سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

باش نىشاننى زىچ چۆرىدەپ، مەسئۇلىيىتىمىزنى ئاكتىپ ئادا قىلىمىز

مۇھەررىر: مەريەمگۈل
مەنبەسى: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-01-09

    سىياسىي كېڭەش شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11 – نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 5 – يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان ھەر مىللەت، ھەر ساھەدىكى ئەزالار 1 – ئاينىڭ 8 – كۈنى چۈشتىن كېيىن گۇرۇپپىلارغا بۆلۈنۈپ، دائىمىي كومىتېتنىڭ خىزمەت دوكلاتى ۋە تەكلىپ خىزمىتى دوكلاتىنى مۇزاكىرە قىلدى. ئەزالار كەڭ – كۇشادە پاراڭلىشىپ، قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئۆز ساھەسىگە بىرلەشتۈرگەن ئاساستا قانداق قىلىپ مەسئۇلىيىتىنى پائال ئادا قىلىش، ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا قاتنىشىش ۋە ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىش توغرىسىدا قىزغىن مۇزاكىرە قىلدى. ئەزالار مۇنداق دەپ قارىدى: ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش ۋە بارلىق سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى بىر يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مەركىزىي خىزمەتلىرىنى زىچ چۆرىدەپ، ئاكتىپ بولۇپ، يول ئېچىپ يېڭىلىق يارىتىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش، ئىجتىمائىي مۇقىملىق قاتارلىق مەركىزىي خىزمەتلىرىگە پائال تۆھپە قوشتى. يىڭى بىر يىلدا، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى چۆرىدەپ چارە – تەدبىر كۆرسىتىشنى سىياسىي كېڭەش خىزمىتىدىكى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، باش نىشاننى زىچ چۆرىدەپ، مەسئۇلىيىتىمىزنى تېخىمۇ ياخشى ئادا قىلىمىز.

    گۇرۇپپا مۇزاكىرىسىدىن بۇرۇن، سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى ئاپتونوم رايوننىڭ مۇقىملىقنى قوغداش خىزمىتى تېلېۋىزىيە – تېلېفون يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگەندى.

    ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى نۇرلان ئەبىلمەجىن ئاز سانلىق مىللەت ساھەسىدىكىلەرنىڭ گۇرۇپپا مۇزاكىرىسىگە قاتناشتى. ئۇ ئەزالارنىڭ سۆزىنى ئەستايىدىل ئاڭلىغاندىن كېيىن مۇنداق دېدى: بىر يىلدىن بۇيان ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ھەر دەرىجىلىك سىياسىي كېڭەش تەشكىلاتلىرى ۋە ھەر مىللەت، ھەر ساھەدىكى ئەزالار ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تەلىپى بويىچە، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، نۇقتىلىق مەسىلىلەرنى چۆرىدەپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، كېڭىشىپ، ئىناق مىللەتلەر مۇناسىۋىتى، ساغلاملىق، نامراتلارنى يۆلەش، ئاساسىي مائارىپ تەرەققىياتى قاتارلىق نۇقتىلىق مەسىلىلەر بويىچە پائال ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا قاتنىشىپ، ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىپ، باش نىشاننى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا ئەقىل – چارە كۆرسەتتى، ئەقىل ۋە كۈچىنى تەقدىم قىلدى، خىزمەتلەردە كۆرۈنەرلىك ئۈنۈم ھاسىل قىلىپ، پارتكوم، ھۆكۈمەتنىڭ تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈشىگە ئېرىشتى. بۇ نەتىجىلەرنىڭ قولغا كەلتۈرۈلۈشى ئاز سانلىق مىللەت ساھەسىدىكى ئەزالارنىڭ جاپالىق تىرىشچانلىقىدىن ئايرىلالمايدۇ.

    نۇرلان ئەبىلمەجىن مۇنداق دېدى: بۇنىڭدىن كېيىنكى خىزمەتلەردە ئاز سانلىق مىللەت ساھەسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش، كۈچنى مۇجەسسەملەش جەھەتلەردە داۋاملىق كۈچ چىقىرىشى كېرەك. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش›› پائالىيىتىنى ئورۇنلاشتۇردى، سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش›› پائالىيىتىنى يولغا قويۇشنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى تولۇق تونۇپ، ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىمىزنى ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى – تەرەققىياتى خىزمىتىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىسىنى باشلامچىلىق بىلەن ئىزچىللاشتۇرۇپ، ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىستراتېگىيە جەھەتتە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشى؛ ھەر مىللەت، ھەر ساھەدىكى سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى باشلامچىلىق بىلەن ئۈلگە بولۇپ، ئۆز ئەمەلىيىتىدە كۆرسىتىپ، ئىش ئورنىنى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى سەھنە بىلىپ، ئالاقە دائىرىسى كەڭ بولۇش ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى ئىلگىرى سۈرۈشتە كۈچلۈك ئاكتىپ كۈچنى مۇجەسسەملەپ، شىنجاڭنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى – تەرەققىياتى ئىشلىرىدا يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشى، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشى كېرەك.

    ئەزا تۇرغۇن ئىبراھىم مۇنداق دېدى: سىياسىي كېڭەش شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11 – نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 4 – يىغىنىغا بېرىلگەن تەكلىپلەرنىڭ بېجىرىلىش نىسبىتىنىڭ %100كە يېتىشى تەكلىپ بېجىرگۈچى ئورۇنلارنىڭ تەكلىپلەرگە يۈكسەك ئەھمىيەت بەرگەنلىكى، تەكلىپلەر ئىچىدىكى نۇرغۇن پىكىر ۋە تەۋسىيەنىڭ قوبۇل قىلىنىپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، پارتكومنىڭ تەدبىرلىرىدە، تەرەققىيات يىرىك پىلانىغا ئالاقىدار كونكرېت خىزمەتلەردە گەۋدىلەندۈرۈلگەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ. بۇ قېتىملىق يىغىن ئەزالارنىڭ فۇنكسىيەسىنى ئادا قىلىشىغا يېڭى تەلەپلەرنى قويدى، بۇنىڭدىن كېيىن، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى چۆرىدەپ، فۇنكسىيەمىزنى ئادا قىلىش ئىقتىدارىمىزنى كۈچەپ ئۆستۈرۈپ، ئەمەلىيەتنى چىقىش قىلىپ، باش نىشاننى چۆرىدەپ، چارە – تەدبىر كۆرسىتىمىز.

    ئەزا ئارزۇگۈل ئوبۇلقاسىم ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك تەجرىبە باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ‹‹قوش تىل›› ئوقۇتقۇچىسى، ئۇ خەلق تۇرمۇشى مەسىلىسىگە ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدۇ. ئۇ مۇنداق دېدى: دوكلاتتا مائارىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، داۋالاش قاتارلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى كۆپ قېتىم تەكىتلىنىپ، بىزنى ئىنتايىن خۇشال قىلدى. مەن بۇنىڭدىن كېيىن ئاساسىي قاتلام مائارىپ ئىشلىرىغا داۋاملىق كۆڭۈل بۆلۈپ، چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، چېتىلىش دائىرىسى كەڭ، سۈپەتلىك تەكلىپلەرنى بېرىشكە تىرىشىمەن، شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئوقۇتۇش سەۋىيەمنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ‹‹قوش تىل›› مائارىپى ئىشلىرىغا تېگىشلىك تۆھپە قوشىمەن. (تامام)

[مەريەمگۈل]
010020070830000000000000011100001359665921