سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىپ، گۈزەل شىنجاڭنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى بەرپا قىلايلى

مۇھەررىر: مەريەمگۈل
مەنبەسى: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-01-09

 شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 12–نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 5–يىغىنىنىڭ ئېچىلغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيمىز

 كاتتا يىغىننىڭ ئېچىلىشى ھەممەيلەننىڭ دىققىتىنى تارتىدۇ. بۈگۈن، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 12 – نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 5 – يىغىنى داغدۇغىلىق ئېچىلدى. بەش كۈنلۈك يىغىن مەزگىلىدە، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرى، ھەر قايسى ساھەلىرىدىن كەلگەن خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى ئاساسىي قاتلامدىكى ئاممىنىڭ سەمىمىي ئارزۇ – ئۈمىدلىرىنى ئېلىپ، ھوقۇقىنى قانۇن بويىچە يۈرگۈزۈپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى چۆرىدەپ، گۈزەل شىنجاڭنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى بەرپا قىلىش ئۈچۈن چارە – تەدبىر كۆرسىتىدۇ. بىز خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىگە سەمىمىي سالام يوللايمىز ھەم بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ ئېچىلغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيمىز!

 بۇ قېتىمقى يىغىن ج ك پ 18 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6 – ئومۇمىي يىغىنى، مەركەزنىڭ ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنى ۋە ج ك پ ئاپتونوم رايونلۇق 9 – قۇرۇلتىيى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنى ئېچىلىپ ئۇزاق ئۆتمەي ئېچىلغان يىغىن بولۇپ، مەركەز ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم بېكىتكەن بىر قاتار زور تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىلارنى قانۇندا بەلگىلەنگەن تەرتىپ ئارقىلىق ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئورتاق ئىرادىسىگە ئايلاندۇرۇش، مەركەز ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئاپتونوم رايونىمىزدىكى دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ كادىرلار ئىشلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇشتىكى مەقسىتىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشتىن ئىبارەت ئېغىر ۋەزىپىنى زىممىسىگە ئالغان بولۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ سىياسىي تۇرمۇشىدىكى بىر زور ئىش ھېسابلىنىدۇ.

 ئۆتكەن ئىشلارغا نەزەر سالىدىغان بولساق، قەلبىمىز ھاياجانغا تولىدۇ. ئۆتكەن بىر يىلدا كەسكىن، مۇرەككەپ بولغان تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ مۇقىملىقنى قوغداش، دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى مۇرەككەپ، ئۆزگىرىشچان ئىقتىسادىي مۇھىت ئالدىدا، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ئاپتونوم رايونىمىزدىكى پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ۋە ھەر مىللەت خەلقىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ يېتەكلەپ، پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيى، ج ك پ 18 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 3 –، 4 –، 5 –، 6 – ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزلىرىنىڭ روھىنى، بولۇپمۇ مەركەزنىڭ 2 – قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزى ۋە شىنجاڭدا خىزمەتلەرنى كۆزدىن كەچۈرگەندە قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، تارىخنىڭ يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدا تۇردى. بۇ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى يۇقىرى، تۆۋەننىڭ جاپالىق كۈنلەردە بىللە بولغانلىقىنىڭ، جان پىدالىق بىلەن كۈرەش قىلغانلىقىنىڭ نەتىجىسى، شۇنداقلا بۇنىڭغا خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ ئەقىل – پاراسىتى ۋە كۈچى مۇجەسسەملەنگەن.

 ھەرقانچە ئۇزۇن سەپەرنىمۇ بىر قەدەم بىر قەدەمدىن بېسىشقا توغرا كېلىدۇ. ئۆتكەن بىر يىلدا ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتى ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، تۈرلۈك ھوقۇقىنى قانۇن بويىچە يۈرگۈزۈش بىلەن بىللە، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇردى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، پۈتۈن زېھنىنى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، باشتىن – ئاخىر مەركەزنى چۆرىدەش، ئومۇمىيەت ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە دادىل ئېلىپ، راستچىل، ئەمەلىيەتچىل بولۇپ، ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇن يۈكلىگەن تۈرلۈك ھوقۇقىنى ئادا قىلىپ، يەرلىك نىزام چىقىرىش، نازارەت قىلىش، خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى خىزمىتىنى كۈچەيتىش ئارقىلىق، قانۇن بويىچە ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، باش نىشاننى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ياخشى قانۇنچىلىق مۇھىتى ھازىرلاپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداش ئۈچۈن يېڭى، مۇھىم تۆھپىلەرنى قوشتى. مۇشۇنداق كۆرۈنەرلىك ۋە ئۈنۈملۈك خىزمەتلەر شۇنى تولۇق ئىسپاتلىدىكى، پارتىيە رەھبەرلىكى، خەلقنىڭ ئۆز ئىشىغا خوجا بولۇش، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش ۋە شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئورگانىك بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، سوتسىيالىستىك دېموكراتىيە قانۇنچىلىق يولىنى بويلاپ سالماقلىق بىلەن ئالغا باسقاندىلا خەلق ۋەكىللىرى قۇرۇلتىيى تۈزۈمىنىڭ زور ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرغىلى، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلقنىڭ بەخت تۇيغۇسىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ.

 تارىخ ۋە ئەمەلىيەت بىزگە شۇنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇكى، ئارزۇغا يېتىشكە قانچە يېقىنلاشقانسېرى، ئىلگىرىلەش يولى شۇنچە جاپالىق بولىدۇ. ج ك پ ئاپتونوم رايونلۇق 9 – قۇرۇلتىيىدا: شىنجاڭ خىزمىتى يېڭى تارىخىي باشلىنىش نۇقتىسىدا تۇرۇۋاتىدۇ. كەلگۈسى بەش يىل شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك ئاساسىنى مۇستەھكەملەيدىغان ھالقىلىق مەزگىل، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىدە غەلىبە قىلىدىغان، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبىنى قولغا كەلتۈرىدىغان باسقۇچ. باش نىشاننى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈش شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ يادرولۇق ۋەزىپىسى، شۇنداقلا شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىر، ئاممىنىڭ يېڭى ئۇزۇن سەپىرى، دەپ كۆرسىتىلدى.

 يېڭى كۈرەش مۇساپىسىدە، ھەرقانداق ۋاقىتتىكىدىن بەكرەك خەلقنىڭ ساداسىغا قۇلاق سېلىشىمىزغا، خەلقنىڭ ئارزۇسىغا ئىنكاس قايتۇرۇشىمىزغا، خەلقنىڭ كۈچىنى مۇجەسسەملىشىمىزگە توغرا كېلىدۇ. بۇ، خەلق ۋەكىللەر قۇرۇلتىيى تۈزۈمىنىڭ ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش ئۈچۈن كەڭ سەھنە ھازىرلاپ بەردى. ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتى چوقۇم ئۆزىنىڭ يېڭى ۋەزىيەتتىكى مۇھىم بۇرچىنى چوڭقۇر تونۇپ، خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتىكى ئاڭلىقلىقى ۋە قەتئىيلىكىنى يەنىمۇ كۈچەيتىشى كېرەك. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، خەلق ۋەكىللەر قۇرۇلتىيى تۈزۈمىنىڭ خەلقنىڭ ئۆز ئىشىغا ئۆزى خوجا بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشتىكى تۈپ سىياسىي تۈزۈملىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، دۆلەت ۋە مىللەتنىڭ كەلگۈسى تەقدىرىنى خەلقنىڭ قولىغا مۇستەھكەم تۇتقۇزۇش كېرەك. دەۋرنىڭ خەلق قۇرۇلتىيىغا يۈكلىگەن بۇرچى شەرەپلىك ۋە مۇشەققەتلىك.

 ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانى بىزنى رىغبەتلەندۈرمەكتە، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇش، ۋەتەن ئارزۇسىنى ئورتاق ئەمەلگە ئاشۇرۇشتەك مۇقەددەس بۇرچ بىزنى ئىلھاملاندۇرماقتا، ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ھاللىق تۇرمۇش ئۆتكۈزۈشتىن ئىبارەت گۈزەل ئىستىكى بىزنى چاقىرماقتا. بىز ئىشىنىمىزكى، ۋەكىللەر چوقۇم ۋاقىت ساقلاپ تۇرمايدۇ، دېگەن مەسئۇلىيەت ئېڭى، باش تارتىپ بولمايدىغان سىياسىي مەسئۇلىيەتچانلىق ۋە جاسارەتلىك ئالغا ئىلگىرىلەش روھى بىلەن، ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇن يۈكلىگەن مەسئۇلىيىتىنى ئەستايىدىل يۈرگۈزۈپ، خەلقنىڭ ئارزۇسى ۋە ساداسىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ، يىغىننىڭ تۈرلۈك قارالما ۋە ۋەزىپىلىرىنى تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاپ، تىرىشىپ بۇ قېتىمقى يىغىننى ئىرادىگە ئىلھام بېرىدىغان، روھنى ئۇرغۇتىدىغان، ئىتتىپاقلىشىپ ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان يىغىن قىلىپ ئاچىدۇ.

 يىغىننىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېچىلىشىغا تىلەكداشمىز! 

[مەريەمگۈل]
010020070830000000000000011100001359665931