سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

جۇڭگو-سىرىلانكا سانائەت باغچىسىغا رەسمىي ئۇل سېلىندى

مۇھەررىر: ئابىدە
مەنبەسى: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-01-09

    شۇ يەر ۋاقتى 2017-يىلى 7-يانۋار، سىرىلانكا زۇڭلىسى ۋىكرېمېسىڭخې (ئالدى ئوڭدا) سىرىلانكىنىڭ خامبان توتادىكى جۇڭگو-سىرىلانكا سانائەت باغچىسىغا ئۇل سېلىش مۇراسىمىدا جۇڭگونىڭ سىرىلانكىدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى يى شيەنلياڭ (ئالدى سولدا) بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشتى. جۇڭگو-سىرىلانكا سانائەت باغچىسىغا ئۇل سېلىش مۇراسىمى 7-يانۋار سىرىلانكىنىڭ جەنۇبىدىكى خامبان توتادا ئۆتكۈزۈلدى. سىرىلانكا زۇڭلىسى ۋىكرېمېسىڭخې بىلەن جۇڭگونىڭ سىرىلانكىدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى يى شيەنلياڭ بىرلىكتە سانائەت باغچىسىنىڭ يوپۇقىنى ئاچتى، بۇ ئىككى دۆلەتنىڭ زور ھەمكارلىق تۈرىنىڭ رەسمىي باشلانغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.‏(تامام)‏

 

[ئابىدە]
010020070830000000000000011100001359665301