سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق باشقۇرۇشنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك

مۇھەررىر: مەريەمگۈل
مەنبەسى: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-01-09

    ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو 1 – ئاينىڭ 6 – كۈنى ئاپتونوم رايوننىڭ ئۆلكە باشلىقى دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار يىغىنىدا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ج ك پ 18 – نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ 7 – ئومۇمىي يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش توغرىسىدا مۇنداق تەكىتلىدى: ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك، ھەر قايسى تارماقلار باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق باشقۇرۇشنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ياخشى خىزمەت نەتىجىلىرى بىلەن پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېچىلىشىنى كۈتۈۋېلىشى كېرەك.

    ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن شۆھرەت زاكىر، نەيىم ياسىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، جۇ خەيلۇن، لى پېڭشىن، شاۋكەت ئىمىن، ئەركىنجان تۇراخۇن، لى شۆجۈن، ما شۆجۈن، تيەن ۋېن، سارقىت ئاقان قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.

    چېن چۈەنگو مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ج ك پ 18 – نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ 7 – ئومۇمىي يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزى دەۋر تەرەققىياتى ۋە ئىستراتېگىيە ئومۇمىيىتى يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، بىر يىلدىن بۇيانقى، بولۇپمۇ پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدە قولغا كەلتۈرۈلگەن روشەن نەتىجىلەرنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى، ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق باشقۇرۇش، پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈشتىكى ئومۇمىي تەلەپ ۋە ئاساسلىق ۋەزىپىلەرنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويدى، ئۇ ماركسىزمچە پارتىيە قۇرۇش تەلىماتىنىڭ يېڭى تەرەققىياتى، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق باشقۇرۇش ئوقۇشلۇقى، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش يېڭى ئىدىيەسى، يېڭى تەپەككۇرى، يېڭى ئىستراتېگىيەسىنىڭ يېڭى نەتىجىسى، پارتىيە قۇرۇلۇشىدىكى يېڭى ئۇلۇغ قۇرۇلۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش سەپەرۋەرلىك بۇيرۇقى بولۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق باشقۇرۇشتىكى قەتئىي ئىرادىسى، پارتىيە ۋە ۋەتەن ئۈچۈن قۇربان بولۇش، پارتىيە ۋە ۋەتەن يولىدا پىداكارلىق كۆرسىتىش ئۇلۇغۋار جاسارىتىنى تولۇق نامايان قىلىپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق باشقۇرۇشنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى مۇھىم قوللانما ۋە قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ بىلەن تەمىنلىدى. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك، ھەر قايسى تارماقلار ۋە پارتىيەلىك كادىرلار باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ج ك پ 18 – نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ 7 – ئومۇمىي يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇشنى مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە دەپ بىلىپ، ئەستايىدىل ياخشى ئۆگىنىپ، روھىي ماھىيىتىنى ئىگىلىشى، ئىدىيە ۋە تونۇشتا بىرلىككە كېلىشى؛ كەڭ ۋە ياخشى تەشۋىق قىلىپ، ياخشى كەيپىيات يارىتىشى ۋە قۇدرەتلىك بىرىكمە كۈچ توپلىشى؛ ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق باشقۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشى ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ مۇقىم تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك.

    چېن چۈەنگو مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ج ك پ 18 – نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ 7 – يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش بىلەن باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇشنى بىرلەشتۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەركەزنىڭ 2 – قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزى بىلەن شىنجاڭنى كۆزدىن كەچۈرگەندە بەرگەن مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇشنى بىرلەشتۈرۈپ، پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇشنى چىڭىتىپ، پارتىيە ئىچىدىكى نازارەتچىلىكنى، ئىنتىزام ئىجراسى ۋە مەسئۇلىيەتنى سۈرۈشتۈرۈشنى نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىپ، ‹‹تۆت خاھىش››نى ئۈزلۈكسىز تۈزىتىپ، يۇقىرى بېسىم ۋەزىيىتىنى داۋاملىق شەكىللەندۈرۈپ، پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي ئېكولوگىيەنى ساپلاشتۇرۇپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق باشقۇرۇشنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى كۈچلۈك كاپالەت بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

    بىرىنچىدىن، ئىدىيە ۋە تونۇشتا بىرلىككە كېلىش كېرەك. ج ك پ 18 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6 – ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ‹‹يېڭى ۋەزىيەتتىكى پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇش توغرىسىدىكى بىر قانچە مىزان›› ۋە ‹‹جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ پارتىيە ئىچىدىكى نازارەتچىلىك نىزامى››نى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق باشقۇرۇش توغرىسىدىكى قارار – ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ئاساسىدا ھەقىقىي بىرلىككە كەلتۈرۈپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق باشقۇرۇشنى شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ ھەر قايسى تەرەپلىرىدە قەتئىي تەۋرەنمەي ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك.

    ئىككىنچىدىن، سىياسىي ئىنتىزامغا قاتتىق رىئايە قىلىش كېرەك. سىياسىي ئاڭ، ئومۇمىيەت ئېڭى، يادرو ئېڭى ۋە بىردەكلىك ئېڭىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، ئىدىيە جەھەتتە، سىياسەت جەھەتتە ۋە ھەرىكەت جەھەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزىنى قەتئىي قوغداپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تۈرلۈك قارار – ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ شىنجاڭدا چوڭقۇر ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈشىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

    ئۈچىنچىدىن، ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەشتە چىڭ تۇرۇش كېرەك. پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق باشقۇرۇشتا قولغا كەلتۈرۈلگەن مۇھىم باسقۇچلۇق نەتىجىلەرنى، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدە ھەممىنى بېسىپ چۈشۈش خاراكتېرلىك ۋەزىيەتنىڭ شەكىللەنگەنلىكىنى كۆرۈۋېلىش، شۇنداقلا پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق باشقۇرۇشنىڭ مەڭگۈ داۋاملىشىدىغانلىقىنى سەگەكلىك بىلەن تونۇپ يېتىش كېرەك. بوشاشماي دائىملىق تۇتۇش، ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەش، كەسكىن بولۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، ئەمەلىي بولۇشنى كاپالەت ئاساسى قىلىش، قەدەممۇ قەدەم چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئىشنى ۋايىغا يەتكۈزۈشتە چىڭ تۇرۇش، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق باشقۇرۇشنىڭ سىستېمىلىقى، ئىجادىيلىقى ۋە ئەمەلىي ئۈنۈمىنى كۈچەيتىش كېرەك.

    تۆتىنچىدىن، غايە ۋە ئېتىقادنى چىڭىتىش كېرەك. ئىدىيەۋى، سىياسىي قۇرۇلۇشنى كۈچەيتىشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، روھىي ئوزۇقنى تولۇقلاپ، ئىدىيەنى مۇستەھكەملەپ، كوممۇنىزم ئۇلۇغۋار غايىسى ۋە جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئورتاق غايىسىدە باشتىن – ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەۋىلىك جەھەتتىن تەربىيەلىنىشنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش؛ جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى ئاڭلىق ئۆگىنىپ، ئۇنىڭدىن تەسىرلىنىپ ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىپ، قەتئىي مەدەنىيەت ئىشەنچىنى سىياسىي ئىرادىگە تىرەك قىلىش كېرەك.

    بەشىنچىدىن، ئىستىلنى داۋاملىق ئۆزگەرتىش كېرەك. ئىستىل قۇرۇلۇشىنى مىخ قېقىش روھى بىلەن ئاداققىچە چىڭ تۇتۇپ، مەركەزنىڭ ‹‹سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمە››سى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ‹‹ئون تۈرلۈك بەلگىلىمە››سىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كۈندىلىك باشقۇرۇش ۋە نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىپ، بالدۇر تۇتۇپ، كىچىكىدىن تۇتۇپ، بىخ ھالىتىدە يوقىتىپ، ‹‹تۆت خاھىش››نى ئۈزلۈكسىز تۈزىتىش كېرەك.

    ئالتىنچىدىن، توغرا يۆنىلىشنى تۇرغۇزۇش كېرەك. نۆۋەت ئالماشتۇرۇش تۈزۈمىنى چىڭىتىپ، ياخشىلىرى ئىچىدىن ئەلالىرىنى تاللاشقا كاپالەتلىك قىلىپ، ياخشى سىياسىي ئېكولوگىيە بەرپا قىلىپ، سىياسىي جەھەتتە، ئىقتىدار جەھەتتە، ئىستىل جەھەتتە، پىسخىكا جەھەتتە كۈچلۈك بولغان يۇقىرى ساپالىق كادىرلار قوشۇنىنى تىرىشىپ قۇرۇش كېرەك. مەسئۇلىيەتنى سادىقلىق بىلەن ئادا قىلىش، چىڭ تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەش، مەسئۇلىيەتنى دادىللىق بىلەن ئۈستىگە ئېلىش، پۇختا ۋە جاپاغا چىداپ ئىشلەشتىن ئىبارەت خىزمەت ئىستىلىنى كۈچەپ ئەۋج ئالدۇرۇش كېرەك. ‹‹جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ مەسئۇلىيەتنى سۈرۈشتۈرۈش نىزامى››نى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى پۇرسەت ۋە ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ دەپ بىلىپ، ۋەزىپىسى ۋە مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلماسلىق قىلمىشلىرىدا مەسئۇلىيەتنى قاتتىق سۈرۈشتۈرۈپ، مەسئۇلىيىتى بارلارنى چوقۇم سۈرۈشتۈرۈش، مەسئۇلىيەتنى قاتتىق سۈرۈشتۈرۈشتىن ئىبارەت بۇ كۈچلۈك ئۇچۇرنى تارقىتىپ، كادىرلارنى ئىستىلنى ئۆزگەرتىشكە قىستاش كېرەك.

    يەتتىنچىدىن، كۆزىتىشتىن ئىبارەت بۇ ئۆتكۈر شەمشەردىن ياخشى پايدىلىنىش كېرەك. كۆزىتىشنى پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى كۈچەيتىشتىكى كۈچلۈك ۋاسىتە قىلىپ، كۆزىتىش ۋە تۈزىتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، كۆزىتىش مۇھىم نۇقتىلىرىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، كۆزىتىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كۆزىتىش نەتىجىلىرىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، كۆزىتىش خىزمىتىنى قېلىپلاشتۇرۇش، تۈزۈملەشتۈرۈش ۋە دائىملاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

    سەككىزىنچىدىن، پارتىيە ئىچىدىكى نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىش كېرەك. دائىملىق ۋە ئەبەدىي تۇتۇشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇش مىزانى ۋە پارتىيە ئىچىدىكى نازارەتچىلىك نىزامىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە ئىچىدىكى نازارەتچىلىكنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، دېموكراتىيە – مەركەزلەشتۈرۈش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، تەنقىد ۋە ئۆز – ئۆزىنى تەنقىد قىلىشتىن ئىبارەت بۇ قورالدىن ياخشى پايدىلىنىپ، يۇقىرىدىن تۆۋەنگە قارىتىلغان تەشكىلىي نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىپ، تۆۋەندىن يۇقىرىغا قارىتىلغان دېموكراتىك نازارەتچىلىكنى ياخشىلاپ، ئوخشاش دەرىجىلىكلەرنىڭ ئۆزئارا نازارەت قىلىش رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، پارتىيە ئىچىدىكى ئاكتىپ كۈچنى زورايتىش كېرەك.

    توققۇزىنچىدىن، ‹‹ئىككى مەسئۇلىيەت››نى ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتكوم (پارتگۇرۇپپا)لار پارتىيەنى قاتتىق باشقۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيەتنى ھەقىقىي ئۈستىگە ئېلىپ، پارتكوم (پارتگۇرۇپپا) شۇجىسى ‹‹بىرىنچى مەسئۇل كىشى››لىك ۋەزىپىسىنى ئەستايىدىل ئادا قىلىپ، ھەقىقىي چىڭ تۇتۇشى ۋە باشقۇرۇشى، چىڭ تۇتۇش ۋە باشقۇرۇشتا دادىل بولۇشى، دائىم چىڭ تۇتۇشى ۋە باشقۇرۇشى؛ ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتلىرى نازارەتچىلىك مەسئۇلىيىتىنى ياخشى ئادا قىلىپ، زېھنىنى ئاساسىي كەسىپكە مۇجەسسەملىشى ۋە ئىنتىزام ئىجراسىنى نازارەت قىلىشى كېرەك.

    ئونىنچىدىن، قوشۇن قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش كېرەك. ‹‹فۇنكسىيە، ئۇسۇل ۋە ئىستىلنى ئۆزگەرتىش››نى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ۋەزىپىنى ئادا قىلىش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، سادىق، پاك، زىممىسىگە ئالىدىغان ئىنتىزام – مەمۇرىي تەپتىش كادىرلار قوشۇنىنى تىرىشىپ بەرپا قىلىش كېرەك.

    ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى، خەلق ھۆكۈمىتى، سىياسىي كېڭەش، شىنجاڭ ھەربىي رايونى رەھبەرلىك بەنزىسىنىڭ ئەزالىرى، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرى، ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، مەمۇرىي تەپتىش نازارىتى بەنزىسىنىڭ ئەزالىرى يىغىنغا قاتناشتى.(تامام)

[مەريەمگۈل]
010020070830000000000000011100001359665291