىلىق بىلەن ئىجرا قىلىپ، ئىنتىزام ئىجراسى مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتۈرۈشنى نازارەت قىلىشنى كۈچەيتتى. پارتىيەنى نىزام بويىچە ئىدارە قىلىش بىلەن دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە ئىچىدىكى نازارەتچىلىك نىزامىغا تۈزىتىش كىرگۈزدى، مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتۈرۈش نىزامىنى ئېلان قىلدى، دۆلەتنىڭ مەمۇرىي تەپتىش تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش لايىھەسىنى تۈزۈپ، ۋاقىت جەدۋىلى، يول خەرىتىسىنى بېكىتىپ، بېيجىڭ شەھىرى، سەنشى ئۆلكىسى، جېجياڭ ئۆلكىسىدە ئىسلاھاتنى نۇقتىدا سىناق قىلىشنى قانات يايدۇردى، پارتىيە ئىچىدىكى نازارەتچىلىك بىلەن دۆلەتنىڭ مەمۇرىي تەپتىش خىزمىتىنىڭ ئومۇميۈزلۈك قاپلىنىشىنى ئىلگىرى سۈردى. دائىم چىڭ تۇتۇپ، ‹‹تۆت خاھىش››نى ئىزچىل تۈزىتىپ، ئۆتمۈشتىن ساۋاق ئېلىپ كېيىنكىگە ئىبرەت قىلىپ، كېسەل داۋالاپ ئادەم قۇتقۇزۇپ، ئىنتىزام ئىجراسىنى نازارەت قىلىشتىكى ‹‹تۆت خىل ھالەت››نى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈپ، ئىنتىزام ئىجراسىنى كۈندىلىك نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىش جەھەتتە كۈچ سەرپ قىلىپ، مەسىلىنى بالدۇر، كىچىك ۋاقتىدىن باشلاپ تۇتۇپ، مەسىلە كۆرۈلگەن ھامان ئەيىبلىدى. سىياسىي جەھەتتىن كۆزىتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىنى كۆزىتىشنى ئومۇميۈزلۈك قاپلاش خىزمىتىنى تاماملاپ، ‹‹قايتا قاراش››نى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، شەكىل ۋە ئۇسۇلدا يېڭىلىق يارىتىپ، كۆزىتىش بىلەن تەكشۈرۈشنى ئورگانىك بىرلەشتۈرۈپ، شەمشەرلىك رولىنى تولۇق گەۋدىلەندۈردى، چىرىكلىك قالدۇقلىرىنى قەتئىي ئازايتىپ، ئېشىش مىقدارىنى نۇقتىلىق توستى، نۆۋەت ئالمىشىش ئىنتىزامىنى چىڭىتىپ، چىرىكلىكنى توسۇشنىڭ يۇقىرى بېسىملىق ھالىتىنى داۋاملىق ساقلاپ، قېچىپ يۈرگەنلەرنى قوغلاپ تۇتۇش، ھارام مالنى قايتۇرۇۋېلىش ‹‹تورى››نى پۇختا يايدى. نامراتلارنى يۆلەشكە، خەلق تۇرمۇشىغا دىققەت – ئېتىبارىنى مەركەزلەشتۈرۈپ، مۇھىم نۇقتىلارنى تەكشۈرۈپ، ھەيدەكچىلىك قىلىپ، ئاممىنىڭ مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزىدىغان ناتوغرا ئىستىل ۋە چىرىكلىك مەسىلىلىرىنى قەتئىي تۈزىدى. ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى بەنزىسى ۋە قوشۇن قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، كادىرلارنى ئالماشتۇرۇش ۋە باشقۇرۇشنى نازارەت قىلىش سالمىقىنى ئاشۇردى، ‹‹جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ئىنتىزام تەكشۈرۈش ئورگانلىرىنىڭ ئىنتىزام ئىجراسىنى نازارەت قىلىش خىزمەت قائىدىسى (سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇلىدۇ)››نى تۈزۈپ، سادىق، پاكىز، زىممىسىگە ئالىدىغان ئىنتىزام تەكشۈرۈش، مەمۇرىي تەپتىش قوشۇنى قۇردى. ئومۇمىي يىغىندا نەتىجىلەر مۇئەييەنلەشتۈرۈلۈش بىلەن بىللە، خىزمەتلەردە ساقلانغان مەسىلىلەر ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەلگەن ئاساستا تەھلىل قىلىنىپ، بۇ مەسىلىلەرگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ئەستايىدىل ھەل قىلىش تەلەپ قىلىندى.

    ئومۇمىي يىغىندا پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى خىزمەتلەر يەكۈنلىنىپ، تۆۋەندىكىدەك تەسىرات ئوتتۇرىغا قويۇلدى:

    بىرىنچى، پارتىيە رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇشتا ئالدى بىلەن پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەركەزلىك بىر تۇتاش رەھبەرلىكىدە، جەزمەن يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، پارتىيەنىڭ ئىتتىپاقلىقى، بىرلىكىنى قوغداش كېرەك. يېڭى دەۋر يېڭى بۇرچنى زىممىسىگە يۈكلىدى. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزىنى قوغداش پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇشنىڭ ئاساسى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ تۈپ كاپالىتى. پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكى كونكرېت بولىدۇ، بۇ، قەتئىي غايە، ئېتىقاد، ئاساسىي مەقسەت، توغرا لۇشيەن، فاڭجېن – سىياسەتلەرنى تۈزۈش ۋە يولغا قويۇش، شۇنداقلا پارتىيەنىڭ كادىرلارنى باشقۇرۇش پىرىنسىپى، ئادەمنى توغرا تاللاش، ياخشى ئىشلىتىشتە ئىپادىلىنىدىغان بولۇپ، روشەن قىممەت قارىشى ۋە سىياسىي يۆنىلىشنى تۇرغۇزۇش كېرەك. پارتىيە رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش زامانىمىزدىكى جۇڭگونىڭ ئەڭ زور سىياسىي پىرىنسىپى بولۇپ، ‹‹تۆت ئاڭ››نى تۇرغۇزۇشتا ئىدىيە ۋە ھەرىكەتتە سىياسىي ئورۇننى ئۆستۈرۈپ، سىياسىي ئېڭى ۋە ئومۇمىيەت ئېڭى جەھەتتىكى پەرقلەرنى ئۈزلۈكسىز تېپىپ چىققاندىلا، يادرو بىلەن بىردەكلىكنى ساقلاشنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ. ‹‹تۆت ئاڭ››نى كۈچەيتىش ھەرىكەت ھالىتىدىكى جەريان بولۇپ، سىياسىي ئاڭنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزىنى قوغدايدىغان سادىق جەڭچىلەردىن بولۇش كېرەك.

   1 2 3 下一页  

[مەريەمگۈل]
010020070830000000000000011100001359672101