سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 12 – نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 5 – يىغىنىنىڭ قارالمىسى

مۇھەررىر: مەريەمگۈل
مەنبەسى: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-01-09

    (2017 – يىل 1 – ئاينىڭ 8 – كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 12 – نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى5 – يىغىنى تەييارلىق يىغىنىدا ماقۇللاندى)

    1.ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلاش ۋە قاراپ چىقىش؛

    2. ئاپتونوم رايوننىڭ 2016 – يىللىق خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانىنىڭ ئىجراسى ھەم ئاپتونوم رايوننىڭ 2017 – يىللىق خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلان لايىھەسى توغرىسىدىكى دوكلاتنى تەكشۈرۈش ۋە تەستىقلاش؛

    ئاپتونوم رايوننىڭ 2017 – يىللىق خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانىنى تەستىقلاش؛

    3. ئاپتونوم رايوننىڭ 2016 – يىللىق خامچوتىنىڭ ئىجراسى ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ 2017 – يىللىق خامچوت لايىھەسى توغرىسىدىكى دوكلاتنى تەكشۈرۈش ۋە تەستىقلاش؛

    ئاپتونوم رايوننىڭ 2017 – يىللىق شۇ دەرىجىلىك خامچوتىنى تەستىقلاش؛

    4.ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلاش ۋە قاراپ چىقىش؛

    5. ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلاش ۋە قاراپ چىقىش؛

    6.ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلاش ۋە قاراپ چىقىش؛

    7.سايلام ئىشلىرى.

[مەريەمگۈل]
010020070830000000000000011100001359665561