سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

ئېلىمىزنىڭ يېزائىگىلىك قۇرۇلمىسىنى تەڭشەشتە بۇيىل بەش ئىش نۇقتىلىق چىڭ تۇتۇلىدۇ

مۇھەررىر: ئابىدە
مەنبەسى: شىنجاڭ گېزىتى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-01-09

    يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى خەن چاڭفۇ 2016 – يىلى 19 – دېكابىر مۇنداق دېدى: يېڭى بىر نۆۋەتلىك يېزا ئىگىلىك قۇرۇلمىسىنى تەڭشەش خىزمىتى ياخشى باشلاندى، بىراق سەرخىللاشتۇرۇش، يۈكسەلدۈرۈش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىن خېلىلا يىراقتا. بازار ئېھتىياجى بىلەن تەمىنلەش ماس كەلمەسلىك، دېھقانچىلىق بىلەن چارۋىچىلىقنىڭ بىرىكىشى زىچ بولماسلىق، تېرىقچىلىق بىلەن باقمىچىلىقنىڭ ئۆزئارا تولۇقلاشچانلىقى راۋان بولماسلىق، كەسىپ زەنجىرى قىسقا بولۇش، رايون ئورۇنلاشتۇرۇلمىسى مۇۋاپىق بولماسلىقتەك مەسىلىلەر يەنىلا گەۋدىلىك؛ دېھقانلار ئارىسىدا ‹‹تەڭشەشنى خالىماسلىق، تەڭشەشنى بىلمەسلىك، تەڭشەشكە جۈرئەت قىلالماسلىق›› مەسىلىسى مەۋجۇت. بازار ئېھتىياجىغا ماسلىشىپ، بازارغا لايىق يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىپ، ھەم ئىشلەپچىقىرالايدىغان، ھەم ساتالايدىغان بولۇشقا كاپالەتلىك قىلىش، ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت سۇبيېكتىنىڭ ئاكتىپلىقى ۋە ئىجادچانلىقىنى قوزغاپ، دېھقانلارنى تەڭشەشنى خالايدىغان، تەشەببۇسكارلىق بىلەن تەڭشەيدىغان قىلىش كېيىنكى قەدەمدىكى قۇرۇلمىنى تەڭشەشنىڭ ئاچقۇچى.

    ئۇ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ئېلىمىزنىڭ يېزا ئىگىلىك قۇرۇلمىسىنى تەڭشەشتە بۇ يىل مۇنداق بەش ئىش نۇقتىلىق چىڭ تۇتۇلىدۇ:

    كۆممىقوناق تېرىلغۇ كۆلىمى داۋاملىق ئازايتىلىدۇ. 2016 – يىلى كۆممىقوناق تېرىلغۇ كۆلىمى 30 مىليون مو ئەتراپىدا ئازايتىلدى، مۇشۇ ئاساستا بۇ يىل ئەۋزەللىكى بولمىغان رايونلاردا تېرىلغۇ كۆلىمى يەنە 10 مىليون مو ئازايتىلىدۇ.

    باقمىچىلىق بىلەن سۈتچىلىك كۈچەپ گۈللەندۈرۈلىدۇ. باقمىچىلىق رايون ئورۇنلاشتۇرۇلمىسى سەرخىللاشتۇرۇلىدۇ. سۈپەتلىك سۈت بازىسى قۇرۇلۇپ، ئېلىمىز بويىچە سۈتچىلىك ساھەسىدىكى 20 كۈچلۈك كارخانا چىڭ تۇتۇلۇپ، ئېلىمىزنىڭ كۇرۇسلۇق مەھسۇلاتلىرى يېتىشتۈرۈلۈپ، سۈتچىلىك كەسپى گۈللەندۈرۈلىدۇ.

    بېلىقچىلىقتا مىقدارنى ئازايتىپ، كىرىمنى كۆپەيتىش ۋە بايلىق مەنبەسىنى قوغداش ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ. ساغلام باقمىچىلىق كېڭەيتىلىپ، رايون ئورۇنلاشتۇرۇلمىسى سەرخىللاشتۇرۇلۇپ، بېقىش زىچلىقى ئازايتىلىپ، سېلىنمىسى يۇقىرى، بۇلغىنىشى ئېغىر سۇ مەھسۇلاتلىرى باقمىچىلىق كۆلىمى ئازايتىلىدۇ.

    ئەۋزەل خاس كەسىپلەر زورايتىلىدۇ ۋە كۈچەيتىلىدۇ. رايون خاراكتېرلىك ئەۋزەل خاس يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى كۈچەپ راۋاجلاندۇرۇلىدۇ. يېزا ئىگىلىكىدە كەسىپلەر بويىچە يۆلەشكە بىرلەشتۈرۈلۈپ، يەرلىك بايلىق ئەۋزەللىكى جارى قىلدۇرۇلۇپ، يەرلىك خاس كۆكتات، مېۋە – چىۋە، چاي، گۈل، يېمەكلىك زەمبۇرۇغى، چارۋا، ئۆي قۇشلىرى قاتارلىق كەسىپلەرنى راۋاجلاندۇرۇش تېزلىتىلىدۇ.

    يېزىلاردا ئىگىلىك تىكلەش ۋە يېڭىلىق يارىتىش تېز ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ. دېھقان ئىشلەمچىلەر، ئىستۇدېنتلار، ھەربىيدىن چېكىنگەنلەر، دېھقانچىلىق تېخنىكلىرىنىڭ يۇرتىغا قايتىپ ۋە يېزىلارغا بېرىپ ئىگىلىك تىكلەش، يېڭىلىق يارىتىشىغا ياردەم بېرىش مۇھىم نۇقتا قىلىنىپ، سىياسەت جەھەتتىن قوللاش كۈچەيتىلىپ، ئىگىلىك تىكلەش ۋە يېڭىلىق يارىتىش بويىچە تەربىيەلىنىپ، سەھرا ساياھەتچىلىكى ۋە دېھقانچىلىققا ئائىت تور سودىسى قاتارلىق گۈللەنمە كەسىپلەرنىڭ يېڭى ھالىتى ۋە يېڭى ئەندىزىسىگە مەدەت بېرىلىدۇ، ئالاقە تورى بىلەن بىرىككەن زامانىۋى يېزا ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىياتى تېزلىتىلىپ، ئىگىلىك تىكلەش بىلەن يېڭىلىق يارىتىش يېزا ئىگىلىكى ۋە يېزىلار تەرەققىياتىدىكى يېڭى تۈرتكىگە ئايلاندۇرۇلىدۇ.

    شىنخۇا ئاگېنتلىقى

[ئابىدە]
010020070830000000000000011100001359665391