سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

باش نىشاننى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى كۈچلۈك جامائەت پىكرى تىرىكىگە ئىگە قىلايلى

مۇھەررىر: مەريەمگۈل
مەنبەسى: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-01-09

    1 – ئاينىڭ 6 – كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگونىڭ شىنجاڭ ئاخباراتچىلار جەمئىيىتى 7 – نۆۋەتلىك كېڭىشىنىڭ 1 – يىغىنىغا قاتناشقان بارلىق ۋەكىللەر بىلەن كۆرۈشكەندە قىلغان سۆزى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت ئاخبارات خىزمەتچىلىرى ئارىسىدا قىزغىن ئىنكاس قوزغىدى، كۆپچىلىك بەس – بەستە ئۆزلىرىنىڭ قاراشلىرىنى، ئارزۇ – ئىستەكلىرىنى سۆزلەپ، تولۇق ئىشەنچ بىلەن كۆڭلىدىكى سۆزلىرىنى بايان قىلدى.

    ئاقسۇ گېزىتخانىسى بارلىق خىزمەتچىلەرنى تەشكىللەپ، چېن چۈەنگو شۇجىنىڭ سۆزىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى ۋە ئۆگەندى. ئاقسۇ ۋىلايەتلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، ئاقسۇ گېزىتخانىسى پارتكومىنىڭ شۇجىسى، باش مۇھەررىر جاڭ ۋېنيۇەن مۇنداق دېدى: پارتىيە تەشۋىقاتنى باشقۇرۇش، پارتىيە ئىدېئولوگىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيە تاراتقۇلارنى باشقۇرۇشتا باشتىن – ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، سىياسىي يۆنىلىشنى بىرىنچى ئورۇنغا قويىمىز. بەنزە قۇرۇلۇشى ۋە ئاخبارات كەسپى قوشۇنىنى كۈچەيتىشتە، ئەنئەنىۋى تاراتقۇلار بىلەن يېڭى تاراتقۇلارنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، يان تېلېفون گېزىتى، رەقەملىك گېزىت، ئۈندىدار سۇپىسى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەيمىز. شۇجى چېن چۈەنگونىڭ تەلىپىگە ئاساسەن ئىدىيە، مەزمۇن، ژانىر، شەكىل، ئۇسۇل، ۋاسىتە، كەسىپ ھالىتى، تۈزۈلمە، مېخانىزم قاتارلىقلاردا يېڭىلىق يارىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، باش نىشاننى چۆرىدەپ، ئاممىۋىلاشتۇرۇپ، پەرقلەندۈرۈپ تارقىتىپ، جامائەت پىكرىگە يېتەكچىلىك قىلىشتا يېڭى ۋەزىيەت يارىتىپ، ئاقسۇ توغرىسىدىكى ئىشلارنى ياخشى سۆزلەپ، ئاقسۇ ساداسىنى ياڭرىتىپ، رايون تەسىر كۈچىگە ئىگە بايراقدار ئاساسىي ئېقىم تاراتقۇسى بەرپا قىلىمىز.

    تارباغاتاي گېزىتخانىسىنىڭ مۇئاۋىن باش مۇھەررىرى پاڭ شۈمىن مۇنداق دېدى: ئاخبارات خىزمەتچىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، سىياسىي مەيدانىمنى مۇستەھكەملەپ، سىياسىي جەھەتتە تەربىيەلىنىشنى داۋاملىق كۈچەيتىپ، پارتىيە گېزىتىنى ياخشى چىقىرىش ئېڭىمنى ئۆستۈرۈپ، توغرا سىياسىي يۆنىلىش، جامائەت پىكرى يۆنىلىشى، ئاخبارات مەقسىتى، خىزمەت يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزىنى قەتئىي قوغداپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىشتىكى ئومۇمىي تەدبىرىنى قەتئىي دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرىمەن. مۇھىم ئۆتكەلدە قابىلىيەتنى ئىشقا سېلىشقا، ھالقىلىق پەيتتە سىناقلارغا بەرداشلىق بېرىشكە توغرا كېلىدۇ. شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىدىن ئىبارەت باش نىشاننى ھەر ۋاقىت ئېسىمدە چىڭ ساقلاپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ياخشى تەشۋىق قىلىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرىمەن.

    شىنجاڭ ئاخباراتچىلار جەمئىيىتى 7 – نۆۋەتلىك كېڭىشىنىڭ 1 – يىغىنىغا قاتنىشىپ، ئەمدىلا قەشقەرگە قايتىپ كەلگەن قەشقەر گېزىتخانىسى پارتكومىنىڭ شۇجىسى، باش مۇھەررىر ليۇ يىبىڭ مۇنداق دېدى: گېزىتخانىمىزدىكى بارلىق ئاخباراتچىلارنى يېتەكلەپ، شۇجى چېن چۈەنگونىڭ سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، توغرا سىياسىي يۆنىلىشتە، جامائەت پىكرى يۆنىلىشىدە، ئاخبارات مەقسىتىدە، خىزمەت يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، ئاخبارات خىزمەتچىلىرىنىڭ زىممىسىگە ئالغان مەسئۇلىيەت ۋە بۇرچنى ھەقىقىي ئادا قىلىپ، شىنجاڭ توغرىسىدىكى ئىشلارنى ياخشى سۆزلەپ، شىنجاڭ ساداسىنى تارقىتىپ، ئاساسىي مىلودىيەنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئاكتىپ كۈچ تارقىتىپ، تىرىشىپ ئېچىۋېتىلگەن، باي، ئىناق، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇش ئۈچۈن ياخشى جامائەت پىكرى كەيپىياتى يارىتىمىز.

    ئاپتونوم رايونلۇق 18 – نۆۋەتلىك ‹‹10 مۇنەۋۋەر ئاخباراتچى›› بولۇپ باھالانغان ئىلى گېزىتخانىسى خەنزۇ تەھرىر بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى خەن شىنيۇڭ مۇنداق دېدى: شۇجى چېن چۈەنگونىڭ سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاساسىي قاتلامغا، بىرىنچى سەپكە چوڭقۇر چۆكۈپ، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ساداسىنى ھەممە ئائىلىگە يەتكۈزۈپ، ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ باش نىشاننى چۆرىدەپ، ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلغانلىقى توغرىسىدىكى ئىش – ئىزلىرىنى ئاخبارات ئەسەرلىرى ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ ئوقۇرمەنگە يەتكۈزۈپ، ئەقىل – پاراسىتىمىز ۋە قان – تەرىمىز ئارقىلىق ئىدىيەۋىلىكى ياخشى، تەسىر كۈچى بار، سۈپەتلىك ئاخبارات ئەسەرلىرىنى يېزىپ چىقىمىز.

    بورتالا گېزىتخانىسى مۇخبىرلار بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ئاۋكا مۇنداق دېدى: شۇجى چېن چۈەنگونىڭ سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش ئارقىلىق بېسىم ۋە مەسئۇلىيەتنى چوڭقۇر ھېس قىلدىم. بىز بۇ بېسىمنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچكە ئايلاندۇرۇپ، مەركەزنى چۆرىدەپ، ئومۇمىيەت ئۈچۈن خىزمەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئاكتىپ كۈچ تارقىتىمىز. داۋاملىق ئۆگىنىش ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىش ئارقىلىق ئاخبارات خىزمىتى ئىقتىدارىمىز ۋە سەۋىيەرىمىزنى ئۆستۈرۈپ، كەسىپ ئەخلاقىغا رىئايە قىلىپ، دەۋر تەرەققىياتىنى ئومۇميۈزلۈك، ئوبيېكتىپ خاتىرىلەپ، پارتىيەنىڭ ئاخبارات جامائەت پىكرى خىزمەت مەسئۇلىيىتى ۋە بۇرچىنى ھەقىقىي ئادا قىلىپ، باش نىشانغا يېتىش ئۈچۈن كۈچ قوشىمىز.

    شۇجى چېن چۈەنگونىڭ سۆزى قىزىلسۇ گېزىتخانىسىنىڭ مۇخبىرى گۈلمىرە مۇساغا چوڭقۇر ئىلھام بەردى. ئۇ ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: زىممەمدىكى بۇرچ ۋە مەسئۇلىيەتنىڭ كۈندىن – كۈنگە ئېغىرلاشقانلىقىنى ھېس قىلدىم. ئاخبارات خىزمەتچىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن توغرا جامائەت پىكرى يۆنىلىشىدە باشتىن – ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ساداسى ۋە ئىللىقلىقىنى ئاساسىي قاتلامدىكى ئاممىغا ئۆز ۋاقتىدا يەتكۈزىمەن، مۇشۇنداق قىلغاندىلا پارتىيە ۋە دۆلەتكە، ئاخبارات ئىشلىرىغا يۈز كېلەلەيمەن.

    تولى ناھىيەلىك تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ مۇخبىرى دارقان مۇنداق دېدى: شۇجى چېن چۈەنگونىڭ سۆزىدىن مەسئۇلىيىتىمىزنىڭ ئېغىر، بۇرچىمىزنىڭ شەرەپلىك ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر ھېس قىلدۇق. بىز چوقۇم شۇجى چېن چۈەنگونىڭ سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، باش نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىمىز، پارتىيەنىڭ ئاخبارات ئىشلىرىنى گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن كۈچ قوشىمىز. سىياسىي ئېڭىمىزنى، يېتەكلەش ئېڭىمىزنى، ئومۇمىيەت ئېڭىمىزنى، يېڭىلىق يارىتىش ئېڭىمىزنى، بۇرچ ئېڭىمىزنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىدىن ئىبارەت باش نىشاننى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن ياخشى جامائەت پىكرى كەيپىياتى يارىتىپ، كۈچلۈك مەنىۋى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ بىلەن تەمىنلەيمىز.(تامام)

[مەريەمگۈل]
010020070830000000000000011100001359665901