سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

سىياسىي كېڭەش شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11–نۆۋەتلىك كومىتېتى 5–يىغىنىنىڭ تەكلىپ خىزمىتى لايىھەسى بېكىتىلدى

مۇھەررىر: مەريەمگۈل
مەنبەسى: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-01-09

  سىياسىي كېڭەش شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11 – نۆۋەتلىك كومىتېتى 5 – يىغىنىنىڭ تەكلىپ تەكشۈرۈش كومىتېتى 1 – ئاينىڭ 8 – كۈنى چۈشتىن بۇرۇن يىغىن ئېچىپ، ‹‹سىياسىي كېڭەش شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11 – نۆۋەتلىك كومىتېتى 5 – يىغىنىنىڭ تەكلىپ خىزمىتى لايىھەسى››نى قاراپ چىقىپ ماقۇللىدى. يىغىندا، ئەزالارنىڭ تەكلىپ بېرىش ۋاقتىنىڭ 2017 – يىل 1 – ئاينىڭ 10 – كۈنى بېيجىڭ ۋاقتى چۈشتىن كېيىن سائەت 18 گىچە بولىدىغانلىقى قارار قىلىندى.

 ‹‹سىياسىي كېڭەش شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11 – نۆۋەتلىك كومىتېتى 5 – يىغىنىنىڭ تەكلىپ خىزمىتى لايىھەسى››دە مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيى، ج ك پ 18 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 3 –، 4 –، 5 –، 6 – ئومۇمىي يىغىنى ۋە ج ك پ ئاپتونوم رايونلۇق 9 – قۇرۇلتىيى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنى، ئاپتونوم رايوننىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداش خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، ‹‹بەش چوڭ تەرەققىيات›› ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇھىم قارار، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى چۆرىدەپ، ‹‹13 – بەش يىللىق يىرىك پىلان››نى يولغا قويۇش ۋە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش مۇھىم ۋەزىپىسىنى ئورۇنداش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش قاتارلىق مەسىلىلەر ۋە ئامما ئومۇميۈزلۈك كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان رېئال مەسىلىلەرنى نۇقتىلىق چىڭ تۇتۇپ، تېمىنى كۆڭۈل قويۇپ تاللاپ، چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، تەھلىل يۈرگۈزۈلگەن ۋە كونكرېت تەدبىر ئوتتۇرىغا قويۇلغان يۇقىرى سۈپەتلىك تەكلىپلەرنى بېرىشى كېرەك. تەكلىپلەر چوقۇم ئەستايىدىل ۋە مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن بېرىلىشى، ئىلمىي ۋە يولغا قويۇشقا بولىدىغان بولۇشى، بىر تەكلىپتە بىرلا ئىش ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى، ھەقىقەت ئەمەلىيەتتىن ئىزدەلگەن، مەزمۇنى ئىخچام، چۈشىنىشلىك بولۇشى كېرەك.

 ‹‹سىياسىي كېڭەش شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11 – نۆۋەتلىك كومىتېتى 5 – يىغىنىنىڭ تەكلىپ خىزمىتى لايىھەسى››دە تەكلىپلەرنى سۇنۇش شەكلى ۋە ئاساسىي تەلەپ، تەكلىپ تەكشۈرۈش، بېجىرىش، تۇرغۇزۇش شەرتلىرى ئېنىق بېكىتىلدى. تەكلىپ خىزمىتى خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ دائىملىق خىزمىتى، ئەزالار، پارتىيە – گۇرۇھلار، سىياسىي كېڭەشنىڭ مەخسۇس كومىتېتلىرى تەكلىپ بېرىش ۋاقتى توشقاندىن كېيىنمۇ داۋاملىق تەكلىپ سۇنسا بولىدۇ، تەكلىپ تەكشۈرۈش كومىتېتى تەكشۈرۈپ، تەكلىپ قىلىپ تۇرغۇزغاندىن كېيىن مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنىڭ بېجىرىشىگە يوللايدۇ.

 ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى چېڭ جېنشەن يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.(تامام)

[مەريەمگۈل]
010020070830000000000000011100001359665851